2016-يىلى 15-ئىيۇل: تۈرك مىللىتى تىرىلىش داستانى يازغان كۈندۇر

2016-يىلى 15-ئىيۇل تۈرك مىللىتى قايتىدىن تىرىلىش داستانى يازغان تۈرك تارىخىدا تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان كۈندۇر.

2016-يىلى 15-ئىيۇل: تۈرك مىللىتى تىرىلىش داستانى يازغان كۈندۇر

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈرك ئارمىيەسى سېپىغا ھەر خىل ھىيلە-مىكىرلار بىلەن خۇپىيانە سوقۇنۇپ كىرىۋالغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى باش ئىشتابنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقىپ 2016-يىلى 15-ئىيۇل جۈمە كەچ سائەت 21:00  ئەتراپىدا  خائىنلارچە ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، بۇ قانخورلارچە قىلمىش ئەمەلىيەتتە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پىلانلانغان خەلقئارالىق كۈچلەرمۇ يېقىندىن قوللىغان  تۇزاق ئىدى، بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشنى سادىر قىلغانلار تۈركىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى. بۇ قېتىمقى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ ئاساسلىق بازىسى پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئاكىنجىلار ھاۋا ھەربىي بازىسى بولۇپ، بۇ قانلىق ھەرىكەت ئەنقەرە بىلەن ئىستانبۇلدا تەڭلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلدى.

ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانغۇچىلار ئىستانبۇلدا بوغۇزئىچى ۋە فاتىھ سۇلتان مەھمەت كۆۋرۈكلىرى، ئىستانبۇل ساقچى ئىدارىسى، ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى، ت ر ت بىنالىرىغا ئوخشاش ئىستىراتېگىيەلىك يەرلەرگە ھۇجۇم قوزغىدى. ئەنقەرەدە بولسا دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتى، ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسى، تۈركىيە باش ساقچى تەشكىلاتى، گۆلباشى ئالاھىدە ساقچى قىسىم مەركىزى، تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى باشقارمىسى، ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىم قوماندانلىقى، ت ر ت باش ئىدارىسى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، جۇمھۇر رەئىسلىكى ۋە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى  تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشتى. بۇ  قانلىق ھەرىكەتتە  خائىنلار تۈركىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلان، تانكا ۋە خادىملىرىدىن پايدىلاندى، ئايروپىلان ۋە تىكئۇچارلار شەھەرلەرنىڭ ئاسمىنىدا تۆۋەن ئۇچۇش ئېلىپ بېرىپ، ھۇجۇم نىشانىدىكى ئورۇنلارنى بومباردىمان قىلدى، تانكىلار نىشانلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ يول ۋە كوچىلاردا ئالدىغا ئۇچرىغانلا كىشىنى ئەزدى، ھەربىي فورما كىيىۋالغان «فەتھۇللاھچى قاراقچىلار»بولسا خەلققە ئوق چىقاردى.

ئىستانبۇل ۋە ئەنقەردە ت ر ت بىنالىرى ئىشغال قىلىنىپ ئۆزلىرىنى «يۇرتتا تىنچلىق كېڭىشى»دەپ ئاتىۋالغان ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان بىر ئوچۇم قاراقچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان خىتابنامە مەجبۇرىي ئوقۇتۇلدى. بۇ خىتابنامە يەنە ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تور بېتىغا قويۇلدى، خىتابنامىدە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغانلىقى، مەملىكەت مىقىياسىدا كوچىغا چىقىش چەكلەنگەنلىكى ۋە بارلىق تاراتقۇ ئورگانلىرىنىڭ بۇ خىتابنامىنى جىددىي ئېلان قىلىشى لازىملىقى يېزىلغانىدى. ئارقىدىن گۆلباشى ئالاھىدە ھەرىكەت ساقچى قىسملىرى مەركىزى، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى، جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارىسى، تۈركسات، ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسى بىنالىرى بومباردىمان قىلىندى.

بۇ ئىشغالىيەتچى قاراقچىلار ئۆزلىرىچە «پۇختا»پىلان تۈزگەنىدى، لېكىن ئۇلار مۇنداق مۇھىم بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغانىدى: ئاللاھنىڭ تەقدىرى، قۇدرەتلىك تۈرك مىللىتىنىڭ جاسارىتى، قەھرىمانلىقى ۋە كۈچىدۇر. قۇرئان، ئەزان، بايراق بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخ،ئاڭ ۋە ئىمان قەھرىمان تۈرك مىللىتىنىڭ خاراكتېرى ئىدى. جىدىي ھالەت ئىكەنلىكىنى دەرھال پەملىگەن تۈرك مىللىتىنىڭ قەھرىمان ۋە باتۇر پەرزەنتلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشكىللەندى، تاھارەت ئېلىشتى، تەكبىرلەر توۋلىشىپ زېمىننى تىترەتتى. ئارقىدىنلا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم «بۇ قانلىق ھەرىكەت ئارمىيەمىز ئىچىدىكى بىر تۈركۈم خائىن گۇرۇھنىڭ ئىشىدۇر، ئۇلار چوقۇم تېگىشلىك جازاغا تارتىلىدۇ»دەپ بايانات بەردى. يەنە گويا بىلالى-ھابەشى ئوقۇغاندەكلا شۇنچىلىك مۇڭلىق سالالار جامەلەرنىڭ مۇنارلىرىدىن ياڭراپ  تۈركىيەنىڭ مەنىۋى ھاۋاسىنى بىردىنلا يۇقىرى كۆتۈردى، بۇ ئەسنادا مىللەتنىڭ كۆز قارچىغۇىسى،شۇنداقلا خائىن ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانىدىكى ھۆرمەتلىك  رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەردوغان مەلۇم بىر تېلېۋىزىيە قانىلىدىن مىللەتكە مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «شەھەرلەرنىڭ مەيدانلىرىغا، ئايرودۇرۇملىرىغا چىقىڭلار، مەن ھازىرغىچە مىللەتنىڭ كۈچىدىن ئەلا كۈچ كۆرۈپ باقمىدىم.» بۇ چاقىرىقتىن كېيىن قانلىق ھەرىكەت، ئىشغالىيەتكە ئۇرۇنۇش  قىلمىشى، خائىنلارچە تۇزاق بۇزۇلۇشقا باشلىدى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ خەلقنى كوچىغا چىقىپ خائىنلارغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىشى بىلەن ئۆيلەردىن كوچىلارغا، كوچىلاردىن مەيدانلارغا، مەيدانلاردىن خائىنلار ئىشغال  قىلىۋالغان بارلىق جايلارغا ئىنسان توپى گويا سەلدەك ئاقتى.  ئېلىنغان تاھارەتلەر، ئېتىقاد بىلەن تولغان قەلبلەر ، تىللاردا تەكبىرلەر بىلەن ئايروپىلانغا، تانكىغا، تىكئۇچارغا، ھەربىي ماشىنىلارغا، ئوقلارغا ۋە بومبىلارغا دۇئېل ئېلان قىلدى بۇ مىللەتنىڭ جەڭگىۋار پەرزەنتلىرى... خائىنلار قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىمۇ يوق خەلققە ئوق چىقاردى، بومبا ئاتتى. ئىستانبۇل، ئەنقەرە بولۇپ تۈركىيەنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە خائىنلارغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ئەسكەر، ساقچى ۋە پۇقرا بولۇپ جەمئىي 248 كىشى شېھىت بولدى، 1537 كىشى يارىلاندى.

تۈركىيە 16-ئىيۇل شەنبە كۈنى تاڭ سەھەردە ھەممە ئۇيقىدىن ئويغانغاندا، خائىنلارنىڭ تەسلىم بولغان كۆرۈنۈشلىرى، قەھرىمان مىللەتنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ خائىنلارنى ئىچىدىن ئالغان تانكىلارنىڭ ئۈستىدە چۈشكەن رەسىملىرى، ئاكىنجىلار ھاۋا ھەربىي بازىسىدا تۇتقۇن قىلىنغان قوماندانلارنىڭ خائىنلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى.  كەچ بولماي تۇرۇپلا تۈركىيەنىڭ بارلىق ئورگانلىرى، كوچا ۋە يوللىرى، ھەربىي بازىلىرى بۇ ۋەتەنسىز مەلئۇنلاردىن تازىلىنىپ بولدى.

15-ئىيۇل بىر مىللەتنىڭ قايتىدىن ئاپىرىدە بولۇش داستانىدۇر ۋە  تۈرك مىللىتىنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا چاناققەلئەدىن ئۆتۈش مۇمكىن ئەمەس دېگۈزگىنىگە ئوخشاش، تۈركىيە پارچىلانمايدۇ ۋە مىللەت بۆلۈنمەيدۇ دېگۈزگەن كۈندۇر. شۇ كۈنى پۈتكۈل پەرزەنتلىرىمىز يىگىت بولدى، يىگىتلىرىمىز بولسا پىشقان ئادەمگە ئايلاندى، بايرىقىمىز كۆك ئاسماندا لەپىلدىدى، سالالىرىمىز مارشىمىز بولدى. تەكبىرلەر شوئاىرىمىزغا ئايلاندى.

ئانادولۇنى يەنە بىر قېتىم ۋەتەن قىلدۇق شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنىڭ قېنى بىلەن. 15-ئىيۇلدا بىر داھىي ئەتراپىغا يىغىلىپ ياخشىلىق ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ بەرىكىتىگە ۋە غەلبىسىگە شاھىت بولدۇق، ئۇ كۈنى بۇ خائىن ھەرىكەتكە قارشىلىق كۆرسىتىپ بىر-بىرىمىزگە مەھكەم يېپىشىپ ۋەتەننى، بايراقنى ۋە ئەزاننى دائىملىق قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئۆگەندۇق، ئۇ كۈنى يەنە بىر قېتىم بۈيۈك مىللەت، قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دوستقىمۇ دۈشمەنگىمۇ كۆرسىتىپ قويدۇق. ئۇ كۈنى بىز دۇنياغا داستاننىڭ قانداق يېزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويدۇق.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر