تەكبىرلەر شاھىت بولغان تىرىلىش؛ 15 - ئىيۇل

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 28 (ئاۋازلىق)

تەكبىرلەر شاھىت بولغان تىرىلىش؛ 15 - ئىيۇل

تەكبىرلەر شاھىت بولغان تىرىلىش؛ 15 - ئىيۇل

تەكبىرلەر شاھىت بولغان تىرىلىش؛ 15 - ئىيۇل

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ئى مۇئمىنلەر! اﷲنىڭ سىلەرگە (تېخى يېقىندا) بەرگەن ئىھسانلىرىنى ئەسلەڭلەر، ئەينى چاغدا بىر جامائە سىلەرگە قول سالماقچى بولغان ئىدى، اﷲ ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلەردىن توستى. اﷲدىن قورققان ھالدا ئىش قىلىڭلار. ئىمان ئېيتقۇچىلار پەقەت اﷲقىلا ئېشىنىپ تەۋەككۈل قىلسۇن[1]»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ: «مۆئمىنلەر بىر بىنانىڭ خىشلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىر بىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ[2]»

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەسلىدە بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ خەندەك ئۇرۇشىدا ئىسلام قوشۇنىغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق قانداق ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان بولۇپ، ئايەتتىكى ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسى تارىخنىڭ نۇرۇغۇنلىغان بۇرۇلۇش نوقتىلىرىدا ئۆزىنى نامايان قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسى مالازگىرتتا ۋە چاناققەلئەدىمۇ ئۆزىنى ئىسپاتلىغانغا ئوخشاش ساكارىيا، دوملۇپىناردىمۇ ئەمەلىيلەشكەن ئىدى ۋە ئاخىرىدا بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن تېخى بىر يىل ئىلگىرى 15 – ئىيۇلدا ئاللاھنىڭ بۇ ۋەدىسىنىڭ قانداق ئىشقا ئاشقانلىقىغا شاھىت بولدۇق. ئۇ كېچىسى دۆلەت ۋە مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىنتايىن چوڭ بىر ئاسىيلىق ئۇرۇنۇشىغا دۇچ كەلدۇق. ئۇ زۇلمەتلىك كېچىدە ئاللاھنىڭ رەھىم - شەپقىتىنى، ياردەم ۋە نۇسىرىتىنى بىزلەردىن ئايىمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۈق. شۇنىڭ ئۈچۈنلا 15 – ئىيۇل ئىسيانى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 1 - خاتىرە يىلىدا مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يەلكىمىزگە چۈشىدىغان ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىمىز؛ ئاللاھنىڭ لۇتفى ۋە رەھمىتىنى، ياردىمى ۋە نۇسرىتىنى ئۇنتۇماسلىقتۇر. بۇ چوڭ مالىمانچىلىققا مۇرىنى - مۇرىگە تېرەپ تاقابىل تۇرغان مۆئمىنلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئادا قىلىشقا تېگىشلىك ئوڭ چوڭ بۇرچىمىز؛ ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزغا مەمنۇنىيەتلىك ھەمدۇ – سانالىرىمىز ۋە تەشەككۈرلۈك سەجدىلىرىمىزنى قەتئىي كېمەيتىپ قويماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەستە مەھكەم تۇتۇشقا كېرەكلىك شۇنداق بىر ھەقىقەتمۇ باركى، ئۇ بولسىمۇ يەر يۈزىدە بىزگە ئۇمىد باغلىغان، زۇلۇم ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇ كېچىدە ئاققۇزغان ياشلىرى ۋە قىلغان دۇئالىرىدۇر. شۇ كېچىسى غەززەدىن سارىيوۋوغا، كەركۈكتىن سومالىغا، سۇداندىن پاكىستانغا ۋە ھەتتا ئاسىيانىڭ ئەڭ چېتىدىن تارتىپ، ئافرىقىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغىچە بولغان جايلاردىكى ئېزىلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئىشغالىيەت ۋە ناھەقچىلىك ئاستىدىكى مەھرۇم، مۇھاجىر، كۆچمەنلەرنىڭ مىللىتىمىزگە دۇئا قىلغانلىقىدۇر. «ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئاخىرىقى قەلئەسى ۋەيران بولمىسۇن» دەپ سەجدىلەرگە باش قويۇپ، كۆز يېشى قىلغانلىقىدۇر. شۇ كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «مۆئمىنلەر بىر بىنانىڭ خىشلىرىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بىر بىرىنى مۇستەھكەملەيدۇ[3]» دېگەن ھەدىسىنىڭ ئەمەلىي ئوبرازىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنلىكىمىزدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەر دائىم تەپەككۈرىمىزدا جانلىق ساقلىشىمىز كېرەكلىك يەنە بىر ھەقىقەت؛ 15 – ئىيۇل كىچىسى كىچىك - چوڭ، قېرى – ياش، ئەر – ئايال ھەممەيلەننىڭ دۆلەت بىلەن مۇرىنى - مۇرىگە تېرەپ، نامايان قىلغان بىرلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق رۇھىدۇر.

دەرۋەقە 15 – ئىيۇلدا مىللىتىمىز، دۆلەت رەھبىرىمىزنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز ۋەتىنىنى، ھەق - ھوقۇقىنى، ئەركىن ئىرادىسىنى، ئىستىقلالى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن تىلىدا تەكبىر، قولىقىدا ئەزان ساداسى، قەلبىدە شېھىتلىك ئارزۇسى بىلەن مەيدانلارغا سەل بولۇپ ئاقتى. ئۇ كىچىسى ئەزىز مىللىتىمىز ئىستىقلال مارشىمىزنىڭ «قايسى ئەبكا مېنى زەنجىلىمەكچى ھەيرانمەن. شاۋقۇنلۇق سەلگە ئوخشايمەنكى، پۈتۈن توساقلارنى بۇزۇپ ئاشىمەن» دېگەن مىسرالىرىدا بايان قىلىنغان تەۋرەنمەس رۇھنى دۇنياغا نامايان قىلدى. بولۇپمۇ ياشلىرىمىزنىڭ «بىسمىللاھ!» دېگەن ھالدا تاھەرەتلىرىنى ئېلىشى، شاھەدەت ئېيتىپ، ئۆيلىرىدىن چىقىشى ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر!» نەرىلىرى بىلەن يوللارغا ئاتلىنىشى، مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ئۈمىدكە ئايلاندى.

دائىم ئەستە تۇتۇشىمىز كېرەكلىك يەنە بىر مۇھىم ئىش؛ شۇ كېچىسى پۈتۈن مەسجىد مۇنارلىرىمىزدا ياڭرىغان تەكبىر سادالىرىدۇر. بۇ سادالار بىزنى مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تىك تۇرغۇزغان مەنىۋى تۇيغۇلىرىمىزنى، ئورتاق ئاڭ ۋە ئىرادىمىزنى ھەرىكەتكە ئۆتكۈزدى.  ئەزان ۋە تەكبىرلەر بۇ مىللەتنىڭ قايتىدىن دەس تۇرىشى ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرى ئەتراپىغا توپلىنىشىنىڭ شاھىدى بولدى. چۈنكى بىزنى بىر مىللەت قىلغان ۋە ئۇ كېچىنىڭ زۇلمىتىدىن يورۇقلۇققا چىقارغان ئەڭ مەستەھكەم كۈچ – قۇدرىتىمىز ئاللاھقا بولغان تەۋرەنمەس ئىمانىمىز بولدى. ئاللاھتىن باشقا ھېچ بىر كۈچكە باش ئەگمەسلىك ئىرادىمىز بولدى. 

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئېسىمىزدىن قەتئىي چىقارماسلىقىمىز كېرەكلىك يەنە بىر مۇھىم ئىش؛ شۇ كېچىسى بىز دۇچ كەلگەن ئاسىيلىق ۋە ئىشغالىيەت ئۇرۇنۇشىنىڭ دىن تونىغا ئورۇنىۋالغان ھالدا نامايان بولغانلىقىدۇر. 15 – ئىيۇل كېچىسىدە شۇنىڭغا شاھىد بولدۇقكى، دىن ۋە ھەقنىڭ تونىغا ئورۇنىۋېلىپ، 40 يىلدىن بۇيان بۇ مىللەتنىڭ دىنىنى، ئىمانىنى، مەنىۋىي بايلىقلىرى، زاكات ۋە ياردەملىرىنى سۇيىئېستىمال قىلغان بىر خائىنلار گۇرۇھى، مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قەست قىلدى. مىللىتىمىزنىڭ پەرزەنلىرىنى باغرىدىن يۇلۇپ، بىر قانچە نەسلىنى نابۇت قىلىۋاتقان بۇ مۇناپىقلىق ھەرىكىتى، ئىپلاس قىلمىشلىرى بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.

بۇ خائىنلارنىڭ ئۇرۇنۇشى شۇنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتىكى، بىزلەرنىڭ يەلىكىمىزدىكى مۇھىم ۋەزىمىز، ئۇلۇغ دىنىمىزنى توغرا مەنبەلەردىن ئۆگىنىش، ئىسلامنى قۇرئان ۋە سۇننەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئەمەلىي ھاياتىمىزغا تەتبىقلاشتىن ئىبارەتتۇر. شۇنچە ئۇزۇن تارىخ بويىچە نى مەدىنىيەتلەرنى بەرپا قىلغان ئاساسلىق ئانا يولدىن ئايرىلماي، دىنغا ئوخشاش مۇقەددەس بىر ھەقىقەتنى شەخسلەر ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىشتىن ساقلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ خىل خىيانەت ۋە رەزىللىكلەرگە قايتا دۇچ كەلمەسلىك ۋە بۇزغۇنچى ھەرىكەتلەرگە  بويۇن ئەگمەسلىك ئۈچۈن بىلىم ۋە ھېكمەت يولىدىن ئاداشماسلىقتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئاخىرىدا ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەكلىك يەنە بىر ھەقىقەت شۈكى، بۇ يولدا جېنىنى پىدا قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزنى، خۇددى بىر ئىستىقلال مىدالى تاقىغاندەك بەدىنىدە ئۇ كېچىنىڭ يارا ئىزلىرى بولغان غازىلىرىمىزنى ھەر دائىم مەننەتدارلىق بىلەن ئەسلەپ تۈرۇشتۇر.

جانابى ئاللاھ شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت قىلسۇن! ئۇلارنى بەدىر، ئۇھۇد ۋە خەندەك شېھىتلىرى بىلەن شۇنداقلا مالازگىرت، چاناققەلئە ۋە ساكارىيا شېھىتلىرى بىلەن بىر يەرگە  جەم قىلسۇن!

بارلىق غازىلىرىمىزغا كاتتا ئەجىرى - ئەزىم ۋە شىپالىق ئېھسان قىلسۇن! بىزلەرنىمۇ ئۇلارنى ئۈلگە ئېلىپ ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭىدىغانلاردىن قىلسۇن! ئامىن!!!

 

 

 


[1] - سۈرە مائىدە 11 – ئايەت

[2] - بۇخارى سالات بابى 88 – ھەدىس

[3] بۇخارى سالات بابى 88 – ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر