دونالد تىرامپنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشى ۋە خىتاينىڭ نارازىلىقى

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان دونالد تىرامپنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشى ۋە خىتاينىڭ نارازىلىقى توغرىسىدا سۆھبەت

624935
دونالد تىرامپنىڭ تەيۋەن پىرېزىدېنتى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈشى ۋە خىتاينىڭ نارازىلىقى

دونالد تىرامپ بۇ قېتىم 1979 - يىلى دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرگە خاتىمە بېرىلگەنلىكىگە قارىماستىن، تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭ ۋېن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى. شۇنداق قىلىپ دونالد ترامپ ئارىدىن 37 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا تەرەپتىن تەيۋەن بىلەن تۈنجى كۆرۈشكەن رەسمىي شەخسكە ئايلاندى.

فوكىس تەيۋەن قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭ ۋېن دونالد تىرامپقا تېلېفون قىلىپ، پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىگەن.

ئۇچرىشىشتا ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى يېقىن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە خەۋپسىزلىك مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە سۆزلەشكەنلىكى، دونالد تىرامپنىڭمۇ ماي ئېيىدا تەيۋەننىڭ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئالدىدا تۇرغان سەي يىڭ ۋېننى تەبرىلىگەنلىكى  بىلدۈرۈلدى.

دونالد تىرامپ تىۋېتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «تەيۋەن رەھبىرى بۈگۈن مېنىڭ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تېلېفون قىلدى. رەخمەت ئېيتىمەن. ئامېرىكا تەيۋەنگە مىلياردلارچە دوللارلىق ھەربىي ئەسلىھە سېتىۋاتقان تۇرۇقلۇق، تەيۋەن رەھبىرىنىڭ تەبرىك تېلېفۇنىنى قوبۇل قىلمىسام نېمە دېگەن سەتچىلىك ھە؟» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

خىتاي بۇ ئۇچرىشىشقا قارىتا تەيۋەننى ئەيىبلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، «بۇ پەقەت تەيۋەن ئوينىغان ھېلە – مىكىرلىق بىر ئويۇن. خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ <بىر خىتاي سىياسىتى> دىكى مۇقىم پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېدى.

ۋاڭ يى، «بۇ تېلېفون ئۇچرىشىشىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا قوبۇل قىلغان <بىر خىتاينى قوللاش> سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ قارىمايمەن» دېدى ھەمدە ئامىرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئاساسلارغا زىيان سېلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاقساراي باياناتچىسى ، تېلېفون ئۇچرىشىشىدىن  كېيىن ئېلان قىلغان باباناتىدا، «ئامېرىكىنىڭ ئىككى قىرغاققا (يەنى خىتاي ۋە تەيۋەنگە) قاراتقان سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ. تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەر ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتلىرىنىڭ تەقەززاسىدۇر» دېدى.

ئەنگلىيەنىڭ بۇ يىل 23-ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلىشى بىلەن ئېغىر زەربە يېگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىتالىيەلىكلەرنىڭ تۈنۈگۈن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا ھۆكۈمەتنى قوللاپ ئاۋاز بەرمەسلىكى بىلەنمۇ يەنە بىر قېتىم زەربە يېدى.

ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈشىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلەر %40.89نى ئىگىلىگەن بولسا، رەت قىلىپ ئاۋاز بەرگۈچىلەرنىڭ سانى %59.11 بولدى.

رېفېراندۇمغا قاتناشتۇرۇلغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش  كىرگۈزۈش لايىھەسى ئالىي پالاتانى كىچىكلىتىش، ئالىي پالاتا ئەزالىرىنىڭ خەلق تەرىپىدىن سايلىنىشىنىڭ ئورنىغا دۆلەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىشىگە ئوخشاش مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

باش مىنىستىر ماتتىئو رېنزى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەت كابېنتى تەرىپىدىن تەييارلاپ چىقىلغان ئاساسىي قانۇن لايىھەسىگە قارشى چىققۇچىلار، بۇ لايىھەنىڭ ھاكىمىيەت پارتىيەسىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ۋە  دېموكراتىيەگە ئېغىر زەربە بولىدىغانلىقىنى ياقىلىماقتا.

باش مىنىستىر رېنزى خۇددىي ئەنگلىيەدىكىگە ئوخشاش دېيۋىد كامېرۇن قىلغاندەك رېفېراندۇمدىن رەت ئاۋازىنىڭ چىقىشى بىلەنلا ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بەردى.

بالدۇر سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىتالىيەنىڭ ئەنگلىيەدىن قالسا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىدىغان ئىككىنچى دۆلەت بولۇش ئېھتىمالى بارلىقى تالاش-تارتىش قىلىنماقتا.

رېفېراندۇمدا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشىنى رەت قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن ئۆكتىچىلەر، ئۇزۇندىن بېرى ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقىغىمۇ قارشى چىقىپ كېلىۋاتقانىدى.

ئۆكتىچىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىتالىيەنىڭ ئەنگلىيەگە ئوخشاش ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېرەكلىكىنى ياقلاپ كەلمەكتە.

يېقىنقى يىللاردا ياۋروپادا باش كۆتۈرگەن مۇساپىرلار كىرىزىسى، ئىسلام ئەندىشىسى ھادىسىسى، چەت ئەل دۈشمەنلىكى ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارى قاتارلىق ئىشلار سەۋەبىدىن بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئىتالىيەدىكى سايلام نەتىجىلىرىنىڭ تەسىرىگە سەلبىي جەھەتتىن ئۇچىرايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش قارارى پەيدا قىلغان تالاش-تارتىشلىرىنىڭ دولقۇنمىسان تەسىر پەيدا قىلىش ئېھتىمالى،  ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىققان 6 دۆلەتتىن بىرى بولغان ئىتالىيەنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

يەنە كېلىپ ياۋروپا خەلقىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىگە مايىل ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

رۇسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik ئۈچۈن فىرانسىيەدىكى تەتقىقات شىركىتى Ifop تەرىپىدىن 2016-يىلى 22-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە ئېلىپ بېرىلغان خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىتالىيە خەلقىنىڭ كۆپ قىسمى ئىتالىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى ئۈچۈن رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىكەن.

ئىتالىيەدىن قالسا فىرانسىيە خەلقىنىڭ %47، گېرمانىيە خەلقىنىڭ %43، ئىسپانىيە خەلقىنىڭ %39، پولشا خەلقىنىڭ %38 دۆلەتلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى توغرۇلۇق رېفېراندۇم ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.  

رادىيو ئاڭلىغۇچى دوستلار! يۇقىرقى مەسىلىلەر توغرىسىدا پىروگراممىمىزنىڭ مېھمىنى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تارىخ بۆلۈمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتىنىڭ يىراق شەرق مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئانالىزلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر