قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (19)

تۆۋەندە سۈرە يۈنۈسنىڭ ئاتىلىشى، قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان جاي ۋە ۋاقتىنى  ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (19)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (19)

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە تۆۋبەنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 – بۆلىمىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، سۈرە يۈنۈسنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، ئاتىلىشى، نازىل بولغان جاي ۋە ۋاقتىنى  ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە يۈنۈس ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى (يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ئىشارەت قىلىنغان ھالدا تىلغا ئېلىنغان مۇشۇ سۈرىدىكى 98- ئايەتتىن) ئەسلىدىكى قائىدە بويىچە ئالامەت ئورنىدا ئىلىنغان بولۇپ، سۈرىنىڭ ئەسلى مەزمۇنى يۇنۇس ئەلەيھىسسامنىڭ قىسسىسى ئەمەس.

نازىل بولغان ئورنى:

رىۋايەتلەردىن پۈتۈن سۈرىنىڭ مەككىدە نازىل بولغانلىقى مەلۇم بولىدۇ ۋە مەزمۇنىدىنمۇ شۇنداق ئىكەنلىكى تەكىتلىنىدۇ. بەزى كىشىلەر «سۈرىنىڭ بىر قىسمى مەدىنىدە نازىل بولغان» دەپمۇ قارايدۇ، ئەمما ئۇ يۈزەكى قىياستىنلا ئىبارەت. چۈنكى بايان رىتىمىنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق شۇنى ھىس قىلغىلى بولىدۇكى، ئۇ ھەر خىلدىكى خىتابلارنىڭ ياكى خىلمۇ – خىل شارائىتلاردا نازىل بولغان ئايەتلەرنىڭ يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى باشتىن ئاخىر باغلىنىشلىق بىر پۈتۈن نۇتۇق بولۇپ، ھەممىسى بىرلا ۋاقىتتا نازىل بولغان بولىشى تامامەن مۇمكىن. ئۇنىڭ مەزمۇنىمۇ مەككىدە نازىل بولغانلىقىغا دالالەت قىلىپ تۇرىدۇ.

نازىل بولغان ۋاقتى:

سۈرىنىڭ نازىل بولغان ۋاقتى ھەققىدە بىرەر رىۋايەتنى ئۇچرىتىپ باقمىدۇق. ئەمما مەزمۇنىدىن مەككىدىكى ئاخىرقى مەزگىللەردە نازىل بولغانلىقى كۆرىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بايان ئۇسلۇبىدىن، دەۋەتكە مۇخالىپ كۈچلەرنىڭ قارشىلىقى تازا ئەۋجىگە چىققان، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ جەمئىيەتتىكى ماۋجۇتلىقىغا چىداپ تۇرالمايدىغان يەرگە يەتكەن، چۈشەندۇرۇش ۋە ئەسكەرتىشلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ توغرا يولغا مىڭىشىدىنمۇ ئۈمۈت قالمىغان ھەمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى رەت قىلىش تۇپەيلىدىن ئۇلار مۇبتىلا بولىدىغان يامان ئاقىۋەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش پەيتىمۇ يىتىپ كەلگەن شارائىت ئىكەنلىكىنى ئىنىق ھىس قىلىۋالغىلى بولىدۇ. مەزمۇندىكى مانا بۇ خىل خۇسۇسىيەت بىزگە قايسى سۈرىنىڭ مەككىدىكى ئاخىرىقى دەۋىر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بىرىدۇ. يەنە كىلىپ بۇ سۈرىدە ھىجرەتكە مۇناسىۋەتلىك بىرەر ئىشارەتنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇنى ھىجرەتكە مۇناسىۋەتلىك ئوچۇق ياكى يىپىق ئىشارەتلەر ئۇچراپ تۇرىدىغان باشقا سۈرىلەردىن ئىلگىرى نازىل بولغان، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. نازىل بولغان ۋاقتىنى شۇنداق مۇئەييەنلەشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشىنى بايان قىلىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. چۇنكى بىز ئىلگىرىكى سۈرە ئەنئام ۋە سۈرە ئەئرافنىڭ قىسقىچە چۇشەندۇرىشلىرىدە شۇ دەۋىرنىڭ تارىخى ئارقا كۆرنىشى ھەققىدە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتكەن ئىدۇق[1].

*** ** *** *** *** ** **** *** **

مەزمۇنى:

دەۋەت قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە ئەسكەرتىش ئۇنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولۇپ، كىرىش سۆز مۇنداق باشلانغان:

كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئوخشاش بىر ئىنساننىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ھەيران بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاساسىسىزلا «سېھرىگەر» دەپ تۆھمەت قىلىشماقتا. ھالبۇكى ئۇ ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان سۆزلەرنىڭ ھېچبىرى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ۋە ياكى سېھىر - جادۇغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ سىلەرگە پەقەتلا ئىككى نەرسىنى ئەسكەرتىدۇ. بىرى، «پۈتكۈل كائىناتنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭ ئىنتىزامىنى باشقۇرىۋاتقان زاتلا سىلەرنىڭ بەندىچىلىك قىلىشىڭلارغا ھەقلىق پەرۋەردىگارىڭلار ھەم خوجايىنىڭلاردۇر» دېيىش، يەنە بىرى، «ھازىرقى دۇنيالىق ھاياتتىن كىيىن يەنە بىر ھاياتلىق دەۋرى كېلىدۇ، ئۇنىڭدا سىلەر قايتا پەيدا قىلىنىسىلەر، ھازىرقى ھاياتىڭلاردا قىلغان بارلىق ئىش – ھەركىتىڭلاردىن ھىساب بېرىسىلەر. سىلەرنىڭ ئاللاھنى ھەقىقىي خوجايىن دەپ بىلىپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن پوزىتسىيەدە بولغان، بولمىغانلىقىڭلارغا قاراپ جازالىنىسىلەر ياكى مۇكاپاتلىنىسىلەر. ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويىۋاتقىنى (سىلەرنىڭ ئىشىنىش ياكى ئىشەنمەسلىكىڭلاردىن قەتئىي نەزەر) دەل مانا بۇ ئىككى ھەقىقەتتىن ئىبارەتتۇر. ئۇ سىلەرنى بۇنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ھاياتىڭلارنى شۇنىڭغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا چاقىرىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلساڭلارۆ ئاقىۋىتىڭلار ياخشىلىنىدۇ، قوبۇل قىلمىساڭلار، يامان نەتىجىسىنى ئۆزەڭلار كۆرىسىلەر» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

*** ****  *** ***** * **** * ****

تۈپ مەسىلىلەر:

يۇقارقى ئاگاھلاندۇرۇشتىن كىيىن سۈرىدە تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئالاھىدە تەرتىپ بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

1 – ھەرقانداق مۇنازىرىدە يېڭىش - يېڭىلىشقا ئەمەس، بەلكى كۆز قاراش، پىكىر جەھەتتىكى ئازغۇنلۇقتىن شۇنداقلا ئۇنىڭ يامان نەتىجىسىدىن ساقلىنىشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان ھەمدە جاھىلانە مۇتەئەسسىپلىكى بولمىغان كىشىلەرگە قارىتا ئاللاھنىڭ يىگانە پەرۋەردىگارلىقى ھەققىدە ۋە ئاخىرەتتىكى ھاياتلىق ھەققىدە ئەقىل، ۋىجدانغا قانائەت بەخىش ئېتەلەيدىغان دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش.

2 – كىشىلەرنىڭ تەۋھىد ۋە ئاخىرەت ئەقىدىسىنى قوبۇل قىلىشىغا ئېغىر توسالغۇ بولىۋاتقان (ھەم ھەر دائىم توسالغۇ بولىدىغان) خاتا قاراشلارنى يوقۇتۇش ۋە غاپىللىققا تەنبىھ بىرىش.

3 – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى ۋە تەرغىباتلىرىغا قارىتىلغان ئېتىراز، شەك – شۇبھىلەرگە جاۋاب بىرىش.

4 – ئاخىرەت ھاياتىدا بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەرلەندۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ھۇشيارلىق بىلەن ھازىرقى ئەمەلىيىتىنى ئىسلاھ قىلىۋېلىشىنى ۋە كىيىنكى پۇشماننىڭ ئالدىنى ئىلىۋېلىشىنى تەكىتلەش.

5 – «دۇنيالىق ھايات پەقەتلا بىر ئىمتىھاندۇر، بۇ ئىمتىھان ئۈچۈن ساڭا بېرىلگەن مۆھلەت دۇنيادا تىنىقىڭ توختىغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ. ئەگەر سەن بۇ قىسقا پۇرسەتنى  زايا قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلىشتەك ئىمتىھاننىڭ غەلىبە ھازىرلىقىنى پۇتتۇرۋالالمىساڭ، ئۇ پۇرسەت قايتا قولغا كەلمەيدۇ. پەيغەمبەرنىڭ كەلگەنلىكى، شۇنداقلا قۇرئان ئارقىلىق ھەققانىيەت ئىلمىنىڭ ئۆگىتىلگەنلىكى ساڭا بېرىلىۋاتقان ئەڭ ئېسىل مۆھلەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىن پايدىلانمىساڭ، كىيىنكى ئەبەدىلىك ھاياتتا دائىملىق پۇشايمانغا قالىسەن» دەپ ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش. 

6 – ئىنساننىڭ ھاياتىدا جاھالەت ھەم زالالەتنى پەيدا قىلىدىغان نەرسە ئاللاھنىڭ ھىدايىتىدىن مەھرۇم ھالدا ھايات كەچۇرۇشتىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكى ھەققىدە ئوچۇق ئىشارەتلەرنى قىلىش بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى قىسقىچە، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىسسىسى تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدا مۇنداق تورت ئىشنى ئەستە چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.

1 – سىلەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا خۇددى ئىلگىرىكىلەر نۇخ ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالاملارغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىۋاتىسىلەر. شۇنىڭغا ئىشىنىشىڭلار لازىمكى، سىلەردىن ئىلگىرىكىلەر ئۇ مۇئامىلىنىڭ قانداق ئاقىۋېتىنى كۆرگەن بولسا، سىلەرمۇ شۇنداق ئاقىۋەتنى كۆرىسىلەر.

2 – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھازىرقى ئامالسىزلىقىغا قاراپ، دائىم شۇنداق بولامدىكى دەپ قالماڭلار، مۇسا ۋە ھارۇنغا يار – يۆلەك بولغان ئاشۇ قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ كەينىدە مەۋجۇتلۇقىنى سىلەر بىلمەيسىلەر. چوقۇمكى، ئاللاھ ھېچ كىشىنىڭ كۆزى يەتمەيدىغان يوللار بىلەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى تۈزەيدۇ.

3 – ئاللاھ سىلەرگە بېرىۋاتقان بۇ ئوڭشىلىش پورسىتىنى زايا قىلىۋېتىپ، ئاندىن خۇددى فىرئەۋنگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ ئازابى كەلگەن ئاخىرقى مەزگىلدە تەۋبە قىلساڭلار ھەرگىز ئەپۇ قىلىنمايسىلەر.

4 – مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر ئۆزلىرى ئۇچراۋاتقان قاتتىق قارشىلىقلارغا شۇنداقلا ئۆزلىرىدىكى ئامالسىزلىقلارغا قاراپ ھەرگىز مەيۇسلەنمىسۇن. بەلكى بۇنداق شارائىتتا قانداق ھەرىكەت قىلىش لازىملىقىنى ياخشى بىلىشى لازىم. شۇنىڭغىمۇ قاتتىق دىققەت قىلىشى لازىمكى، ئاللاھ ئۆز فەزلى بىلەن بۇ قىيىن ئەھۋالدىن چىقىرىپ قويغاندا، ھەرگىزمۇ خۇددى مىسىردىن نىجاتلىققا ئېرىشىپلا باشقىچە پوزىتسىيەدە بولغان بەنى ئىسرائىلغا ئوخشاش مۇئامىلىدە بولۇپ قالماسلىق كېرەك.

ئاخىرىدا ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز پەيغەمبىرىنى دەل مانا بۇ ئەقىدە، مانا بۇ ئېقىمدا مېڭىشقا ھىدايەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭدا قەتئىي ئۆزگەرتىش بولمايدىغانلىقى جاكارلىنىدۇ ۋە: «كىمكى بۇنى قوبۇل قىلىدىكەن، گويا ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇنى تاشلاپ خاتا يوللاردا قىيىپ يۈرىيدىكەن ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغان بولىدۇ» دېيىلىدۇ.

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە ھۇدنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 


[1]  تارىخىي ئارقا كۆرىنىشىنى مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن پىروگراممىمىزنىڭ ئىلگىرىكى بۆلۈملىرىدە ئاڭلىتىلغان سۈرە ئەنئام ۋە سۈرە ئەئرافنىڭ قىسقىچە چۇشەندۇرىشلىرىگە قاراڭ...



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر