تېررورىزىم ھەر يەردە

تەتقىقاتچى ئەردال شىمشەكنىڭ «تېررورىزىم ھەر يەردە»تېمىلىق ئانالىزى

تېررورىزىم ھەر يەردە

تېررورىزىم ھەر يەردە

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەرب ئەللىرىنىڭ پ ك ك ، فەتھۇللاھچىلار ۋە سولچىل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا يانتاياق بولۇپ كېلىشىنى داۋاملىق ئەيىبلەپ كەلدى. بولۇپمۇ دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشلەردە كۆپ قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ  ئۆز-ئارا ئىستىخبارات ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە تۈركىيەگە بېخىللىق قىلىشى  ۋە پۇقرالىرىنىڭ بۇ تەشكىلاتنىڭ سېپىغا قېتىلىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولماسلىقى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى تېخىمۇ غەزەبلەندۈردى ۋە ئەردوغان ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «تېررورلۇق ئاپىتى كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىلەرگىمۇ زىيان بېرىشى مۇمكىن»دېدى.

دائېشنىڭ كۆپ قىسىم كاتتىباشلارنىڭ قولىدا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پاسپورتلىرى بار.  تۈركىيە بىلەن سودا، ھەربىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ بۇ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پىسەنت قىلىپ كەتمىدى. تۈركىيە دائېشقا قارشى تېرروتورىيەسى ئىچىدە، سۈرىيە ۋە ئىراقتىن سىرت ھەربىي جەھەتتە دائېشقا مەسلىھەت بېرىپ كېلىۋاتقان بارلىق دۆلەتلەرگە ئازراقمۇ  يول قويماستىن كۈرەش قىلدى ۋە  كۈرەش جەريانىدا يۈزلەرچە ئەسكىرى ۋە پۇقراسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، تۈركىيە غەربلىك «دوستلىرى» تەرىپىدىن دائېشقا قارشى كۈرەش جەريانىدا ئۇزۇنغىچە يالغۇز تاشلاپ قويۇلدى، بۇ يەتمىگەندەك دائېشنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى بولغان خەلقئارا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەتۈر تەشۋىقات قىلىشى بىلەن خېلى ئۇزۇنغىچە تۈركىيەنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەشلەردە پاسسىپ ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنىپ يۈرىدى. ھەتتا پات-پات غەربلىك كەسىپداشلىرىمىز تاراتقۇلىرىدا تۈركىيەنىڭ دائېشنى ئاستىرىتتىن قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتتى.

غەربلىك ژۇرنالىست  كەسىپداشلىرىمىز كەسپىمىزگە تامامەن خىيانەت ھېسابلىنىدىغان بۇ خەۋەرلەرنى تارقىتىپ يۈرگەن چاغلاردا، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىمۇ تۈركىيەنىڭ تۇرالغۇ جايلىرىدا، چوڭ شەھەرلىرىدە قانلىق ھۇجۇملارنى سادىر قىلىۋاتاتتى. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن يالغان ۋە ئاساسسىز مەلۇمات-ئۇچۇرلارنى ئېلىپ تۆھمەت خاراكتېرلىك خەۋەرلەر ۋە ماقالىلەر يېزىپ، رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ئىشلەپ يۈرگەن كەسىپداشلىرىمىز ئەجەبا تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان بىگۇناھ تۈركنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك ۋىجدان ئازابمۇ چەكمىگەنمىدۇ؟ لوندون، پارىژ، بىريۇسسېل ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پايتەختلىرىدە بۇ زالىم تەشكىلات ھۇجۇم سادىر قىلغاندا تۈركىيە خەلقىنىڭ يۈرەكلىرى داغلاندى. تۈركىيەلىك ژۇرنالىست ۋە يازغۇچىلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قانلىق قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ۋە لەنەت ئوقۇش بىلەن بىرگە،   يازمىلار يېزىپ پىروگراممىلار قىلدۇق. شۇنى ھەقىقەتەن بىلگۈم بار: قانچە نېمىس، گوللاندىيەلىك، بېلگىيەلىك ياكى فىرانسۇز كەسىپداشلىرىمىز دائېش، فەتھۇللاھچى ياكى پ ك ك لىقلار تەرىپىدىن قەتل قىلىنغان مىڭلارچە تۈرك پۇقرالىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەنمىدۇ؟ياكى بۇ قانخورلارنى ئەيىبلەپ ماقالىلەر يازغاندىمۇ؟ مەن بۇ توغرۇلۇق بىر قولنىڭ بارماقچىلىرىدەكلا ماقالە كۆردۈم، دېسەم ھەرگىزمۇ مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولمايمەن.  غەلىتە يېرى شۇكى، ئونلارچە غەربلىك كەسىپداشلىرىمىزنى پ ك ك تېررورچىلىرى ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئالغان لاگېرلاردا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ «سارايلىرى»دا ياكى دۆلىتىدىكى ئىستىخبارات ئىشخانىلىرىدا كۆردۇق. بىز پەقەت غەربلىك ژۇرنالىست كەسىپداشلىرىمىزنىلا ئەمەس، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو، ياۋروپا تاموژنا ئىتتىپاقى ۋە غەربكىمۇ زىيان سالغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بۇ تېرررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى قانات ئاستىغا ئېلىپ ھىمايە قىلىشىغىمۇ شاھىت بولىۋاتىمىز، بۇ سىياسەتچىلەر تۈركىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن بىر ئۈستەل ئەتراپىغا يىغىلىپ يىغىن ئاچقاندىن كېيىن، ئارقىدىنلا بۇ تېررورچىلار بىلەنمۇ ئۇچراشماقتا. بۇ زىددىيەتلىك سىياسەتلەرنى  يولغا قويۇۋاتقان بۇ سىياسەتچىلەر تۈركىيە دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن يۈز-تۇرانە كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىنلا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى، پۇقرالىرىنى ۋە ساقچىلىرى قەتل قىلغان تېررورچىلار بىلەن كۆرۈشكەنلىكلىرىدىن پۇشايمان قىلامدىغاندۇ؟

بۇنىڭغا گېرمانىيەنى مىسال بېرىشكە بولىدۇ: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركل بىرەر ئوڭۇشسىسزلىققا دۇچ كەلسىلا  تۈركىيەنى، تۈركىيەنىڭ جۇمھۇر رەئىسىنى زىيارەت قىلىدۇ، لېكىن بۇ مېركېل ئون مىڭلارچە بوۋاق، ھامىلە ئايال، ئەسكەر ۋە ساقچىنى قەتل قىلغان پ ك ك لىق تېررورچىلارنى قانات ئاستىغا ئالماقتا، ئەپسۇسكى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەدىكى تۈركلەر بىلەن دېدارلىشىشىغا رۇخسەت قىلمىدى، بىراق ئون مىڭلارچە تۈركىيە پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولغا ن پ ك ك كاتتىباشلىرىغا دۆلىتىنىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرىدە يىغىلىش، تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ  بېرىشىغا رۇخسەت قىلىۋاتىدۇ. ھەتتا تېخى يېقىندىلا گېرمانىيەدە چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن بىناغا يۈز نەچچە مېتىر كېلىدىغان جايدا تەخمىنەن ئون مىڭلارچە تۈركىيە پۇقراسىغا بېشىغا چىققان قانلىق تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالاننىڭ رەسىمىنىڭ ئېچىلىشىغا ۋە تېررورىزىمنى مەدھىيەلەيدىغان يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈشىگە رۇخسەت قىلىندى.

گېرمانىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر دوكلاتتا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك  نىڭ گېرمانىيەنىڭ ئۆزىدىلا نەچچە مىليون ياۋرولۇق ئىئانە يىغقانلىقى قەيت قىلىندى. گېرمانىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كېچىدە 250 تۈركىيە پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، يەنە مىڭلارچە كىشى يارىلاندۇرغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا خائىن ئوفېستىرلارغا قۇچاق ئاچتى، گېرمانىيە بۇ خائىنلارغا شۇنداق ياخشى تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بەردى ۋە ھازىر گېرمانىيە نېمە تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دېگەندەك بۇنىڭدىن «ھوسۇل»نى تازا ئالدى.

ھامبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى باھانە قىلىپ پ ك ك لىقلار، فەتھۇللاھچىلار ۋە باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى شەھەردە قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. ئانتىفا دەپ ئاتىلىدىغان بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيە، ئىراقتا دائېش ۋە پ ك ك لىقلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ھەرىكەت قىلغان بولسا، گېرمانىيەنىڭ پايتەختىدە دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ دېگىنىدەك تېررورلۇق ئاپىتى ياۋروپاغىمۇ زىيان سېلىشقا باشلىدى. ياۋروپا ساقچىلىرى تېررورىزىمغا قارشى قانداق كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا ھازىردىن باشلاپ قىزىقىۋاتىمەن. ھەر يەردىكىگە ئوخشاش بۇ تېرروچىلار ياۋروپادىكى مىللەتلەرنىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا زىيان سالىدۇ. ئانتىفا باشچىلىق قىلىۋاتقان پ ك ك ، فەتھۇللاھچى ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئەپسۇسكى ياۋروپانىڭ ئاچچىق رىئاللىقىغا ئايلاندى. ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ ئەسىرى بولغان ياۋروپالىق بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلىمەن، ياۋروپالىق مىللەتلەر تېررورىزىمنىڭ بەدىلىنى ئېغىر تۆلەيدۇ، ئەڭ تىراگېدىيەلىك بولغىنى شۇكى: ياۋروپا مىللەتلىرىمۇ بىزگە ئوخشاش تېررورىزىم بىلەن بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر