قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (28)

تۆۋەندە سۈرە مەريەمنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

774288
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (28)

سۈرە مەريەم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى 16 ــ ئايەتتىكى «وَاذْكُرْ فِي الْكِتَابِ مَرْيَمَ» «كىتاپتا مەريەمنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلغىن» دېگەن ئايەتتىن ئېلىنغان. بۇمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا «مەريەم تىلغا ئىلىنغان سۈرە» دېگەننى كۆرسىتىدۇ

نازىل بولغان ۋاقتى:

بۇ سۈرە ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلىش ۋەقەسىدىن ئىلگىرى نازىل بولغان بولۇپ، ئىشەنچىلىك رىۋايەتلەردىن مەلۇمكى، مۇھاجىر مۇسۇلمانلار نەجاشىنىڭ ئالدىغا چاقىرىتىلغاندا، ھەزرىتى جەئفەر رەزىييەللاھۇ ئەنھۇ بۇ سۈرىنى پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئىچىدىلا تىلاۋەت قىلىپ بەرگەن ئىدى. 

تارىخى ئارقا كۆرىنىشى:

بۇ سۈرە نازىل بولىۋاتقان دەۋردىكى ئەھۋاللار ئۈستىدە بىز ئىلگىرى سۈرە كەھىفنىڭ قىسقىچە چۇشەندۈرىلىشىدىمۇ بىر قۇر توختۇلۇپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئەمما ئۇ مۇشۇ دەۋردە نازىل بولغان بارلىق سۈرىلەرنى چۈشىنىشكە تولۇق يارىدەمچى بولالمايتتى. شۇڭلاشقا تۆۋەندە بىز دەل ئەشۇ چاغدىكى ئەھۋاللار ئۈستىدە تەپسىلى توختۇلۇپ ئۆتىمەكچىمىز.

 قۇرەيش كاتىۋاشلىرى ئىسلام ھەركىتىگە تاقابىل تۇرۇشتا مەسىخىرە قىلىش، قورقۇتۇش، ئالداش، يالغان تۆھمەتلەرنى تارقىتىش قاتارلىقلارنى قوللۇنۇپمۇ نەتىجە قازىنالمىغاندىن كىيىن  ئۇرۇپ ـ تىللاپ، زۇلۇم ـ سىتەم قىلىش ۋە ئىقتىسادىي بىسىم ئاستىغا ئېلىش ۋاستىلىرىگە تايىنىشقا باشلىدى. ھەر قايسى قەبىلىلەر ئۆز ئىچىدىكى يېڭى مۇسۇلمان بولغانلارنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن قىيىن ـ قىستاققا ئېلىشقا، قاماپ قويۇپ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق بىلەن قىيناشقا باشلىدى. ھەتتا جىسمانىي جەھەتتىن  قاتتىق ئازاپلاش ئارقىلىق ئىسلامدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلاپ باقتى. خۇسۇسەن قىلىپ ئېيتقاندا، پادىچى، ياكى قۇرەيشنىڭ قۇللىقى ئاستىدىكى بىر قىسىم كەمبەغەل ساھابىلەر ئىنتايىن قاتتىق ئىزىلىشكە دۇچار بولدى. بۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇممى ئەبىسە رەزىيەللاھا ئەنھا، زىننىيرە رەزىيەللاھا ئەنھا، ئامىر ئىبنى فەھىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئەممار ئىبنى ياسىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى قاتالىقلارنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. كۇپپارلار ئۇلارنى ئۇرۇپ يېرىم جان قىلىپ قوياتتى. قاماقتا ئاچ ھەم ئۇسسۇز قوياتتى. مەككىنىڭ چوغدەك پىژ ــ پىژ قوملىقىدا يالاڭ ئاياق ماڭدۇراتتى ۋە ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇپ، قانچە سائەتلەرگىچە كۆكرىكى ئۈستىگە ئىغىر تاش ئارتىپ ئازاپلايتتى. ھۇنەرۋەن ساھابىلەرنى بولسا، ئىش قىلدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن پۇلىنى بەرمەي قىينايتتى.

سەھىھ مۇسلىم بىلەن سەھىھ بۇخارىدا ھەزرىتى ئىبنى ئارەت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ: «مەن مەككىدە تۆمۈرچىلىك قىلاتتىم. بىر كۇنى ئاس ئىبنى ۋائىل ماڭا ئىش تاپشۇردى. مەن ئۇنىڭدىن ئىش ھەققىنى ئىلىش ئۈچۈن بارسام، ئۇ ماڭا <سەن مۇھەممەدنى ئىنكار قىلمىغۇچە پۇلىڭنى بەرمەيمەن> دەپ تۇرىۋالدى» دېگەنلىكى خاتىرلەنگەن.

شۇنىڭدەك باشقا تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساھابىلەرنىڭمۇ ئىشىنى ئۆلتۈرۈشكىلا تىرىشاتتى. جەمىيەتتە ئىززەت ــ ھۆرمىتى بار ساھابىلەرنى بولسا، بىر ئاماللار بىلەن نۇمۇسقا قويۇش ۋە يەرگە قارىتىشنىڭ كويىدا يۈرەتتى.

ھەزرىتى ھەبباب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ دەل ئەشۇ چاغلاردىكى ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ: «بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەبىنىڭ سايىسىدا ئولتۈرۈپتىكەن، مەن بىرىپ <ئى رەسۇلۇللاھ! زۇلۇم بەك جىكىدىن ئاشتى. ئەمدى ئاللاھقا بىر دۇئا قىلساڭ بوپتىكەن> دىدىم. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يۈزىنىڭ رەڭگى قىزىرىپ كەتتى ۋە ماڭا: <سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىمان ئەھلىگە بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق زۇلۇم قىلىنغان ئىدى. ئۇلارنىڭ سۆڭەكلىرىنى تۆمۈر تارغاقلاردا تارايتتى، باشلىرىغا ھەرە سۇرەتتى. ئۇلار يەنە شۇنداقتىمۇ ئۆز دىنىدىن قايتمايتتى. ئىشەنگىنكى، ئاللاھ بۇ ئىشلارنى نەتىجىگە ئېرىشتۈرمەي قالمايدۇ. شۇنداق بىر كۈنلەرمۇ كېلىدۇكى، كىشىلەر سەنئادىن ھەزىرمەۋتقىچە ئەنسىرىمەي سەپەر قىلىدىغان بولىدۇ. ئاللاھدىن باشقا ھىچ كىشىدىن قورقمايدىغان بولىدۇ. ئەمما سىلەر ئالدىراپ كېتىۋاتىسىلەر> دىدى» دەيدۇ. (بۇخارى)

بۇ ئەھۋاللار قەتئىي چىدىغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكەندە، (پەيغەمبەرلىك كەلگەن 5 ــ يىلى، پىل ۋەقەسىنىڭ 45 ــ يىلى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ساھابىلىرىگە: «ياخشىسى سىلەر ھەبەشىستانغا كېتىڭلار، ئۇ يەر پادىشاھىنىڭ ھوزورىدا ھىچ كىشىگە زۇلۇم قىلىنمايدىغان ئوبدان جاي. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلارنى ياخشىلايدىغان بىرەر ھالەتنى پەيدا قىلغۇچە سىلەر شۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار» دىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلىۋىدە 11 ئەر ۋە 4 ئايال مۇسۇلمان ھەبىشىستانغا ئاتلاندى. گەرچە قۇرەيش كۇپپپارلىرى ئارقىدىن قوغلاپ ساھىلغىچە كەلگەن بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، شۇئەيبە قىرغىقىدا دەل ۋاقتىدا كېمە تاپالىدى ۋە تۇتۇلۇپ قىلىشتىن ساقلىنىپ قالدى. ئاندىن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ھىجرەت قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانى ئاۋۇپ، جەمئىي قۇرەيش ئىچىدىن 83 ئەر، 11 ئايال ۋە غەيرى قۇرەيشتىن 7 كىشى ھەبىشىستانغا يېتىپ كەلدى. مەككىدە بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن 40 نەپەر مۇسۇلمان قالغان ئىدى. بۇ ھىجرەت مەككىدىكى ھەر بىر ئائىلە ئىچىدە ئالاھىدە غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. چۇنكى قۇرەيشنىڭ ھەرقايسى چوڭ ـ كىچىك جەمەتلىرى ئىچىدە بىرەر كۆز قارچۇغىسى بولسىمۇ، مۇھاجىرلار سىپىگە قوشۇلۇپ كەتمىگەن بىرمۇ جەمەت قالمىغان ئىدى. بىرىنىڭ ئوغلى كەتكەن بولسا، يەنە بىرىنىڭ كۈيئوغلى، بىرىنىڭ قىزى كەتكەن بولسا، يەنە بىرىنىڭ قېرىندىشى ياكى ھەمشىرىسى كەتكەن ئىدى. ئەبۇ جەھىلنىڭ قېرىندىشى سەلمە ئىبنى ھەششام رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭ بىر نەۋرە قېرىندىشى ھەششام ئىبنى ئەبى ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ۋە ئەيياش ئىبنى ئەبى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، ئۇنىڭ بىر نەۋرە ھەمشىرىسى ئۇممى سەلمە رەزىيەللاھا ئەنھا، ئەبۇ سوفياننىڭ قىزى ئۇممى ھەبىبە رەزىيەللاھا ئەنھا، ئوتبەنىڭ ئوغلى ۋە قانخۇر ھىندنىڭ بىر قورساق قىرىندىشى ئەبۇ ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، سۇھەيل ئىبنى ئۆمرونىڭ قىزى سەھلە رەزىيەللاھا ئەنھا، قاتارلىق ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ يۈرەك پارىلىرىمۇ مۇشۇ قىتىمقى ھىجرەتتە دىن ئۈچۈن ئۆي ـ ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان بىرمۇ ئۆي قالمىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بەزىلەر مۇشۇ سەۋەپتىن ئىسلامغا تېخىمۇ ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بولۇپ كەتكەن بولسا، يەنە بەزىلەر ئاخىرى تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولۇشقا باشلىغان ئىدى.

**** **** **** *** **** **** ***** ***** ***

ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكىگىمۇ دەل مۇشۇ ۋەقە تۇنجى قىتىم زەربە ئۇرغان بولۇپ، ئۇنىڭ يىقىن تۇققىنى لەيلا بىنتى ھەسمە رەزىيەللاھا ئەنھا ئۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن ئىدى:

«مەن ھىجرەت ئۈچۈن يۈك ـ تاقلارنى يىغىشتۇرىۋاتاتتىم. يولدىشىم ئامىر ئىبنى رەبىئە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر ئىش بىلەن سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. شۇ چاغدا ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ كېرىپ، قىلىۋاتقان ئىشلىرىمنى كۆرگەندىن كىيىن <ھە، ئابدۇللاھنىڭ ئاپىسى، كەتمەكچى بولىۋاتامسەن؟> دەپ سورىدى. مەن ئۇنىڭغا <شۇنداق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى سىلەر بىزگە تۇرغۇن زۇلۇم قىلدىڭلار، ئەمدى ئاللاھنىڭ زېمىنى كەڭرى بولغاندىن كىيىن ئاللاھ بىزگە خاتىرجەملىك بېرىدىغان بىرەر چايغا بېرىپ تۇرماقچى> دىدىم. بۇنى ئاڭلاپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ چىرايى مەن ئىلگىرى زادىلىلا كۆرۇپ باقمىغان دەرىجىدە تاتىرىپ كەتتى  ۋە ماڭا <ئاللاھ ھەمدەمدە بولسۇن!> دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى»

ھىجرەت ۋەقەسىدىن كىيىن بارلىق قۇرەيش كاتتىلىرى مەسلىھەتلىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىنى مەككىگە قايتۇرىۋېتىشكە نەجاشىنى بىر ئاماللار بىلەن كوندۈرۈش ئۈچۈن (ئەبۇ جەھىلنىڭ ئانا باشقا قېرىندىشى) ئابدۇللاھ ئىبنى رەبىئە ۋە ئۆمرو ئىبنى ئاسنى نۇرغۇنلىغان سۇغا ـ سالاملار بىلەن ھەبەشىستانغا ئەۋەتىش قارارىغا كېلىشتى. مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممى سەلمە رەزىيەللاھا ئەنھا (ئۇ ئۆزىمۇ ھەبەشىستان ھىجرىتىگە قاتناشقان) بۇ ۋەقەنى ناھايىتىمۇ تەپسىلى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

- بۇ ئىككى ماھىر سىياسۇنلار بىزنى پايلاپ ئاخىرى ھەبەشىستانغا يېتىپ كەلدى. ئۇلار دەسلىۋىدە نەجاشىنىڭ ئوردا ئەھلىگە بولۇشىغا سوغا ـ سالاملارنى تەقدىم قىلىپ، نەجاشىنىڭ ئالدىدا مۇھاجىرلارنى قايتۇرىۋېتىش ھەققىدە سۆز قىلىپ قويۇشقا كۆندۈرۈشتى. ئاندىن نەجاشى بىلەن كۆرۇشۇپ قىممەتلىك سوغا ـ سالاملىرىنى تەقدىم قىلغاندىن كىيىن، «بىزنىڭ شەھىرىمىزدىن بىر قىسىم چاكارلار قىچىپ سىزنىڭ يۈرتىڭىزغا كېلىۋاپتۇ. قەۋمىمىزنىڭ شەرەپلىك، ئېسىل كاتتىلىرى ئۇلارنى قايتۇرىۋېتىشنى تەلەپ قىلىشىمىز ئۈچۈن ھوزورىڭىزغا بىزنى ئەۋەتتى. بۇ ياشلار بىزنىڭ دىنىمىزدىن چىقىۋالغىنى بىلەن سىزنىڭ دىنىڭىزغىمۇ كىرگىنى يوق. بەلكى باشقا غەيرى بىر دىننى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىۋالدى» دىيىشتى. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى تۈگىشى بىلەن تەڭلا ئوردا خادىملىرى سۆز قىستۇرۇپ: «بۇنداق كىشىلەرنى چوقۇم قايتۇرىۋېتىش لازىم. ئۇلارنىڭ ئەيىپىنى ئۆز قەۋمىدىكىلەر ئوبدان بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئېلىپ قېلىش ياخشى ئەمەس» دىيىشتى. ئەمما نەجاشى قاتتىق خاپا بولغان ھالدا: «مەن قانداقمۇ ئۇلارنى مۇنداقلا قايتۇرۇپ بەرگۈدەكمەن؟ مېنىڭ دۆلىتىمگە ئىشىنىپ، ئىككىنچى بىر دۆلەتنى تاشلاپ كەلگەن كىشىلەرگە قانداقمۇ يۈزسىزلىك قىلالايمەن؟ ئالدى بىلەن ئۇلارنى چاقىرىتىپ بۇلارنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەقىقىتى تەتقىق قىلىشىم لازىم» دىدى ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابىلىرىنى ئۆز ھوزورىغا چاقىرتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتتى.

*** *** *** **** **** **** **** ***

نەجاشىنىڭ چاقىرىتقانلىقىنى ئاڭلىغان مۇھاجىرلار تۇپلىشىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىدا نېمە دېيىش كېرەكلىكى ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. ئاخىرى ھەممەيلەن بىرلىكتە مەيلى نەجاشى دۆلەتتىن قوغلاپ چىقىرىۋەتسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىماتلىرىنى ئۆز پىتى، كەم قالدۈرماي سۆزلەپ بېرىش قارارىغا كەلدى. مۇسۇلمانلار ئوردىغا يىتىپ بارغاندا نەجاشى ئۇلاردىن: «بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟ ئۆز دىنىڭلارنى تاشلاپ مىنىڭ دىنىمغىمۇ كىرمەپسىلەر ياكى دۇنيادىكى باشقا دىنلارنىمۇ قوبۇل قىلماپسىلەر. سىلەرنىڭ تاللىغان يېڭى دىنىڭلار زادى قانداق دىن؟» دەپ سورىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن مۇھاجىرلار ئارىسىدىن جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ناھايىتىمۇ كەسكىن تەسىرلىك سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، ئالدى بىلەن ئەرەپ جاھىلىيىتىنىڭ دىنى، ئەخلاقىي ۋە ئىجتىمائىي چىرىكلىكى ھەققىدە توختالدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسامغا ئەگەشكەنلەرنى قۇرەيش ئەھلىنىڭ قانداق بوزەك قىلىدىغانلىقىنى سۆلەپ بەردى. ئاخىرىدا «بىز باشقا دۆلەتكە بىرىشنىڭ ئورنىغا سىزنىڭ دۆلىتىگىزگە كىلىشنى زۇلۇم قىلىنمايدۇ، دېگەن ئۈمۈتتە تاللىغان ئىدۇق» دېيىش بىلەن سۆزىنى ئاخىرلاشتۇردى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان نەجاشى: «قېنى، پەيغەمبىرىڭلارغا ئاللاھ تەرەپتىن نازىل بولدى، دېگەن ھېلىقى سۆزلەرنى ماڭا بىر ئېيتىپ بىقىڭلار» دىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۈرە مەريەمنىڭ ھەزرىتى يەھيا ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ئالاقىدار بولغان دەسلەپكى قىسمىنى تىلاۋەت قىلىپ بەردى. تىلاۋەتنى ئاڭلاش جەريانىدا يىغلىغانلىقتىن نەجاشىنىڭ ساقاللىرىمۇ ھۆل بولۇپ كەتكەن ئىدى. ھەزرىتى جەئفەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ تىلاۋەتنى تۈگەتكەندىن كىيىن نەجاشى ئۇنىڭغا: «بۇ چوقۇم ئەيسا ئەلەيھىسسامنىڭ ئېلىپ كەلگەنلىرى بىلەن بىر مەنبەلىك سۆزلەر ئىكەن. خۇدا بىلەن قەسەمكى، مەن سىلەرنى ھەرگىز قايتۇرۇپ بەرمەيمەن» دىدى.

ئىككىنچى كۈنى ئۆمرو ئىبنى ئاس يەنە نەجاشى بىلەن كۆرىشىپ: «ئۇلار ئەيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ناھايىتى يامان سۆزلەرنى قىلىدۇ، سىز ئۇلارنىڭ ئەيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە زادى قانداق  ئوقىدىدە ئىكەنلىكىنى بىر سوراپ بېقىڭ» دەپ مەسلىھەت بەردى. شۇنىڭ بىلەن نەجاشى مۇھاجىرلارنى يەنە چىقىرىتتى. مۇھاجىرلار ئۆمرونىڭ بۇ قېتىمقى ھېلىسىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار بىرلىكتە ناۋادا نەجاشى ئەيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدە سورىسا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىش ھەققىدە مەسلىھەتلەشتى. بۇ ئىنتايىن نازۇك مەسىلە بولۇپ ھەممەيلەن پەرىشان ئىدى. ئەمما ساھابىلەر يەنىلا «مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، بىز چوقۇم ئاللاھنىڭ دېگىنىنى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە ئۇگەتكىنىنى سۆزلىشىمىز لازىم» دېگەن قارارغا كەلدى. ئۇلار ئوردىغا كىرگەندە نەجاشى ئامرۇ بىن ئاس مەسلىھەت بەرگەن سۇئالنى سورىدى. بۇنىڭغا جاۋابەن جەئفەر ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ھىچ دۇدۇقلىماستىن: «ئۇ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىدۇر، شۇنداقلا ئاللاھ تەرەپتىن بويتاق مەريەمگە ئەلقا قىلىنغان روھ ۋە كەلىمەدۇر» دەپ جاۋاپ بەردى.  نەجاشى بۇنى ئاڭلاپ يەردىن بىر شاخ پارچىسىنى قولىغا ئالدى، دە ـ ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «خۇدا بىلەن قەسەمكى، ئەيسا ئەلەيھىسسالام سىلەرنىڭ ئېبتقىنىڭلاردىن مۈشىنىڭچىلىكمۇ ئارتۇق ئەمەس» دىدى. ئاندىن قۇرەيش   ئەھلىنىڭ ئىلىپ كەلگەن سوغا - سالاملىرىنىڭ ھەممىنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارغا «مەن پار ئالمايمەن» دىدى. مۇھاجىرلارغا بولسا: «سىلەر بۇ يەردە خاتىرىجەم تۇرىۋېرىڭلار» دەپ جاۋاپ قايتۇردى.

**** ****** ***** **** **** **** ****

مەزمۇنى:

مانا بۇ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا بۇ سۈرىگە قاراپ چىقىدىغان بولساق، شۇنى ئېنىق كۆرۇپ يېتەلەيمىزكى، زۇلۇمغا ئۇچرىغان پاناھلانغۇچىلار بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆز دۆلىتىنى تاشلاپ، باشقا بىر دۆلەتكە كېتىۋاتقان مۇسۇلمانلارغا ئاللاھ دىن ئىشىدا زەررىچە بوشاڭلىق قىلىپ سالماسلىقنى تەلىم بېرىش بىلەن بىرگە سەپەر ھازىرلىقى سۈپىتىدە بۇ سۈرىنى ئۇلارغا ھەمراھ قىلىش ئارقىلىق خىرىستىيانلارنىڭ يۈرتىدىمۇ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ ئوغلى ئەمەسلىكىنى ئاشكارا جاكارلىشىنى كۆزدە تۇتىلىدۇ.

سۈرىنىڭ بىرىنچى ۋە ئىككىنچى رۇكۇسىدا ھەزرىتى يەھيا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى ھەققىدە توختالغاندىن كىيىن ئۇچۇنچى رۇكۇسىدا زامان بىلەن شارائىتنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىدۇ. چۇنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالاممۇ دەل مۇشۇنداق شارائىتتا دادىسى، جەمەتى ۋە يۈرتداشلىرىنىڭ زۇلمىدىن زېرىكىپ، ئۆز ۋەتىنىنى تاشلاپ، چىقىپ كەتكەن  ئىدى. بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتە مەككە كۇپپارلىرىغا: «نۆۋەتتىكى ھىجرەت قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەھۋالىغا، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلار بولسا، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى ئۆيىدىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان دادىسىنىڭ ۋە زالىم قەۋمىنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ» دەپ ئاچچىق ساۋاق بەرسە، يەنە بىر تەرەپتە مۇھاجىرلارغا: «خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ۋەتىنىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىپ، ھالاك بولۇپ كەتمەستىن، بەلكى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە ئېرىشكىنىگە ئوخشاش، سىلەرنىمۇ ياخشى نەتىجىلەر كۈتمەكتە» دەپ خۇشخەۋەر بېرىدۇ.

ئاندىن 4 - رۇكۇسىدا باشقا پەيغەمبەرلەرنى ئەسلىتىپ ئۆتۇش ئارقىلىق: «بارلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئىلىپ كەلگىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىلىپ كەلگەن دىنى بىلەن تامامەن بىر دىن ئىدى. پەيغەمبەرلەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۈممەتلىرى چۈشكۈنلىشىشكە باشلىدى. مانا بۇگۇنكى ھەر قايسى ئۈممەتلەردە كۆرىلىۋاتقان تۈرلۇك بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ھەممىسى دەل شۇ خىل چۈشكۈنلىكنىڭ نەتىجىسىدۇر» دېيىلىدۇ. ئاندىن ئاخىرقى ئىككى رۇكۇدا مەككە كۇپارلىرىنىڭ ئازغۇنلىقى قاتتىق تەنقىد قىلىنىدۇ ۋە سۆز خاتىمىسىدە ئىمان ئەھلىگە خۇشخەۋەر بېرىپ: «دۇشمەنلەرنىڭ ھەقكە قارشى بارلىق تىرىشچانلىقلىرى بىتچىت بولۇپ، ئاقىۋەت سىلەر ياراتقۇچىنىڭ سۆيگۈسىگە سازاۋەر بولىسىلەر» دېيىلىدۇ.

**** ***** **** **** ** ***

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە تاھانىڭ ئاتىلىشى تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر