قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (06)

تۆۋەندە قۇرئان كەرىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چۈشۈنۈپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىىڭ تەۋسىيەلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (06)

قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (06)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە قۇرئان كەرىمنىڭ رەتلىنىش تەرتىپى ۋە قۇرئان كەرىمنى مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ئوقۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان مۇھىم تەۋسىيەلەرنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە قۇرئان كەرىمنى تېمىلارغا بۆلۈپ، خاتىرە تۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇش مېتودىنى ۋە بەزى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك چېگىش سوئاللارنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! بىز ئىلگىرىكى بۆلۈمدە چرشەندۈرۈپ ئۆتكەنگە ئوخشاش قۇرئان كەرىمگە تۇلۇق بىر نەزەر سېلىپ چىققاندىن كىيىن ئاندىن تەپسىلى مۇھاكىمە قىلىشنى باشلاش كېرەك. بۇ جەرياندا ئوقۇرمەن قۇرئان تەلىماتلىرىنىڭ ھەربىر تېما ژانېرلىرىنى ئەستە تۇتۇپ، خاتىرلەپ مېڭىشى لازىم. مەسىلەن: قۇرئان كەرىم قايسى خىل ئىنساننى ياخشىلىقنىڭ، قايسى خىل ئىنساننى رەزىللىكنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ كۆرسىتىدۇ؟ دېگەن تىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز خاتىرىسىنىڭ بىر تەرىپىگە "ياخشى ئىستىللىق ئىنسان"، يەنە بىر تەرىپىگە "ناچار خاراكتىرلىق ئىنسان" دەپ ماۋزۇ قويۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرئاندا بايان قىلىنغان خۇسۇسىيەتلىرىنى ماۋزۇ ئاستىغا ئۇدۇلمۇ ـ ئۇدۇل تىزىپ چىقىشى لازىم. ياكى مەسىلەن: قۇرئان كەرىمنىڭ روھى بويىچە ئىنسانلارنىڭ بەخت ـ سائادىتى نېمىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك؟ ئىنسانلارنىڭ پالاكەت ھەم ھالاكەتكە مۇبتىلا بولىشىغا سەۋەپكار ئامىللار قايسى؟ دېگەن تىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز خاتىرىسىگە "بەختىيارلىققا سەۋەپكار ئامىللار" ۋە "بەخىتسىزلىككە سەۋەپچى ئامىللار" دەپ، ئىككى خىل كاتاگورىيە تۈزۈپ چىقىشى ۋە قۇرئاننى ئوقۇش جەيانىدا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلەرنى خاتىرلەپ مېڭىشى لازىم. شۇنىڭدەك قۇرئان كەرىمنىڭ ئەقىدە، ئەخلاق، ھوقۇق، مەجبۇرىيەت، مەدىنىيەت، ئىقتىساد، سىياسەت، جەمىئىيەت، قانۇن، ئىجتىمائىي تۈزۈم، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان كۆرسەتمىلىرىنىمۇ بىر ـ بىرلەپ، ئايرىم ـ ئايرىم خاتىرلەپ مېڭىش لازىم. ئاندىن ئۇلارنى ئەتراپلىق جەملەپ چىققاندىن كىيىن، زادى قانداق ھاياتلىق چىرتىيوژى قايسى خىل شەكىلدە پۈتۈپ چىقىدىغانلىقىغا قارىشى ئىنتايىن مۇھىم.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، بىرەر مەخسۇس تۇرمۇش مەسىلىسىگە قارىتا قۇرئان كەرىمنىڭ ئاساسلىق نۇقتى نەزىرىنى تەتقىق قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەم ئالدى بىلەن شۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كىلاسسىك ياكى مودىرىن (زامانىۋىي) ماتىرياللارنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىلىرى نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، ھازىرغا قەدەر ئىنسانلارنىڭ شۇ مەسىلىگە قارىتا قانداق تونۇش ۋە چۈشەنچىلەردە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، قايسى نۇقتىلارنىڭ ھەل قىلىنىشى لازىملىقى ۋە قايسى نۇقتىدا ئىنساننىڭ تەپەككۈر تولپارى ئاقساپ قالىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىپ يېتىشى لازىم. ئاندىن ھەل قىلىش موھىم بولغان مەسىلىلەرنى چىقىش قىلغان ئاساستا قۇرئاننى مۇھاكىمە قىلىشنى باشلاش كېرەك. ئۆز تەجرىبەمگە ئاساسەن شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىرەر مەسىلىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغاندا، ئىلگىرى نەچچە ئون قېتىم ئوقۇپ ئۆتكەن، ئەمما ئۇنىڭ شۇ خىل مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئادەمنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمىغان ئايەتلەردە بىردىنلا مەسىلىنىڭ جاۋابى ئۇچراپ قالىدۇ.

لىكىن قۇرئاننىڭ چاقىرىقىنى ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلىمىغاندا، قۇرئاننى چۈشىنىشنىڭ يۇقىرىقى تەدبىرلىرىمۇ ئىنساننى قۇرئاننىڭ ھەقىقىي روھىغا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ. چۇنكى بۇ قانداقتۇر ئورۇندۇقتا، ئارامىدا ئۆلتۇرۇپ، ئوقۇپ قويسىلا ھەممە نەرسىنى ئىنىق چۈشۈنۈپ كېتىۋېرىدىغان نەزرىيىۋىي ياكى خىيالىي كىتاب ئەمەس، ياكى خانىقاھ، مەدرىسلەردە ئوقۇپ ئولتۇرۇپلا بارلىق سىر ـ ئەسرارلىرىنى يېشىپ كەتكىلى بولىدىغان دۇنيادىكى ئوموملىشىپ قالغان قاتمال دىنى تەسەۋۋۇرلارغا ئۇيغۇن كىتابمۇ ئەمەس. بەلكى بىز خۇددى مەقەددىمىنىڭ باشلىنىشىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئۇ بىر ئەمەلىي كۆرەشنىڭ چاقىرىق كىتابىدۇر. ئۇ كېلىش بىلەنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدەك تىنچ تەبىئەتلىك، پاك خىسلەتلىك بىر كىشىنى خىلۋەت بۇلۇڭلىرىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئاللاھدىن يۈز ئۆرىگەن پۈتۈن دۇنياغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆرە تۇرغۇزغان، باتىلغا قارشى سادا ياڭراتقۇزۇپ، كۇپىرلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە زەلالەتنىڭ دەۋر بايراقدارلىرى بىلەن كۆرەش قىلدۇرغان، ھەر بىر ئائىلىدىن بىر ـ بىرلەپ، پاك تەبىئەتلىك كىشىلەرنى تارتىپ چىقىرىپ، ھەققانىيەت بايرىقى ئاستىغا جەم قىلغان، ھەربىر رايۇن ۋە ھەربىر بۇلۇڭلاردىن پىتنە ـ پاساد قالدۇقلىرىنى مەيدانغا چىقىرىپ، ھەققانىيەت پىداكارلىرى بىلەن جەڭ قىلىشقا قىستىغان، تەنھا بىرلا ئىنساننىڭ سادىسى بىلەن ھەرىكەتنى باشلاپ، 23 يىلدا ئىلاھىي خەلىپىلىكنى تىكلەپ بولالىغان ئەشۇ ئۇلۇغۋار كۆرەشلەرنىڭ جەريانىغا رەھبەرلىك قىلغان، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى ھايات ـ ماماتلىق كۆرەشلەر داۋامىدا، ھەربىر دەۋر، ھەربىر باسقۇچلارغا رىياسەتچلىك قىلىپ، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ھېلە ـ نەيرەڭلىرىغا قارشى بەرپا قىلىشنىڭ ئۇلۇغۋار چىرتىيوژىنى سېزىپ بېرەلىگەن مىسلىسىز مۇقەدەس كىتابتۇر.

****** ****** ****** ******* ******

سىزنىڭ ئىسلام بىلەن جاھىلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ مەيدانلىرىغا قەدەم باسماي تۇرۇپ ياكى بۇ مۇشەققەتلىك كۆرەشنىڭ بىرەر باسقۇچىنى بولسىمۇ باشتىن كەچۈرۈپ باقماي تۇرۇپ، مۇنداقلا سۆزمۇ ـ سۆز ئوقۇپ قويۇش بىلەنلا ئۇنىڭ نادىر ھەقىقەتلىرىنىڭ تەكتىگە شۇڭغۇپ كېتەلىشىڭىز قانداقمۇ مۈمكىن بولسۇن؟ شۇنىسى ئىنىقكى، سىزمۇ دەل مۇشۇ كىتاپنى كۆتىرىپ ئەمەلىي مەيداندا، ئىلاھىي دەۋەتنى قانات يايدۇرۇش خىزمىتىگە تۇتۇش قىلغاندىلا، بۇ كىتاب قانداق كۆرسەتمە بەرگەن بولسا، شۇنداق قەدەم بېسىپ ماڭغاندىلا، ئاندىن ئۇنى تۇلۇقى بىلەن چۈشىنىپ يېتەلەيسىز. دەل ئەنە شۇ چاغدا، قۇرئان كەرىم نازىل بولغان پەيتتىكى بارلىق ۋەقەلەر كۆز ئالدىڭىزدا بىر ـ بىرلەپ نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ. مەككە، تائىف ۋە ھەبەشىستاننىڭ باسقۇچلىرىمۇ، بەدىر، ئوھۇد، ھۇنەين، تەبۇكلارنىڭ قانلىق مەيدانلىرىمۇ ئالدىڭىزدىن ئۆتىشكە باشلايدۇ. ئەبۇ جەھىل ۋە ئەبۇ لەھەبلەر بىلەنمۇ دوقۇرۇشۇپ قالىسىز. مۇناپىق، يەھۇدى، ناسالارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. "سابقون الاوّلون" (ئەۋۋەلقى ساھابە كېراملار)دىن تارتىپ "مؤلّفة القلوب" (رىغبەتلەندۈرىشكە تىگىشلىك) مۇسۇلمانلارغىچە بولغان بارلىق ئىنسانىيەت ئۈلگىرىلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشقا سازاۋەر بولىسىز. دېمەك، بۇ ئۆزگىچە بىر ئالاھىدىلىككە ئىگە "تەرىقەت" بولۇپ، مەن ئۇنى "قۇرئان تەرىقىتى" دەپ ئاتايمەن. بۇ "تەرىقەت"نىڭ شانلىق ئەۋزەللىكى شۇ يەردىكى، سىز بېسىپ ئۆتىۋاتقان ھەر بىر باسقۇچتا قۇرئان كەرىمنىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرى ياكى سۈرىلىرى ئۆزلىگىدىن سىزگە: «مەن مانا مۇشۇ باسقۇچتا نازىل بولغان ئىدىم ۋە مانا بۇ يوليورۇقلارنى تەقدىم قىلغان ئىدىم» دەپ ئېيتىپ بېرىشكە باشلايدۇ. بۇنداق چاغدا گەرچە لۇغەت، گىرامماتېكا، مەنە ۋە بايان جەھەتتىكى بىر قىسىم نۇقتىلار تەرىقەتچىنىڭ نەزىردىن ساقىت بولۇپ كېتىش مۈمكىنچىلىكى بولسىمۇ، ئەمما قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆز روھىنى ئۇ كىشىگە بەخىش ئېتىشتە بېخىللىق قىلىپ سېلىشى ھەرگىز مۈمكىن بولمايدۇ.

مانا بۇ يۇقىرىقى ئومۇمىي قائىدىگە بىنائەن ئىنسان قۇرئاننىڭ ئەھكاملىرىنى، ئەخلاقىي تەلىماتلىرىنى، مەدىنىيەت ۋە ئىقتىسادقا ئائىت يوليورۇقلىرىنى ھەمدە تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى سەھەلىرىگە قاراتقان قانۇن - پىرىنسىپلىرىنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە تەتبىقلاپ كۆرمىگىچە ھەرگىزمۇ ياخشى چۈشىنىپ كېتەلمەيدۇ. قىسقىسى، خۇسۇسىي ھاياتىنى ئۇنىڭغا ئەگەشتۇرمىگەن شەخىس شۇنداقلا ئىجتىمائىي ئورگانلىرىنى ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە خىلاپ ماڭدۇرىۋاتقان ھەرقانداق كوللىكتىپ ياكى مىللەت ئۇنىڭ روھىغا ھەرگىز سازاۋەر بولالمايدۇ.

 

*** **** **** **** ***** ***

ھەممىگە مەلۇمكى، قۇرئان كەرىم ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن ھىدايەت بولۇپ كەلگەنلىكىنى جاكارلايدۇ. ئەمما كىشى ئۇنى ئوقۇشقا باشلىغاندا، ئۇ خۇددى نازىل بولغان دەۋرىدىكى ئەرەپلەرگىلا قارىتىلغاندەك سېزىلىشكە باشلايدۇ. گەرچە بەزى جايلىرىدا ئومۇمىي ئىنسانلارغا قىلىنغان چاقىرىقلار مەۋجۇت بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئەرەپلەرنىڭ تەبېئىتىگە، تارىخىغا، جەمئىيەت مۇھىتى ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن: «ناۋادا بۇ كىتاب پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن نازىل قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ شۇ دەۋر بىلەن مۇناسىۋەتلىك مىللىي، يەرلىك پۇرىقى شۇنچە ئۆتكۈر؟» دېگەننى ئويلاشقا باشلايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىتىنى ياخشى بىلمەسلىك سەۋەبىدىن تېخى بىر قىسىم كىشىلەر: «بەلكىم بۇ كىتاب ئۆزىگە زامانداش ئەرەبلەرنىلا ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن بولىشى ۋە كىيىنكى چاغدا  كىشىلەر ئۇنى قەستەن سوزۇپ تارتىپ يۈرۈپ، «پۈتكۈل ئىنسانىيەت ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ھىدايەت» دەپ قارار قىلىشىۋالغان بولىشى مۈمكىن، دېگەندەك شەك ـ شۈبھىلەرگىمۇ گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ.

ئەگەر بۇنداق ئېتىرازلارنى پەقەت قارشىلىق كۆرسىتىش يۈزسىدىنلا بىلدۈرىۋاتقان بولماي، ئەكسىچە راستىنلا چۈشىنىپ بېقىش يۈزىسىدىن بىلدۈرىۋاتقان بولسا، مىنىڭ ئۇ كىشىگە بېرىدىغان مەسلىھەتىم شۇكى، ئالدى بىلەن قۇرئاننى ئەستايىدىل كۆرۈپ، ئۆز كۆڭلىدە، «بۇلار مەلۇم زامان ۋە ماكاننىڭ دائىرىسىدىن ھالقىمىغان، ياكى پەقەت ئەرەپلەرگىلا مەخسۇس» دەپ ئويلىغان، ئەقىدە، ئەخلاق، پىكىر، تەسەۋۋۇر ياكى ئەمەلىي قانۇن ـ پىرىنسىپلارغا ئالاقىدار ھەر قايسى بايانلارغا بىر ـ بىرلەپ بەلگە قويۇپ چىقىدىغان بولسا، چوقۇمكى، مەزكۈر بايانلارنىڭ شۇ دەۋر ۋە  ماكانغا تەۋە كىشىلەرگە خىتاب قىلىپ، ئۇلارنىڭ شىرىكچىلىك ئەقىدە، ئەنئەنىلىرىنى تەنقىد قىلغانلىقى، ياكى شۇلارنىڭ مۇھىتىدىن دەلىل كەلتۈرۈپ، تەۋھىدنى ئىسپاتلاپ بەرگەنلىكى، ھەرگىزمۇ «بۇ دەۋەت مەخسۇس زامان ۋە ماكانغىلا مۇناسىۋەتلىك» دېگەن چۈشەنچىگە يېتەرلىك دەلىل بولالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ. چۇنكى شۇنىڭغا قاراش كېرەككى، ئەجىبا قۇرئان كەرىمنىڭ شىرىكچىلىككە رەددىيە بېرىپ قىلىۋاتقان بايانلىرى خۇددى ئەرەپلەرنىڭ شېرىكچىلىكىگە ئۇيغۇن كەلگەنگەندەك، دۇنيادىكى باشقا شىرىكچىلىكلەرگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەسمۇ؟ بىز ئۇنىڭدىكى دەلىللەرنى ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مۈشرىكلەرنىڭ قاراشلىرىنى ئىسلاھ قىلىشقا ئوخشاشلا قوللانساق ئۇيغۇن بولماسمۇ؟

ئەجىبا قۇرئان كەرىمنىڭ تەۋھىدنى دەلىللەش ئۇسلۇبىنى ئازراقلا بىر ئىزاھات ئىلاۋە قىلىش بىلەن بارلىق زامان ۋە ماكانلاردا ئوخشاش ئىشلىتىشكە بولماسمۇ؟ ئەگەر بۇ سۇئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋاپ «شۇنداق» دېيىشلا بولىدىكەن، ئۇنداقتا ئۇنىڭ مۇئەييەن بىرەر دەۋر ياكى مۇئەييەن بىرەر قەۋمگە خىتاب قىلىپ، ئوتتۇرىغا قويغان ئالەمشۇمۇل دەۋەتلىرىنى مەخسۇس زامان ۋە ماكان بىلەن قىلاپلاپ قويۇشقا ھېچقانداق ئاساس بولمىغان بولىدۇ.

دۇنيادا ئۆزىنىڭ بارلىق پىكىرلىرىنى باشتىن ئاخىر ئابىستىراكت ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بىلەن بىرەر مۇئەييەن ھالەت ۋە بىرەر مۇئەييەن شەكىلگە ماسلاشتۇرغان ھالدا كېڭەيتمىگەن بىرمۇ پەلسەپە، تۈرمۈش تۈزىمى ۋە ئىقتىسادىي پىكىر مەۋجۇت ئەمەس ھەمدە ماۋجۇت بولىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر مۈمكىن دېگەندىمۇ، ئۇنداق كونسىرۋاتىپ شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەرسە چوقۇم قەغەز يۈزىگىلا بەنت بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىنسان ھاياتىغا چۇڭقۇر سىڭگەن ھالدا ئەمەلىي تۈزۈمنى بەرپا قىلالمايدۇ.

شۇنىسى ئىنىقكى، خەلقئارالىشىشنى مەقسەت قىلغان ھەرقانداق بىر ئىددىلوگىيە، ئەخلاق ياكى مەدىنىيەت ھەركىتىنىڭ تۇنجى قەدەمدىن تارتىپلا خەلقئارالىشىپ كېتىشكە ئۈرۇنىشى قىلچە ھاجەتسىز. بەلكى راستىنى ئېيتقاندا، قەتئىي پايدىلىق ئەمەس. بۇنىڭ بىردىن ـ بىر ئۈنۈملۇك يولى شۇكى، ئىنسانىيەت تۇرمىشىغا تۈزۈم ئورنىتىش ھەركىتىنىڭ تۈپ ئاساسىي بولغان ئىددىلوگىيە بىلەن نەزرىيە پىرىنسىپلىرىنى دەل شۇ ھەركەت مەيدانغا كەلگەن دۆلەتنىڭ ئۆزىدىن قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاندىن ئىنقىلاب رەھبىرى ئۇنى ئۆزىگە ئەڭ تۇنۇشلۇق بولغان ئورتاق تىل، تەبېئەت، ئادەت، خاراكتىرلارغا ئىگە كېشىلەرنىڭ ئىددىيىسىگە سىڭدۈرىشكە تىرىشىپ، ئەشۇ ئۇسۇللارنى ئۆز دۆلىتىدە ئەمەلىي يولغا قويۇش ئارقىلىق بىر غەلىبىلىك تۈرمۇش تۈزىمىنى بارلىققا كەلتۇرىشى ۋە دۇنياغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشى لازىم. شۇنداق بولغاندىلا ئاندىن باشقا مىللەتلەرمۇ دىققىتىنى ئۇلارغا قارىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىلغار كىشىلەر ئالدىغا ئۆتۈپ، ئۇنى چۈشىنىپ بىقىشقا ھەم ئۆز دۆلەتلىرىدە قانات يايدۇرۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەرقانداق بىر ئىددىلوگىيە، پىكىر، ئەمەل، ئېقىملىرىنىڭ باشلىنىشتا مەلۇم بىر قەۋمنى ئاساس قىلىپ، بارلىق دەلىل كۈچىنى شۇلارنى قايىل قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش ئۈچۈنلا سەرىپ قىلغانلىقى ھەرگىزمۇ «پەقەتلا مىللىي ھەرىكەت» دەپ باھا بېرىشكە دەلىل بولالمايدۇ. ھەقىقەتتە، ھەرقانداق بىر مىللىي تۈزۈمنى خەلقئارالىق تۈزۈمدىن ياكى ھەرقانداق بىر ۋاقىتلىق تۈزۈمنى ۋاقىتسىز ئەبىدىلىك تۈزۈمدىن پەرىقلەندۈرىدىغان نەرسە شۇكى، مىللىي تۈزۈم چوقۇم شۇ مىللەتنىڭ مىللىي ئۈستۈنلىكىنى ياكى مەخسۇس ھەق ـ ھوقوقلىرىنى چىقىش قىلىدۇ ۋەياكى ئۇنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ماس كەلمەيدىغان بىر قىسىم نەزرىيە ئۇسۇللىرى بولىدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە خەلقئارالىق تۈزۈم پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئوخشاش مەرتىۋە، ئوخشاش ھەق ـ ھوقوق بېرىشنى ئاساس قىلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يولغا قويغان ئالەمشۇمۇل ئۇسۇللىرىمۇ مانا مەن دەپ نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، ھەرقانداق بىر ۋاقىتلىق تۈزۈممۇ چوقۇم زاماننىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئەمەلدىن قالىدىغان مەلۇم ئۇسۇللارنى ئۆزىگە ئاساس قىلغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ۋاقىتسىز، ئەبىدىلىك تۈزۈملەرنىڭ ئۇسۇللىرى ۋەزىيەتنىڭ بارلىق ئۆزگىرىشلىرىگە ماس كېلەلەيدىغان بولىدۇ. مانا بۇ خىل خۇسۇسىيەتلەرنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا ھەرقانداق بىر كىشى قۇرئاننى ئوقۇيدىكەن، قۇرئان ئوتتۇرىغا قويغان تۈزىمنى قانداقتۇر مىللىي ياكى ۋاقىتلىق تۈزۈم دەپ گۇمان قىلىشقىمۇ بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.

*** *** ****** ***** ***** *******

قۇرئان كەرىم ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك «ئۇ بىر مۈكەممەل ھىدايەت ۋە مەكەممەل ئاساسىي قانۇن كىتابىدۇر» دېگەننى ئاڭلاپ تۇرىدۇ. ئەمما ئۇنى ئوقۇشقا باشلىغاندا مەدىنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، سىياسەتلەرگە قارىتا تەپسىلىي قانۇن ماددىلىرىنى ئۇچرىتالمايدۇ. ھەتتا قۇرئاندا قايتا ـ قايتا تەكىتلىنىپ تۇرىدىغان ناماز، زاكات قاتارلىق پەرىزلەرگە نىسبەتەنمۇ بارلىق موھىم ئەھكاملار تەپسىلىي رەتلەنگەن  بىرەر بەلگىلىمە يوقلىقىنى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن كىشىنىڭ ئىددىيىسىدە چىگىشلىك پەيدا بولۇپ، «بۇ زادى قايسى مەنىدىن مۇكەممەل ھىدايەتنامە ۋە ئاساسىي قانۇن كىتابىدۇر؟» دېگەن سۇئال چىرماشقا باشلايدۇ.

دەرۋەقە، كىشىنىڭ زىھنىدە بۇخىلدىكى چىگىشلەرنىڭ پەيدا بولىشىدىكى سەۋەپ، ئاللاھ تائالانىڭ يالغۇز كىتاپنىلا نازىل قىلىپ قويماستىن، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە پەيغەمبەرنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇلماسلىقتىن ئىبارەتتۇر. يەنى، ناۋادا كىشىلەرگە بىرەر ئىمارەتنىڭ پىلان، خەرىتىسىنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ياساپ پۈتتىرىۋېلىشىغا تاپشۇرۇلغان بولسا ئىدى، ئۇچاغدا قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ھەربىر تەپسىلاتى مۇپەسسەل تەلەپ قىلىنغان بولاتتى. ئەمما قۇرۇلۇش پىلانى بىلەن قوشۇپ، ئۇنى ياساپ پۈتتۈرۇش ئۈچۈن ئىنژېنېيىرمۇ تەڭ تەيىنلەنگەن بولسا، ئىنژېنېيىرنى ۋە ئۇنىڭ ياساپ چىققان قۇرۇلۇشىنى نەزەردە تۇتمىغان ھالدا، پەقەتلا قۇرۇلۇش خەرىتىسىدىن ئۇششاق تەپسىلاتلارنى ئىزدەپ يۈرۈش، ھەمدە ئۇنى تاپالماي، «مۇكەممەل بولمىغان» دەپ شىكايەت قىلىپ يۈرۈش ھەرگىز توغرا بولمىغان بولىدۇ. چۇنكى قۇرئان تارماق يانداش مەسىلىلەر ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى ئومومىي خاراكتېرلىق تۈپكى قائىدە – پىرىنسىپلار ئۈستىدە توختىلىدىغان كىتابتۇر. ئۇنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى ئىسلام تۈزىمىنىڭ ئىددىيە، ئەخلاق ئاساسلىرىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەقلىي دەلىللىرى ۋە ھېسسىياتلىق تەلەپلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەم قىلىپ چىقىشتىن ئىبارەتتۇر. ئەمدى ئىسلامىي تۈرمۇش شەكلىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كەلسەك، بۇ نۇقتىدىن قۇرئان كەرىم تۇرمۇشنىڭ ھەربىر ساھەسىگە بىر ـ بىرلەپ، تەپسىلى قۇنۇن ـ تۈزۈم بەلگىلەپ يۈرمەيدۇ، بەلكى ھەربىر ساھەگە مۇناسىۋەتلىك چەك ـ چىگرا، ئۆلچەملەرنى بەلگىلەپ بېرىش ئارقىلىق يول كۆرسىتىدۇ. ھەمدە تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە بەلگىلىك ئىشارىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى قايسى سىزىقنى بويلاپ، قانداق شەكىلگە كىركۈزگەندە، ئاندىن ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئۇيغۇن بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مانا بۇ كۆرسەتمىلەرگە بىنائەن ئىسلامنىڭ ئەمەلىي تۈرمۈش شەكلىنى بەرپا قىلىپ بېرىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئىسلام ئىجتىمائىي جەمئىيىتىنى، دۆلىتىنى، ئېسىل كىشىلىك ئوبرازىنى دۇنياغا ئۈلگە قىلىپ كۆرسىتىشكە، جۈملىدىن قۇرئان كەرىم ئوتتۇرىغا قويغان ئۇسۇللارنىڭ ئەمەلىي تەپسىرى ۋە ئەمەلىي تەبىرىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىشكە تەيىنلىگەن. (داۋامى بار...)

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئىددىيەسىدە پەيدا بولىدىغان بەزى چېگىش سوئاللار ۋە مەزھەپ ئىختىلاپلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر