سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ نامى رىيادۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى - 20 (ئاۋازلىق)

731010
سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ نامى رىيادۇر

    

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ۋاي ھالىغا ئۇ ناماز ئوقۇغانلارنىڭ، ئۇلار نامازلىرىغا ئەستايىدىل بولمىغانلاردۇر، ئۇلار نامازلىرىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدىغانلاردۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  ھەدىس شەرىپتە مۇنۇ دۇئانى تەلىم بېرىدۇ:

«ئى ئۇلۇغلۇقنىڭ ۋە ئىكراملارنىڭ ئىگىسى، ھەممە نەرسىنىڭ رەببى بولغان ئاللاھىم! بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەردائىم ساڭا ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بىلەن مەھكەم باغلىنىدىغانلاردىن قىلغىن»[2]  

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بۈگۈنكى خۇتبىمىزدە، پۈتۈن ياخشى ئەمەللىرىمىزنى يوق قىلىۋېتىدىغان، خەيرىلىك ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىنى ئۆچۈرۈپ تاشلايدىغان بىر ناچار ئەمەل ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز. ئۇ بولسىمۇ دەل رىيادۇر. 

رىيا؛ گۈزەللىكلەرنى يوق قىلىدىغان، ياخشىلىقلارنى بىكار قىلىۋېتىدىغان بىر سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ ئاتىلىشىدۇر. رىيا؛ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرگە ۋە بىر - بىرىگە بولغان ئىشەنچكە زىيان سالىدىغان، كىشىنى ئېتىبارسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان بىر كېسەللىكتۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسىلام ساھابىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سۆھبىتىدە ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى رىيا تەرەپكە تارتىپ، «سىلەرنىڭ ھەققىڭلاردا ئەڭ قورقايدىغىنىم كېچىك شېرىكتۇر» دەيدۇ.  ساھابىلەر: «كىچىك شېرىك دېگەن نېمە يا رەسۇللاھ؟» دەپ سورايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىدۇ: «كىچىك شېرىك رىيادۇر. قىيامەت كۈنىدە ئاللاھ تائالا ھەممەيلەنگە قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتىنى بەرگەن چاغدا رىياكارلارغا خىتاب قىلىپ: <دۇنيادا كىمگە (ياخشى كۆرۈنۈش ئۈچۈن) رىياكارلىق قىلغان بولساڭلار شۇنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، قاراپ بېقىڭلار ئۇلارنىڭ يېنىدا سىلەرگە مۇكاپات بەرگۈدەك ياكى پايدىلىق بىرەر نەرسە بارمىكىن؟> دەيدۇ»[3]

ئەزىز مۆئمىنلەر! دىنىمىز ئىسلامنىڭ جەۋھىرى سەمىمىيەت ۋە ئىخلاستۇر. ئېتىقادىمىزنى، بەندىچىلىكىمىز ۋە ئىتائىتىمىزنى پەقەت ۋە پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھ تائالاغىلا خاس قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. قىلغان سۆز ھەرىكەتلىرىمىزدە پەقەتلا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزدە تۇتۇش، قانداق بولساق، شۇنداق كۆرۈنۈش ياكى قانداق كۆرۈنسەك، شۇنداق بولۇشىمىزدىن ئىبارەتتۇر.

بىراق ئەمەللىرىمىز رىيا ۋە كۆزكۆز قىلىش بىلەن بۇلغىنىدىغانلا بولسا، ھېچ قانداق مەنىسى قالمىغان بولىدۇ. ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتتىن ئۇزاق ئەمەللەرنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى زىننەتلىك ئەمما ئىچى بوش بولىدۇ. سەمىمىيەت بولمايدىغان بولسا، پۈتۈن قىممەت قاراشلار قىممىتىنى يوقىتىدۇ. سەمىمىيەت پەقەتلا ئېتىقاد ۋە ئىبادەتلەردىلا ئەمەس، ئىنسانلار بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىمىزدىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ئائىلە ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلىق، قوشنىدارچىلىق ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىمىزدىن تارىتىپ ئىش ئورنىمىزغا قەدەر بولغان تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە، ھەر قانداق مۆئمىننىڭ ھەقىقىي سەمىمىي بولۇشى ئەڭ چوڭ ئەخلاقىي پەزىلەتتۇر. بۇ پەزىلەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ يولى قىلغان ھەرقانداق ئىشىمىزدا ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! رىيا چاپلىشىدىغانلا بولسا، مۆئمىننىڭ مېراجى بولغان نامازلىرىمىزمۇ بىزنى يامان ئەمەللەردىن ساقلاپ قالالمايدىغان بولىدۇ. بۇنداق ناماز قۇرئاندىكى «ۋاي ھالىغا ئۇ ناماز ئوقۇغانلارنىڭ» دېگەن ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان نامازغا ئايلىنىپ قالىدۇ. خۇددى قۇرئاندا «ئۇلار نامازلىرىغا ئەستايىدىل بولمىغانلاردۇر» دەپ ئىپادىلەنگەنگە ئوخشاش ئەستايىدىللىقتىن خالىي نامازغا ئايلىنىپ قالىدۇ. قۇرئاندا بۇ ئىش «ئۇلار نامازلىرىنى باشقىلارغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ» دەپ ئىپادىلەپ بېرىلىدۇ[4].

شۇنىڭدەك، ئەگەر روزىلىرىمىزمۇ رىياغا قۇربان قىلىنىدىغان بولسا، ئۇ چاغدا روزا ھەرگىزمۇ يامانلىقلارغا قارشى قالقان بولالمايدۇ. رىياكارلىق بىلەن كېسىلگەن قۇربانلىقلىرىمىزمۇ بىزنى ھەرگىز ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرالمايدۇ. رىيا بىلەن بۇلغانغان سەدىقەلىرىمىز ۋە خەيرى – ئىسانلىرىمىزمۇ رەببىمىزگە بولغان ساداقىتىمىزنى ئىپادىلەشتىن ئۇزاقلاشقان بولىدۇ. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رىيا بىلەن بۇلغانغان ئەمەللەرنىڭ قىيامەت كۈنىدە ئۆز ئىگىسىنى چوڭ زىيانغا سۆرەيدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن ئىدى.

«سەخىي دىسۇن» دەپ سەدىقە قىلغان كىشىنىڭ ئاخىرەتتە ئۇنى كۆيدۈرىدىغان ئوتى ئۆزىنىڭ مال بايلىقى بولىدۇ.  «ئالىم دېسۇن» دەپ بىلىم ئالغانلارنىڭ بىلىمىمۇ ئۇنىڭ ئازابىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ھەتتا «قەھرىمان دېسۇن» دەپ شېھىت بولغان كىىشنىڭمۇ شېھىتلىكى قوبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، نىيىتىنى پەقەتلا ئۆزىنى كۆرسىتىشتەك پەسكەشلىككە ئۇدۇللىغانلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھېچ قانداق قىممىتى بولمايدۇ[5].

ئەزىز قېرىنداشلار! كۈنسىرى دۇنيادا ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە ئىناۋەت تىكلەش كېسىلى ھاكىم ئورۇنغا ئۆتمەكتە. ئىنسانلار سەمىمىيەتتىن تولىمۇ تېز ئۇزاقلاشماقتا. بۈگۈنكى كۈندە ئىددىيە ۋە قەلىبلىرىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان، ئىمان ۋە ئەمەللىرىمىزگە تەھدىت بولۇۋاتقان شۇنداقلا ئىنسانىي ئالاقە - مۇناسىۋەتلىرىمىزگە ۋە ئۆزئارا دوستلۇقىمىزغا زىيان يەتكۈزىۋاتقان خەۋپلەردىن بىرسى دەل ئەشۇ ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە رىيادۇر. ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتۈۋاتقان بۇ دۇنيادا بىزنىڭ مۆئمىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىز، ئىككى يۈزلۈك، ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە شەخسىيەتچىلىكتىن ئۇزۇاقلىشىشتىن ئىبارەتتۇر. ھەر بىر سۆزىمىزدە، ھەر بىر ئىشىمىزدا پەقەتلا رەببىمىزنىڭ رىزاسىنى، ئاللاھنىڭ خوشال بولۇشىنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

ئۇلۇغ مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنى ۋە سەمىمىي ھېس - تۇيغۇلىرىمىزنى سۇيىئىسېتىمال قىلماقچى بولغان رىياخورلارغا قارشى سەگەك بولۇشىمىز لازىم. كۆز بويامچلىق بىلەن ئارىمىزغا پىتنە – پاسات، ئايرىمچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كىرمەكچى بولغانلارغا پۇرسەت بەرمەسلىكىمىز لازىم.

ئەزىز قېرىنداشلار خۇتبىمىزنى سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز: «ئى ئۇلۇغلۇقنىڭ ۋە ئىكراملارنىڭ ئىگىسى، ھەممە نەرسىنىڭ رەببى بولغان ئاللاھىم! بىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ھەردائىم ساڭا ئىخلاس ۋە سەمىمىيەت بىلەن مەھكەم باغلىنىدىغانلاردىن قىلغىن»[6]  ئامىن!!!

 


[1]  سۈرە مائۇن 4- 6 ئايەتلىرى

[2]  ئەبۇ داۋۇد، ۋىتر 25

[3]  بەيھەقىي، شائىبۇل ئىمان 333

[4]  سۈرە مائۇن 4- 6 ئايەتلىرى

[5]  مۇسلىم، ئىمارە 152

[6]  ئەبۇ داۋۇد، ۋىتر 25



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر