خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ يەندوڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ يەندوڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرۇلۇق ئېلىپ بارغان ئانالىزى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ يەندوڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇيەندوڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لىيۇ يەندوڭ تۈركىيەدە 18-ئاپرېلدىن 19-ئاپرېلغىچە  زىيارەتتە بولدى، ئۇنى ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرىدىن تۇغرۇل تۈركەش چانكايا سارىيىدا كۈتۈۋالدى. ئارقىدىن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنى باش مىنسىتىر بىنالى يىلدىرىم قوبۇل قىلدى، كۆرۈشۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇنى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قوبۇل قىلدى. خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تۈركىيە ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق ئالىي مەكتەپلىرىدىن بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور مەھمەد ئۆزكاننىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «تۈركىيەدىكى خىتايشۇناسلىق ۋە كۇڭزى ئىنىستېتۇتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»غا شەرپ مېھمىنى سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلدى.

تۇغرۇل تۈركەش كۆرۈشۈشتە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق سەۋىيەسىدىكى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىجابىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنلىكلىرىنى دېدى. تۇغرۇل تۈركەش لىيۇ يەندوڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنىڭ بۇ يىل خىتاي ھەيئەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك زىيارەت بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ،  كۆرۈشۈشتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرىيتىىنىڭ بارلىقى مەسىلىسىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى ، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تېخنولوگىيە، تەنتەربىيە ۋە بىلىم قاتارلىق ھەر قايسى سەھەلەردە تەپسلىي پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى، شۇنداقلا  كۆرۈشۈشنىڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرىمۇ رېفېراندۇمدىن چىققان نەتىجىلەر سەۋەبلىك تۈركىيە دائىرىلىرىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخى ۋە تەرەققىياتى ئۈستىدە توختالدى، ئۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەر قايسى ساھەلەردىكى مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى، ئۇ تۇغرۇل تۈركەشنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى، تۇغرۇل تۈركەشنىڭ خىتاي –تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرۇلۇق چوڭقۇر  ۋە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا داۋاملىق تۈركىيە خەلقىگە خىتاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ناھايىتى ئوبىيكتىپ ھالدا چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى  ئېيتتى.

 16-ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيەنىڭ جۇمھۇرىيەت تارىخىدا ناھايىتى مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىدىن كېيىنلا خىتاي باش مىنىستىرى لىيۇياندوڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتىنى قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى قايسى باسقۇچتا؟ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىمۇ مۇمكىن؟ ھەم تۈركىيەگە نىسبەتەن ھەمدە خىتايغا نىسبەتەن مۇھىم ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن قانداق قارايمىز؟ 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر