سۈرە ئەسىر ئۆگەتكەن ھەقىقەتلەر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى (08)

سۈرە ئەسىر ئۆگەتكەن ھەقىقەتلەر

سۈرە ئەسىر ئۆگەتكەن ھەقىقەتلەر

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىنسانلار ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدە. پەقەت ئىمان ئېيتقان، سالىھ ئەمەللەرنى قىلغان، بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان، بىر - بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان كىشىلەرلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا.» دەيدۇ (سۈرە ئەسىر)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئىمان يەتمىش نەچچە ياكى ئاتمىش نەچچە تارماققا ئىگە. ئەڭ ئەۋزىلى؛ «لا ئىلاھە ئىللەللاھ»، ئەڭ ئاددىسى يولدىن ئىنسانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىرەر نەرسىنى ئېلىۋېتىشتۇر. ھايا بولسا، ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر» (مۇسلىم)

ئەزىز قېرىنداشلار! قۇرئان كەرىمدە ئۆزى قىسقا ئەمما مەنىسى ئىنتايىن چوڭقۇر بىر سۈرە بار. بۇ سۈرە ئىنساننى ئەبەدىيلىك زىياندىن قۇتقۇزۇپ، تۈگىمەس – پۇتمەس نېمەتلەرگە ئېرىشىشتۇرىدىغان يوللارنى ئىنتايىن ئېخچام بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ دەل ئەسىر سۈرىسىدۇر. ئەسىر سۈرىسى بىزگە ھاياتلىق بەخش ئېتىدىغان 5 ھەقىقەتنى تەلىم بېرىدۇ. قېنى ئەمىسە كېلىڭلار بۈگۈن بۇ 5 ھەقىقەتكە ھەممەيلەن بىرلىكتە قۇلاق سالايلى!

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەسىر سۈرىسى بىزگە ئۆگەنكەن بىرىنچى ھەقىقەت، ۋاقىت چۈشەنچىسىدۇر. ئىنسان ۋاقىت بىلەن چەكلىك بىر مەۋجۇتلۇقتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ سۈرىنىڭ بېشىدىلا زاماننى ئىنسانغا گۇۋاھ قىلغان ھالدا، «وَالْعَصْرِ. إِنَّ الْإِنسَانَ لَفِي خُسْرٍ» «زامان بىلەن قەسەمكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر» دەيدۇ. چۈنكى ئىنسانغا ئاتا قىلىنغان ئەڭ چوڭ نېمەتلەردىن بىرسى ۋاقىت بولۇپ، دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈپ، زىننەتلەش ئارقىلىق ئاخىرەتلىك ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرىشىمىز ئۈچۈن بىزلەرگە ئامانەت قىلىنغان ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ۋاقىت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئامانەتنى پەرۋاسىزچە بۇزۇپ چېچىش، ئاڭسىز ۋە مەسئۇلىيەتسىز ھالدا ئۆمۈرنى بىھودە ئۆتكۈزۈش مۆئمىنگە ھەرگىز ياراشمايدۇ. مانا بۇ ئىنسانغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ زىياندۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەسىر سۈرىسى بىزگە ئۆگەتكەن ئىككىنچى ھەقىقەت، ئىمان نېئمىتىدۇر. ئاللاھ تائالا «إِلَّا الَّذِينَ آمَنُوا» «ئىمان ئېيتقانلار(مۇستەسنا)» دېيىش ئارقىلىق بۇ زىياندىن قۇتۇلۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى ئىمان ئېيتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. چۈنكى ئىمانسىز ئۆتكەن بىر ھايات، ئەڭ كاتتا زىياننىڭ دەل ئۆزىدۇر. ئىمان بولسا، قەلبنىڭ خەيرىلىك ۋە كۈزەللىكلەرگە، ھەق ۋە ھەقىقەتكە يەلكەن ئاچقانلىقىدۇر. كەلىمە شاھادەت ۋە كەلىمە تەۋھىدنى چىن قەلبىدىن ئېيتقان ھەر قانداق مۆئمىن كۇپىرلىققا قارشى ئىماننىڭ، باتىلغا قارشى ھەقنىڭ، زىللەتكە قارشى ئىززەتنىڭ، زۇلۇمغا قارشى ئادالەتنىڭ يولىدا ماڭىدىغانلىقىغا دائىر ئۆز - ئۆزىگە ۋە رەببىگە ۋەدە بەرگەن بولىدۇ. يامانلىقلارنىڭ ئەمەس، ياخشىلىقنىڭ يېنىدا بولىدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار ئەسىر سۈرىسى بىزگە ئۆگەتكەن ئۈچىنچى ھەقىقەت، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئېڭىدۇر. ئاللاھ تائالا « وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ» «سالىھ ئەمەللەرنى قىلغانلار (مۇستەسنا)» دېيىش ئارقىلىق بىزنى مەڭگۈلۈك زىياندىن قۇتقازغۇچىنىڭ ئىمانىمىز بىلەن بىرلىكتە سالىھ ئەمەللىرىمىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. سالىھ ئەمەل، ئىمانغا خاس پوزىتىسىيەنىڭ ئالامىتىدۇر. ئىماننىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدۇر. بىزنى رەببىمىزنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتۇرىدىغان ھەر بىر سۆز ۋە ھەرىكەتلەر سالىھ ئەمەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇددى ئىخلاس بىلەن يۇغۇرۇلغان نامىزىمىز، روزىمىز، زاكاتىمىز ۋە ھەج ئىبادىتىمىز سالىھ ئەمەل بولغانغا ئوخشاش، ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيەتلىرىمىزنى ئىنسانىيەتنىڭ خىزمىتىگە ئاتاشمۇ سالىھ ئەمەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھەمدە يېتىم – يېسىرلارغا قول – قانات بولۇش، قارىغۇلارغا كۆز، گاسلارغا قۇلاق، قولى تۇتماسقا قول، پۇتى باسماسقا پۇت بولۇشمۇ سالىھ ئەمەلدۇر. خاتىرجەملىكىمىزگە، قېرىداشلىرىمىزغا، قىممەت قاراشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش، يامانلىققا توسقۇنلۇق قىلىپ، ياخشىلىقنى ھاكىم قىلىشقا تىرىشىشمۇ سالىھ ئەمەلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۇقىرىقى ھەدىستە بىلدۈرگەنگە ئوخشاش «ئىنسانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان بىرەر نەرسىنى يولدىن ئېلىۋېتىش»مۇ سالىھ ئەمەل ھېسابلىنىدۇ. قىسقىسى سالىھ ئەمەل، توغرا ئىش دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ توغرا ئىش ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئۇيغۇن، ئىنساننىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. 

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەسىر سۈرىسى بىزگە ئۆگەتكەن تۆتىنچى ھەقىقەت، خۇددى ئايەتتە «وَتَوَاصَوْا بِالْحَقِّ» «بىر - بىرىگە ھەقنى تەۋسىيە قىلىشقان» دېيىلگەنگە ئوخشاش ھەقنىڭ يېنىدا بولۇشتىن ئىبارەتتۇر. بىر – بىرمىزنى ھەق ۋە ھەققانىيەتكە يۈزلەندۈرۈش، ھەم ئۆزىمىزنى، ھەم قېرىنداشلىرىمىزنى باتىل، يالغان، ھېلە – نەيرەڭ، پىتنە – پاسات زۇلمەتلىرىدىن قۇغداشتۇر. رەببىمىز بىلەن، كائىنات ۋە ئەتراپىمىزدىكىگلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزدە مەيلى قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر، توغرا – دۇرۇسلۇقتىن ۋە ئىستىقامەتتىن ئايرىماسلىقتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئەسىر سۈرىسى بىزگە ئۆگەتكەن بەشىنچى ھەقىقەت، خۇددى «وَتَوَاصَوْا بِالصَّبْرِ» «بىر - بىرىگە سەۋرىنى تەۋسىيە قىلىشقان» دېيىلگەندەك سەۋر بىلەن قوراللىنىشتىن ئىبارەتتۇر. بىراق شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، سەۋر باتىلغا باش ئېگىش ئەمەس، دەل ئەكسىچە ھەق ۋە ھەققانىيەت يولىدا مۇستەھكەم تۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار خۇتبىمىزنى ئىستىقلال شائىرىمىز مەرھۇم مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭ مۇنۇ شىئېرلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

ساھابىلەر خوشلىشىدىغان چاغدا چوقۇم

سۈرە ئەسىرنى ئوقۇيدىكەن، بۇ نېمە ئۈچۈن؟

چۈنكى يوشۇرۇندۇر ئۇ كاتتا سۈرىدە نىجاتلىق

باشتا ھەققىي ئىمان كېلىدۇ، ئاندىن سالىھ ئەمەل،

ئارقىدىن ھەق، ئاندىن قەتئىيلىك،

مانا ئوغلۇم ھەقىقىي ئىنسانلىق.

بۇ تۆتى بىرلەشتىمۇ ساڭا يوقتۇر يېڭىلىش ۋە زىيانلىق.

ئاللاھ ھەممىزنى سۈرە ئەسىرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن ھايات كەچۈرىدىغان ھەقىقي مۆئمىنلەردىن قىلسۇن ئامىن!!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر