قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى

ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى

قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى

قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 36-نۆۋەتلىك يىغىنى 2017-يىلى 29-ئىيۇندا ئىستانبۇلدا چاقىرىلدى. يىغىندا رايونننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن سىرت، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەرگە ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسى تاپالايدىغان سەۋىيەدە كۈچلەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى. يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇكرائىنانىڭ قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسى بۇ يىل 1-ئىيۇلدىن 1-دېكابىرغىچە دۋاملىشىدۇ. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاۋلو كىلىمكىن ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنىڭ قارادېڭىز رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىىش بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەلۇمكى، تۈركىيە 2017-يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى. تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك مەزگىلىدە «سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش»تېمىسىغا مەركەزلەشتى، 2017-يىلى 22-مايدا ئىستانبۇلدا قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىياسەتچىلىكىدە باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلدى. قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرلىرى بىلەن قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈركىيەنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلدى.

قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەردىن يوشۇرۇن كۈچلىرىدىن، جۇغراپىيەلىك يېقىنلىقىدىن، ئىقتىسادلىرىنىڭ بىر-بىرلىرىنى تاماملاش ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى كۆپ قىرلىق ئىقتىسادىي، تېخنولوگىيەلىك ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى خىلمۇ خىللاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ تەشكىلات قارادېڭىز ھاۋزىسىنى تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە باياشاتچىلىق ھۆكۈم سۈرگەن رايونغا ئايلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن تاللانغان ۋاستە دەل ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتۇر.  دەسلەپكى قەدەمدە قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ  مەقسىتىنىڭ قارادېڭىزغا تۇتۇشىدىغان دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا قەمدەممۇ قەدەم «ئەركىن سودا رايونى»بەرپا قىلىش، دەپ  بېكىتىلگەن. قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرى تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، گىرۇزىيە، مولدوۋا، رۇسىيە، ئۇكرائىنا، بۇلغارىيە، رومىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئىبارەت. كېيىن قوشۇلغان ئەزا دۆلەتلەر بولسا ئالبانىيە، سىربىيە ۋە گىرېتسىيەدۇر.

قارادېڭىز رايونى تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان ساھەلىرىدىن بولغان كاۋكاسىيە ۋە بالقان رايونىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، بۇ رايونلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. بۇ سەۋەبتىن مەزكۇر رايون ئۆتمۈشتە ۋە كۈنىمىزدە ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلدى، نۆۋەتتە خەلقئارانىڭ دىققىتىمۇ تۈركىيەمۇ ئىچىدە بولغان قارادېڭىز رايونىغا مەركەزلەشمەكتە. تۈركىيە قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىدى، تۈركىيە دەسلەپكى كۈندىن باشلاپ قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشپ بۇ تەشكىلاتنىڭ باش كاتىباتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. شۇنداقلا، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دائىرىسىدە كونكرېت لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش بىلەن بىرگە، بۇ تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈنمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا باش كاتىپلىق ئورنىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسى تۈركىيەگىلا خاس بولۇپ، 2015-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ بۇ ۋەزىپىنى پىنسىيەگە چىققان ئەلچى تاھسىن بۇرۇجۇئوغلۇ ئۆتەپ كەلمەكتە. قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېگانە قارار ئورگىنى يىلدا ئىككى قېتىم يىغىن چاقىرىپ ئاۋاز بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قارار چىقىرىدىغان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىدۇر. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا ۋەكىللىك قىلىپ ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئىش تۇتىدىغان ئالىي دەرىجىلىكلەر ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى كېڭەشتە چىقىرىلغان قارارلار ۋە تەۋسىيەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كېڭەشكە تەكلىپ-پىكىرلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى بېرىشتىن ئىبارەت.

قۇرۇلۇشى 2011-يىلى باشلىغان ۋە 2020-يىلى تاماملىنىشى پىلانلىۋاتقان قارادېڭىز تاشيولى قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ لايىھەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. لايىھە دائىرىسىدە تۈركىيەنىڭ قارادېڭىز ساھىل يولى بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن تاماملاندى، رۇسىيە تەرەپتىكى تاشيول بولسا سوچى 2014 قىشلىق ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدىن ئىلگىرى تاماملاندى.

قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى  تۈركىيە- ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى سۈركىلىش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلدە تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىككىنچى بىر تاللاش يولى ھېسابلىنىدۇ. ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتە قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنى بىر-بىرىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، بىراق قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 25 يىلدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەندىزىسىگە ئوخشاش كۈچلۈك قۇرۇلما بەرپا قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدى.

كۈنىمىزدە قارادېڭىز رايونىدىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا سىياسىي، ھەتتا ھەربىي مەسىلىلەر مەۋجۇت، بىراق قاردېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇ مەسىلىلەردىن قانچىلىك ئۇزاق تۇرسا شۇنچە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلالايدۇ ۋە ئۈنۈملۈك نەتىجە ھاسىل قىلالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتىمۇ قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچلۈك ئورگان ھالىتىگە كېلىشى مۇمكىن، شۇڭلاشقا ئايىغى چىقماس سىياسىي تالاش-تارتىشلار بىلەن بەند بولماي ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرگە ئەمەس ئورتاق مەسىلىلەرگە مەركەزلىشىپ ھەرىكەت قىلىش لازىم، ئەسلىدە تۈركىيە نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە دەل مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشتى.

سودا ۋە سېلىنمىلارنىڭ ساغلام مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىشىنڭ ئاساسلىق شەرتى مۇقىملىق ۋە ئامانلىقتۇر. بۇ سەۋەبتىن ئەزا دۆلەتلەر سەزگۈر قارادېڭىز جۇغراپىيەسىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە باياشاتچىلىق ئىچىدە  تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق مەقسەتكە ئايلاندۇرۇش لازىم.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر