شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى ۋە يىقىلغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىش سەۋەبلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى يىقىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا 1934-يىلى يانۋاردا چۆچەك ۋە ئالتاي چېگراسىدىن بېسىپ كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ما جۇڭيىڭنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، قەشقەرگە قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ ئارىلىقتا، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باش ئەلچىسى ئافرېسوف خوجا نىياز ھاجى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھۆكۈمىتىنى تارقىتىپ، شېڭ شىسەي بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان خوجا نىياز ھاجى ئافرېسوف بىلەن بىرلىكتە قەشقەردىن ئايرىلىپ، ئۈرۈمچىدە مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى» ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۆشۈكىدىلا يىقىلىدۇ.
1938 – يىلى سېنتەبىردە شېڭ شىسەي سىتالىننىڭ ئالاھىدە مېھمىنى سۈپىتىدە موسكوۋاغا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولىدۇ. 1937- يىلى ئاپرېلدا كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، خوجا نىياز ھاجى قولغا ئېلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن شېرىپ خان تۆرە ۋە باشقا مۇجاھىتلار قاتتىق قىيىن-قىستاق بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ. شۇ يىلى بارىكۆل خەلقى 4 قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. 1940-يىلى فېۋرالدا، 1941-يىلى ئىيۇندا ئالتاي خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈرىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ھەممىسى قانلىق شەكىلدە باستۇرۇلىدۇ . شېڭ شىسەي بىر تەرەپتىن رۇسيە بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ يۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن مەخپىي تىل بىرىكتۈرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلگەن شېڭ شىسەي خىتاينىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستان چېگراسىغا ئاللىبۇرۇن قارارگاھ قۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغان خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسى شەرقىي تۈركىستانغا بېسىپ كىرىدۇ. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا قوشۇن ئەۋەتكەن بولىدۇ. خەلق خىتاي گومىنداڭ ئىشغالىيىتىگە جان-جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدۇ. رۇسيەمۇ خەلق قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمىنى ئاستىرتتىن قوللايدۇ.
ئۇنداقتا، 20-ئەسىردىكى تۇنجى ئۇيغۇر دۆلىتى بولغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نىڭ يىقىلىشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللار نېمە؟ بۇ ھەقتە ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتىتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشىدىكى ئىچكى ئامىللار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
ئۇ مەزگىلدە پەقەت ئۈرۈمچىلا شېڭ شىسەينىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىدى، قالغان رايونلارنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ بولغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يىقىلىشىدىكى سەۋەب، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق خىزمەتلىرى پۇختا قىلىنمىغان. گەرچە جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن سابىت داموللام شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئاڭلاتقان بولسىمۇ، جۇمھۇرىيەت رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلار قەشقەردە ئېلان قىلىنغان جۇمھۇرىيەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلىمەيدۇ. بۇ جۇمھۇرىيەتنى قوللايدىغانلار پەقەتلا قەشقەر ۋە ئەتراپىدىكى ناھىيەلەرنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئەمەلدارلىرى، زىيالىيلار، ئۆلىمالار ۋە ئىلغار تىجارەتچىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەت ئاستىدا، خوجا نىياز ھاجىمۇ ئىككىلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە خوجا نىياز ھاجى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن ھەمكارلىشىش تەلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا، خوجا نىياز ھاجى ئەنگلىيە پادىشاھلىقىغا يازغان خېتىنىڭ ئاستىغا ئۆزىنى ھەم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، ھەمدە جەنۇبىي رايون ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى، دەپ يازىدۇ.بۇنىڭدىن جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان كىشىنىڭ كاللىسىدىكى «جۇمھۇرىيەت» توغرىسىدىكى چۈشەنچىلەرنىڭمۇ ئېنىق ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. قىسقىسى، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قەشقەردە ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى تەييارلىق خىزمەتلىرى ياخشى ئېلىپ بېرىلمىغان.
ئىككىنچىدىن، ئۇ ۋاقىتتا سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا بولىدۇ. چۈنكى شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ما جۇڭيىڭ قەشقەرگە قوشۇن ئەۋەتىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشىغا سەۋەب بولغاندەك، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ قوشۇن ئەۋەتىپ ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتىتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ئېلان قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشىدىكى تاشقى ئامىللار توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:
شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى بار. بىرى ياپونىيە، ئۇ يىللاردا ياپونىيە ئوتتۇرا ئاسيادا ۋە يىراق شەرقتە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنى ئىستىراتېگىيەلىك جەھەتتىن قورشاپ، كېڭىيىشىنى توسۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا پادىشاھلىق دۆلىتى قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېسىم ئىشلىتىش ھەققىدە پىلان تۈزگەن ئىدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سوۋېت ئىتتىپاقى، ياپونىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بار بولغان ما جۇڭيىڭنى يوقىتىش ئۈچۈن، بۇ رايوندا پەقەتلا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنى قوللاش توغرىسىدا قارار ماقۇللىغان ئىدى. 1933-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 1934-يىلىنىڭ باشلىرىدا بۇ يەردە يەرلىك خەلقلەر قوللايدىغان ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا قارار ماقۇللانغان ئىدى. بۇ قارارنى ھەم گومىنداڭ، ھەم شېڭ شىسەي ھاكىمىيىتىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. بۇلار شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىقىلىشىدىكى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللاردىن ئىبارەت.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر