پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە خاتىرجەم جەمئىيەت

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (16)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە خاتىرجەم جەمئىيەت

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ۋە خاتىرجەم جەمئىيەت

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى : قال الله تعالى في كتابه الكريم:

إِنَّا عَرَضْنَا الْأَمَانَةَ عَلَى السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ وَالْجِبَالِ فَأَبَيْنَ أَن يَحْمِلْنَهَا وَأَشْفَقْنَ مِنْهَا وَحَمَلَهَا الْإِنسَانُ

قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:

المسلم من سلم الناس من لسانه و يده

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«بىز بۇ ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىدى، ئۇنىڭدىن قورقتى. ئەمما ئىنسان ئۇنى ئۈستىگە ئالدى.» (سۈرە ئەھزاب 72- ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە: «مۇسۇلمان؛ ئۇنىڭ تىلى ۋە قولىدىن باشقىلار خاتىرجەم بولالىغان كىشىدۇر» دەيدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى بەيتۇللاھنىڭ يېنىدىكى سەفا تېغىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ مەككە ئەھلىگە خىتاب قىلغان ھالدا: « شۇ ۋادىنىڭ ئارقىسىدا سىلەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن كۈتۈپ تۇرغان ئەسكەرلەر بار، دېسەم ماڭا ئىشنەمسىلەر؟» دەپ سورىدى. مەككىلىكلەرنىڭ ھەممىسى تەڭلا: «ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز. چۈنكى سەن ئامانەتدار، ئىشەنچلىك ئادەمسەن.  دۇرۇسلۇق ۋە ساداقەتنىڭ ئۈلگىسىسەن. بىز سېنىڭ يالغان سۆزلىگىنىڭنى ھېچ ئاڭلاپ باقمىدۇق» دەپ جاۋاپ قايتۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ جاۋابنى ئاڭلىغاندىن كېيىن: «مەن سىلەرنى قاتتىق بىر ئازابتىن ئاگاھلاندۇرىمەن»[1] دېدى ۋە مەككىلىكلەر بىلەن قوشۇپ پۈتۈن ئىنسانىيەتنى ئاللاھقا ئىمان ئېيتىشقا چاقىرىق قىلدى. ئىمان بىلەن ئامانلىققا ئىگە بولۇشقا، يەنى ھەر تۈرلۈك قورقۇنچ ۋە ۋەسۋەسىلەردىن خاتىرجەملىككە ئېرىشىشكە چاقىرىق قىلدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋۋەللۇتىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكىگە قەدەم قويدۇق. بۇ خاتىرىلەش ھەپتىلىكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى خاتىرىلەش ۋە تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئۈچۈن دىنىي ئىشلار ئىدارىمىز پۈتۈنلەي ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن 1989 – يىلىدىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان پائالىيەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋۋەللۇتىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكى مۆئمىن قەلەبلەردىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببەتنىڭ ئېشىشىغا، ئۇ ئىنانىيەتكە تەقدىم قىلغان گۈزەللىكلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىلىشىگە ۋەسىلە بولماقتا. بۇ پائالىيەت مىللىتىمىز ۋە مەنىۋىي تىررېتورىيەمىزدىكى بارلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ياختۇرۇلغان ئىلمىي ۋە مەدەنىي پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىز قۇرئان كەرىمدە: «بىز بۇ ئامانەتنى ئاسمانلارغا، زېمىنغا ۋە تاغلارغا تەڭلىدۇق، ئۇلار ئۇنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمىدى، ئۇنىڭدىن قورقتى. ئەمما ئىنسان ئۇنى ئۈستىگە ئالدى.» [2]دەيدۇ. شۇنى ئەستە تۇتىشىمىز كېرەككى ئىمان نېئمىتىدىن قالسىلا ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزگە بەخش ئەتكەن ئەڭ چوڭ نېمىتى خاتىرجەملىكتۇر. رەببىمىز كائىناتنى يارىتىپ خاتىرجەم بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىشىمىزنى بۇيرىغان ئىدى. ئىنسان ئىنساندىن، خوشنا خوشنىسىدىن، ئىشچى خوجايىنىدىن خاتىرجەم بولالايدىغان بىر دۇنيانى قۇرۇپ چىقىشىمىزنى خالىغان ئىدى. بىراق مىڭ ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى ئىنسانىيەت دۇنياسى بۇ ئامانەتلەرگە ھەققىگە يارىشا رىئايە قىلمايۋاتقان بولغاچقا، يەر شارى خاراكتېرلىك بىر خاتىرجەمسىزلىك دولقۇنىغا دۇچار بولماقتىمىز. شەخس بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بۇزىۋاتقان ھەر تۈرلۈك ۋەقەلەر ئارقىمۇ ئارقىدىن ئۈزۈلمەي يۈز بەرمەكتە. كۈن ئۆتكەنسىرى ئىنساننىڭ ئىنسان ۋە تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلماقتا. ھەر بىر كۈننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ دۇنيايىمىز تېخىمۇ خاتىرجەمسىز ھالغا كەلمەكتە.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، چوڭ بىر مالىمانچىلىق مۇھىتىنى، ئاجايىپ بىر خاتىرجەمسىزلىك ۋە ۋەھىمىلىك مەنزىرىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى كۆرىمىز. خەۋسىزلىك ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنماقتا. پەن - تېخنىكىنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى سەپەرۋەر قىلىنماقتا. بۈگۈنكى كۈندە يەر شارىمىزنى قورشاپ تۇرغان خاتىرجەمسىزلىك زۇلمىتى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق يۇرتى ۋە ئۆيى بولغان بۇ دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە كېلەچىكى خەۋپ ئاستىدا تۇرماقتا. ئىنسانلارنىڭ تۈگىمەس – پۈتمەس نەپسانىيەتچىلىكى ۋە ئاچ كۆزلۈكى سەۋەبىدىن تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇشقا يۈز تۇتماقتا. ئەپسۇسلانغان ھالدا شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتەيكى، بۇ بارلىق سەلىبىيلىكلەردىن مۇسۇلمانلارمۇ ئۆزىنى قوغداپ قالالىغىنى يوق. تارىختا سالامەتلىك ۋە ئامانلىق دىيارى دەپ بىلىنگەن ئىسلام دىيارلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئەخلاق ۋە قانۇن تونىمايدىغان قاراڭغۇ پىرىنسىپسىز ئۇرۇشلارنىڭ چاڭگىلىدا ۋەيران قىلىنماقتا.

ئەزىز قېرىنداشلار! دىنىي ئىشلار ئىدارىمىز مانا بۇ بارلىق ھەقىقەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋۋەللۇتىنى خاتىرىلەش ھەپتىلىكىنىڭ 2017 – يىللىق پىروگراممىلىرىغا «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە خاتىرجەم جەمئىيەت» دېگەن تېمىنى تاللىدى. ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر ئارقىلىق خاتىرىجەملىكنىڭ ئۈلگىسى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خاتىرجەملىك بەخش ئەتكۈچى ئۈممىتى بوللاشىمىز ۋە خاترجەملىككە چۆمگەن جەمئىيەتنى بەرپا قىلالىشىمىز ئۈچۈن مۆئمىن قەبلەرگە بىر ئاڭ ۋە چۈشەنچە ئورۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن ئىنسانىيەت بىرلىكتە خاتىرجەمسىزلىك گىردابىغا ئىتتىرىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىخەتەر، خاتىرجەملىككە تولغان ۋە ياشىغىلى بولىدىغان بىر دۇنيا قۇرۇپ چىقىشقا ھەسسە قوشۇش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق غايىسى، ئىنسانلارنى تەۋھىد ئېتىقادىغا چاقىرىش، ئىماننى قەلبلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىمان ئارقىلىق قەلب – ئىددىيەلەرنى، شەھەر ۋە دۆلەتلەرنى ئامانلىققا يەنى، بىخەتەرلىككە ئىگە قىلىش ئىدى. ئىنسانىيەتكە دىنى، مال – مۈلكى ۋە ئابىرويى خاتىرجەملىككە ئىگە بولغان بىخەتەر جەمئىيەتنى تەقدىم قىلىش ئىدى. ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ پۈتۈن ھاياتى مۇشۇ يولدا كۈرەش قىلىش بىلەن ئۆتتى. ئۇ ئىمان بىلەن ئامانلىق، مۆئمىن بىلەن ئىشەنچلىك بولۇش ئوتتۇرىسىدا ئاجايىپ مۇستەھكەم رىشتە قۇرۇپ چىققان ئىدى. ھەقىقي مۆئمىننى تەرىپلەپ: «مۇسۇلمان؛ ئۇنىڭ تىلى ۋە قولىدىن باشقىلار خاتىرجەم بولالىغان كىشىدۇر»[3] دېگەن ئىدى.

مانا بۈگۈن ئەشۇ ئامەنەتدار ئىشەنچلىك پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىزمۇ باشقىلار خاتىرجەم بولالايدىغان، ئىشەنچلىك مۆئمىنلەردىن بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. ئالدى بىلەن بىز شۇنداق بولالالىغان جاغدىلا، رەببىمىزنىڭ ئامانلىقى ۋە ھىمايىسى بىزگە يار بولىدۇ. ئاللاھ بىزنى ھەر تۈرلۈك قورقۇنچ، غەم – قايغۇلاردىن، ئەندىشە ۋە ئازابلاردىن قوغدايدۇ. بىزلەر ئىشەنچلىك مۆئمىن بولالىغان چاغدىلا ئەتراپىمىزدىكىلەردىنمۇ خاتىرجەملىكنى كۈتەلەيدىغان بولىمىز. ئائىلىمىز، ئىش ئورۇنلىرىمىز، مەھەللىمىز، شەھەرلىرىمىز، دۆلىتىمىز ۋە دۇنيايىمىزمۇ خاتىرجەم بولىدۇ. چۈنكى  خاتىرجەم دۇنيا پەقەت ئىشەنچلىك كشىلەر تەرىپىدىن، خاتىرجەملىك بەخش ئەتكۈچى مۆئمىنلەر تەرىپىدىن بەرپا قىلىنىدۇ. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، دىن؛ خاتىرجەملىكتۇر. مۆئمىنلەر؛ ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك بەخش ئەتكۈچىدۇر. ئادىمىيلىك؛ ئىنسانغا بېرىلگەن ئامانەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋۋەللۇتىنى خاتىرىلەش ھەپتەڭلارنى تەبرىكلەيمىز. بۇ ھەپتىنىڭ دۆلىتىمىز، مىللىتىمىز، مەنىۋىي تىررېتورىيەمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياخشىلىققا ۋەزىسلە بولۇشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيمىز.  ئامىن!!!

 

 


[1]  بۇخارى

[2]  سۈرە ئەھزاب 72- ئايەت

[3]  ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر