گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە «دوزاخ»قا ئايلانغان ھامبۇرگ

7-،8-ئىيۇلدا گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە بۇ يىغىنغا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار ئۈستىدە مۇلاھىزە

گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە «دوزاخ»قا ئايلانغان ھامبۇرگ

گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە «دوزاخ»قا ئايلانغان ھامبۇرگ

دۇنياننىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ بەشتە تۆتىنى ئىلكىدە تۇتۇۋاتقان 19 دۆلەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن تەشكىل تاپقان گ-20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە 7-.8 ئىيۇلدا يىغىن چاقىرىلدى. ئىككى كۈن داۋاملاشقان يىغىننىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپ ماددىسىنى كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، كۆچمەنلىك مەسىلىسى ۋە تېررورىزىمغا قارشى كۈرەش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر تەشكىل قىلدى. يىغىن جەريانىدا ھەر قايسى دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يۈز-تۇرانە كۆرۈشتى، ترامپ بىلەن پۇتىن تۇنجى قېتىم يۈز-تۇرانە كۆرۈشتى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى كۆرۈشتى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىغا 10 مىڭدەك ۋەكىلنىڭ قاتناشقانلىقى، 5000دەك تاراتقۇ خادىمىنىڭ يېقىندىن كۆزەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. يىغىن ئاخىرلاشقۇچە 20 مىڭ گېرمان ساقچىسى ۋەزىپە ئۆتىدى.  بىراق كاپىتالىزىمغا  ۋە يەر شارىلىششقا قارشى مۇھىتپەرۋەر نامايشىچىلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇيۇشمىلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە چېركاۋ خادىملىرى بولۇپ نۇرغۇن كىشى بۇ قېتىمقى يىغىنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزدى، ھامبۇرگنىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى، ساقچىلار  بىلەن «دوزاخقا خوش كەلدىڭىز»دېگەندەك شوئارلارنى توۋالاشقان نامايىشچىلار ئوتتۇرىسدا توقۇنۇش كېلىپ چىقتى. قىسقىسى بىر تەرەپتە دۇنيا رەھبەرلىرى يىغىن چاقىرغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە بۇ يىىنغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى. بۇ زىددىيەتلىك ئەھۋالنىڭ سەۋەبى نېمە؟ 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر