قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (02)

تۆۋەندە سىلەرگە قۇرئان كەرىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ چۈشۈنۈپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە ئىسلام مۇتەپەككۈرلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىنىڭ 2- بۆلۈمىنى ئاڭلىتىمىز.

650989
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (02)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق يېڭى يىللىق يېڭى پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە قۇرئان كەرىمنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى چۈشۈنۈپ ئوقۇغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، قۇرئاننى يېڭىدىن ئوقۇماقچى بولۇۋاتقان ھەر قانداق كىشىنىڭ ئالدى بىلەن ئىددىيەسىدە شەكىللىنىپ قالغان «كىتاب رامكىسى» ۋە «كىتابقا بولغان تەسەۋۋۇرىنى» چۆرۈپ تاشلاپ، «مەن دۇنيادا ھېچقانداق ئوخشىشى بولمىغان ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى يىگانە بىر كىتابنى ئوقۇش ئالدىدا تۇرىمەن» دېگەن ئوي بىلەن قۇرئاننى ئوقۇشنى باشلىشى كېرەكلىكى شۇنداقلا مەيلى ئۇ قۇرئانغا ئىمان كەلتۇرگەن ياكى كەلتۈرمىگەن بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، بۇ كىتابنى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن چوقۇم قۇرئاندا دېيىلگەن ھەم ئۇنى يەتكۈزگۈچى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلغان ئەسلى ماھىيىتىنى باشلانغۇچ نۇقتىسى ياكى مۇقەددىمە ئورنىدا قوبۇل قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلىمىدە قۇرئان كەرىمنىڭ قۇرئاندا تەرىپلەنگەن ۋە مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بايان قىلغان ماھىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

قۇرئاننى ياخشى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئەڭ دەسلەپ بېلىشكە تېگشلىك مۇھىم نۇقتىلار تۆۋەندىكىچە:

1 ـ پۈتۈن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى، خوجايىنى ۋە ھۆكۈمرانى بولغان ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ بۇ پايانسىز سەلتەنەتىنىڭ بىر قىسمى بولغان (يەرشارى دەپ ئاتىلىدىغان) بۇ زېمىندا ئىنساننى ياراتقان. ئۇنىڭغا بىلىش، چۈشۈنۈش ۋە تەپەككۈر قىلىش قۇۋۋەتلىرىنى بەخىش ئېتىپ، ياخشى بىلەن ياماننى پەرىقلەندۇرىلەيدىغان سالاھىيەتكە ھەمدە تاللاش ۋە ئىرادە ئەركىنلىكى ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئىگە قىلغان. جۈملىدىن ئۆزگىچە بىر خىل ئاپتونومىيە «Autonomy» ھوقۇقى ئاتا قىلىپ، دۇنياغا ئۆزىنىڭ خەلىپىسى قىلىپ تەيىنلىگەن.

2 ـ ئاللاھ تائالا ئىنسانلارنى بۇ مەنسەپكە تەيىنلەشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ قۇلىقىنى چىڭ تارتىپ تۇرۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى ياخشى چۈشەندۈرگەن ۋە زىھنىگە چۇڭقۇر سىڭدۈرگەن:

«مەن سىلەرنىڭ ۋە پۈتۈن جاھاننىڭ خوجايىنى مەئبۇدى ۋە ھۆكۈمرانىمەن. مىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىم ئىچىدە، سىلەر نە مۇتلەق ئەركىنلىككە ئىگە ئەمەس، نە باشقىلارغا بەندە ئەمەس. ھەمدە مىنىڭدىن باشقا ھەرقانداق بىرسى سىلەرنىڭ ئىتائەت ۋە بەندىچىلىك قىلىشىڭلارغا شۇنداقلا چوقۇنۇشۇڭلارغا ھەقلىق بولالمايدۇ. سىلەرنى مەلۇم ھوقوققا ئىگە قىلىپ مەن ئەۋەتكەن بۇ دۇنيا ھاياتى ئەمەلىيەتتە پەقەتلا چەكلىك ئىمتېھان ۋاقتىدۇر. ئۇنىڭدىن كىيىن سىلەر يەنە مىنىڭ ئالدىمغا قايتىپ كېلىسىلەر. ئۇچاغدا ئەمەللىرىڭلارنى تەكشۈرۈپ، سىلەردىن كىمنىڭ ئىمتېھاندا ئۇتۇق قازانغانلىقى ۋە كىمنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقى قارار قىلىنىدۇ. شۇڭا سىلەرگە نىسبەتەن بىردىن ـ بىر توغرا پوزىتسىيە مىنى تەنھا ئىلاھ ۋە ھۆكۈمران دەپ ئېتىراپ قىلىپ، دۇنيادا مەن ئەۋەتكەن يوليورۇقلارغا ئەمەل قىلىش، دۇنيانى بىر ئىمتىھان مەيدانى دەپ چۈشەنگەن ھالدا ھايات كەچۈرۈپ، مىنىڭ ئىمتېھانغا بەرگەن يەكۈنىمدە غەلىبە قازىنىشنى مەقسەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنىڭ ئەكسىچە تۇتقان ھەرقانداق پوزىتسىيەڭلار پۈتۈنلەي خاتا. ناۋادا (تاللاش ئۆز ئىختىيارىڭلارغا تاپشۇرۇلغان) بىرىنچى خىل پوزىتسىيەنى تاللىساڭلار، دۇنيالىق ھاياتىڭلار ئامانلىق ۋە خاتىرجەملىككە مۇيەسسەر بولىدۇ. ئاندىن مېنىڭ ھوزۇرۇمغا قايتىپ كەلگەندە، مەن سىلەرگە ئەبەدىي راھەت ـ پاراغەت ماكانى بولغان "جەننەت" ناملىق ئۆينى بېرىمەن. ناۋادا (مېڭىش ئۆز ئىختىيارىڭلارغا تاپشۇرۇلغان) ئىككىنچى خىل يولنى تاللىساڭلار، دۇنيادا بۇزۇقچىلىق ئىچىدە خاتىرجەمسىزلىكنىڭ تەمىنى تېتىيسىلەر، ئاندىن دۇنيادىن قايتىپ، ئاخىرەت ئالىمىگە قەدەم قويغاندا، "جەھەننەم" دەپ ئاتىلىدىغان ئەبەدىلىك ئازاپ ـ ئوقبەتنىڭ ئازگىلىغا تاشلىنىسىلەر»

3 ـ پۈتكۈل كائىناتنىڭ ئىگىسى ئەنە شۇنداق چۈشۈندۈرۈشلەردىن كىيىن ئىنسانىيەت نەسلىنى زېمىنغا يەرلەشتۈرگەن. ئۇلارنىڭ تۈنجى نەسلىگە (يەنى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىغا) شۇنداقلا كىيىنكى بارلىق ئەۋلاتلارغا ئالاھىدە كۆرسەتمە بېرىپ، يەر يۈزىدە شۇنىڭغا بىنائەن پائالىيەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. دېمەككى، ئىنسانىيەتنىڭ  بۇ ئىپتىدائىي نەسىللىرى ھەرگىزمۇ جاھالەت قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە دۇنياغا كەلمىگەن، بەلكى ئۇلارنى ئاللاھ تائالا ھەققانىيەتتىن تولۇق خەۋەردار قىلىپ، تۇرمۇش قانۇنىيەتلىرىنى تەلىم بېرىش ئاساسىدا زېمىندىكى نۈرلۇق ھاياتقا قەدەم باستۇرغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولى پەقەتلا ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش (يەنى ئىسلام)دىن ئىبارەت ئىدى. ئۇلار ئۆزىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرىغىمۇ ئاللاھغا ئىتائەتمەن (يەنى مۇسۇلمان) بولۇپ ياشاشنى ئۆگەتتى. ئەمما كىيىنكى دەۋرلەردە بولسا، ئىنسانىيەت ئاستا ـ ئاستا بۇ توغرا تۇرمۇش يولىدىن (يەنى دىندىن) يېراقلىشىپ، ھەرخىل خاتا يوللارغا كىرىپ قىلىشقا باشلىدى. ئۇلار ئاخىرى غەپلەت ئىچىدە بۇ يولنى (يەنى دىننى) يوقۇتۇپ، ئۆزگەرتىپمۇ تاشلىدى. ئاسماندىكى ۋە زېمىندىكى ماددى، مەنىۋىي، خىيالىي، ئىنسانىي ھەم غەيرى ئىنسانىي شەيئىلەرنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋالدى. ئاللاھ تەرەپتىن بېرىلگەن ھەقىقەت ئىلمىگە خىلمۇ - خىل باتىل نەزرىيە، قىياس، پەلسەپىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، ساناقسىز ئېتىقادلارنى پەيدا قىلدى. ئاللاھ تەيىنلەپ بەرگەن ئادىلانە ئەخلاق، مەدەنىيەت (شەرىئەت) تۈزىمىنى بۇزۇپ، ئۆزگەرتىپ تاشلاپ، ئەسەبىيەت ۋە نەپسىي خاھىشلىرى بويىچە قانۇن ـ تۈزۈملەرنى ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئاللاھنىڭ زېمىنىنى زۇلۇمغا تولدۇردى.

4 ـ  بۇنداق ئەھۋالدا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئىشقا سېلىپ، ئازغۇن ئىنسانلارنى مەجبۇر توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشى ئىنسانغا بېرىلگەن چەكلىك ئەركىنلىككە نىسبەتەن ئۇيغۇن بولمىغان بولاتتى. ھەمدە بۇنداق ئاسىيلىق مەيدانغا چىققان ھامانلا ئىنسانلارنى دەرھال جازالاپ ھالاك قىلىپ تاشلىشىمۇ، ئىنسانلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ھەرقايسى ئىرقلىرىغا بېرىلگەن ۋاقىتلىق ئىمتىھان مۇددىتىگە نىسبەتەن ئۇيغۇن بولمايتتى. يەنە كېلىپ، ئاللاھ تائالا ئىنسانلار يارىتىلغان دەسلەپكى كۈندىن تارتىپلا ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا دۇنيادىكى ئەمەل مۇددىتى جەريانىغا يېتەكچىلىك قىلىپ تۇرۇشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. شۇڭلاشقا ئاللاھ تائالا ئۆزى ئۈستىگە ئالغان بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىگە ئىمان ئېيتقان ۋە رازىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرنى تاللاپ چىقىپ، ئەلچىلىككە تەيىن قىلدى. ئۇلارغا ئۆز يوليۇرۇقلىرىنى ئەۋەتىپ، ھەقىقەت ئىلمىنى بەخش ئەتتى. ئۇلارغا توغرا تۇرمۇش تۈزىمىنى ئاتا قىلىپ، ئادەم ئەۋلاتلىرىنى ئەسلىدىكى يوقىتىپ قويغان ھەق يولغا چاقىرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى.

5 ـ بۇ ئەلچىلەر (يەنى پەيغەمبەرلەر) ھەرقايسى قەۋم ۋە دۆلەتلەردە باش كۆتۈرۈپ تۈردى. مىڭلىغان يىللارغا قەدەر ئۇلارنىڭ مەيدانغا كېلىپ تۇرۇش جەريانى ئۈزۈلۇپ قالمىدى. ئۇلارنىڭ دىنى ئەڭ دەسلەپ ئىنسانغا تەلىم بېرىلگەن توغرا تۇرمۇش يولىدىنلا ئىبارەت ئىدى. ئۇلار ھەممىسى ئوخشاش بىرلا ھىدايەتكە، يەنى، ئەڭ دەسلەپ ئىنسانلار ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ئەخلاق، مەدەنىيىتىنىڭ ئەزەلدىن تا ئەبەدلىك ئۇسۇللىرىغا ئەگىشەتتى. ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ بىردەك بولۇپ، ئىنسانلارنى ئەشۇ دىنغا ۋە ئەشۇ يوليورۇققا چاقىرىپ، دەۋەتنى قوبۇل قىلغانلارنى مۇنتىزىم تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق دۇنيادا ئاللاھنىڭ قانۇنىغا ئەگىشىدىغان، ئاللاھنىڭ قانۇنىنى تۇرغۇزىدىغان، ھەمدە ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلارغا قارشى قەتئىي كۆرەش قىلىدىغان بىر ئۈممەتنى تەشكىللەپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى. بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۆز دەۋرلىرىدە بۇ ۋەزىپىنى ئىنتايىن تولۇق، بېجانىدىل ئورۇنداپ كەلدى. نۈرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلىشتىن باش تارتسا، قوبۇل قىلىپ "مۇسۇلمان ئۈممەت" بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلارمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئاستا ـ ئاستا بۇزۇقچىلىققا يۈز تۇتىدىغان ئەھۋاللار دائىم دېگۇدەك كۆرىنىپ تۇردى. ھەتتا بەزى ئۈممەتلەر ئاللاھنىڭ يوليورۇقلىرىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ تاشلىغان بولسا، يەنە بەزىلەر ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ تاشلىدى.

6 ـ ئاخىرىدا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەر تەيىنلەنگەن ئەشۇ ئۇلۇغ خىزمەت ئۈچۈن ئەرەب زېمىنىدىن مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى تاللاپ چىقتى. ئۇنىڭ چاقىرىقى پۈتۈن ئىنسانلارغىمۇ شۇنداقلا بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئازغۇن ئەگەشكۈچىلىرىگىمۇ قارىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ھەممەيلەننى توغرا يولغا دەۋەت قىلىپ، ئاللاھنىڭ يوليورۇقلىرىنى يېڭىباشتىن يەتكۈزۈش، بىر تەرەپتە جەمىيەتنىڭ تۈرمۈش ئىنتىزامىنى ئاللاھنىڭ يوليورۇقى ئۈستىگە قۇرۇپ چىقسا، يەنە بىر تەرەپتە پۈتۈن دۇنيانى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىشقا چاقىرىشتىن ئىبارەت ئىدى. مانا بۇ چاقىرىق ۋە يوليۇرۇق دەل قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا ئۇنى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە نازىل قىلدى.

قۇرئان كەرىمنىڭ مانا بۇ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىۋالغاندىن كىيىن كىتاپخانلارغا نىسبەتەن ئۇنىڭ تېمىسىنى، مەركىزى مەزمۇنىنى ۋە ئاساسلىق مەقسىدىنى چۈشىنىش ئانچە قىيىنغا توختاپ كەتمەيدۇ.

قۇرئان كەرىم ئىنساننى ئۆزىگە تېما قىلغان بولۇپ، ئۇ ئىنسانغا ھەقىقانىيەت نۇقتىسىدىن نېمىنىڭ بەخت، نېمىنىڭ بەختسىزلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇنىڭ مەركىزى مەزمۇنى بولسا، ئىنسانلارنىڭ كونسىرۋاتىپ رىئالىزىمچىلىققا، ئۆز نەپسى خاھىشلىرىغا ياكى خام خىيال  قىياس، پەرەزلىرىگە بەندە بولىۋالغانلىقى سەۋەپلىك ئاللاھ ھەققىدە، كائىنات ۋە ئۆز ـ ئۆزى ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىۋالغان نەزرىيەلىرىنىڭ ھەمدە شۇ ئاساستا تاللىغان يوللىرىنىڭ ماھىيەتتە پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى، نەتىجە جەھەتتىن ئىنسان ئۈچۈن ھالاكەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنى چۆرىدەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئىنساننى خەلىپىللىككە تەيىنلەش ئالدىدا ئاللاھ بەرگەن تەلىماتنىڭلا دەل ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى، ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن (بىز ئىلگىرىكى بەتلەردە "توغرا پۇزىتسىيە" دەپ ئاتاپ ئۆتكەن) ھەق يولنى تاللاشنىڭلا تۇغرا ئىكەنلىكىنى ۋە ئىنسانغا نىسبەتەن خۇش ئاقىۋەتلىك نەتىجىلەرنى مەيدانغا چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى ئاللاھ تائالانىڭ يوليورۇقلىرىنى ئىنىق ئوتتۇرىغا قويۇش شۇنداقلا ئىنسانلارنى غەپلەت ئىچىدە يوقۇتۇپ قويغان ۋە تەنتەكلىك بىلەن ئۆزگەرتىپ تاشلىغان  مەزكۈر "توغرا پۇزىتسىيە" تەرەپكە دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

مانا بۇ ئۈچ ئاساسلىق نۇقتىنى زىھنىگە ياخشى ئۆزلەشتۇرىۋالغان ھەرقانداق كىشى قۇرئاننى ئوقۇغاندا شۇنى ئىنىق كۆرۈپ يېتەلەيدۇكى، ئۇنىڭ ھېچ بىر يېرى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تېمىسىدىن، مەركىزى مەزمۇنى ۋە تۈپكى مەقسىدىدىن زەررىچە چەتنەپ قالمايدۇ. ئۇنىڭ خىلمۇ - خىل مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسى مەركىزى مەزمۇنى بىلەن خۇددى يىپقا تىزىلغان رەڭگارەڭ ئۈنچە ـ مارجانلاردەك باشتىن ئاخىرغىچە باغلىشىپ ماڭىدۇ. ئۇ ئاسمان ـ زېمىن جىسىملىرى ھەققىدە، ئىنسانلارنىڭ يارىتىلىشى ھەققىدە، كائىناتتىكى ئالامەتلەر ۋە ئىلگىرىكى قەۋملەرنىڭ باشتىن كەچۈرگەن ۋەقەلىرى ھەققىدە ئالاھىدە توختۇلۇپ ئۆتىدۇ. ھەرقايسى قەۋملەرنىڭ ئەقىدە، ئەخلاق، ئەمەللىرى ئۈستىدە تەنقىد، شۇنداقلا تەبىئەتتىن تاشقىرى (مىتافىزىك) مەسىلىلەر ئۈستىدە چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتىدۇ. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچ بىرىدە قانداقتۇر تارىخ، پەلسەپە، تەبېئەت ۋە باشقا پەنلەرنى تەلىم بېرىش مەقسەت قىلىنمايدۇ، بەلكى مۇتلەقلەشكەن ھەقىقەتكە قارىتا كىشىلەردە شەكىللىنىپ قالغان ناتوغرا چۈشەنچىلەرنى يوقۇتۇپ، ھەقىقەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئىددىيىگە سىڭدۈرۈش، ئىنسانلارنى ھەقىقەتكە خىلاپ خاتا پوزىتسىيەلەرنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، ھەقىقەتكە ئۇيغۇن خۇش ئاقىۋەتلىك "توغرا پۇزىتسىيە" تەرەپكە چاقىرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قۇرئان كەرىم ھەر نەرسىنى تىلغا ئېلىشتا ئۆزىنىڭ مەزكۈر مەقسىتىگە زورۇل بولغان قىسمىغىلا ئېتىبار بېرىپ، دائىم مۇناسىپ مىقداردا، مۇناسىپ ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىدۇ. كېرەكسىز تەپسىلاتلارنى قويۇپ، ئۆزىنىڭ مەركىزى مەزمۇنى ۋە نۇقتىلىق مەقسىتى تەرەپكىلا يۈز تۇتىدۇ. قۇرئان كەرىمنىڭ پۈتكۈل بايانلىرى ئىنتايىن تەكشى بىردەكلىك بىلەن دەۋەتنى چۆرىدىگەن ئاساستىلا داۋام قىلىدۇ.

شۇنىسى ئىنىقكى، ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش خاراكتىرىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ بايان ئۇسلۇبى ۋە مەزمۇن تەرتىپىنى ياخشى چۈشۈنۈپ كەتكىلى بولمايدۇ.  (داۋامى بار)

ھۆرمەتلىك  قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. داۋامى ئۈچۈن  كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن.

ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولۇش خاراكتىرى ئۈستىدە توختىلىمىز. خەير خوش.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر