ئۇكرائىنادىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرھەققىدە مۇلاھىزە

ئۇكرائىنا كىرىزىسى غەرب دۇنياسى بىلەن رۇسىيەنىڭ بىر – بىرىگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ۋە دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى.

94488
ئۇكرائىنادىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرھەققىدە مۇلاھىزە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇكرائىنا كىرىزىسى پۈتۈنلەي خەلقئارالىق كىرىزىسقا ئايلاندى. 25 – ماي پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان ۋە «ئۈچ ئايدا ئۇكرائىنادا مۇقىملىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن» دېگەن پوروشېنكو مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمىدى. 17 – ئىيۇلدا ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەن مالايشىيا يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشتىن ھازىرغىچە نەتىجە چىقماسلىقى، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ناھايىتى چوڭقۇرلۇقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنداقتا يېقىنقى ۋاقىتلاردا ئۇكرائىنادا ئوتتۇرىغا چىققان ئۆزگۈرۈشلەرگە بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ چىقايلى:
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2014 – يىلى ئاپرېل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 26 – ئىيۇلغىچە ئۇكرائىنادا 1129 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 3442 ئادەم يارىلانغان. ئۇكرائىنا پارلامېنتى 31 – ئىيۇل ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق يىغىندا باج قانۇنىنى ئىسلاھ قىلىش قارارىنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭچە بولغاندا، ئۇكرائىنادا 2014 – يىلنىڭ ئاخىرىغىچە %1.5 ۋاقىتلىق ئۇرۇش بېجى يولغا قويۇلىدۇ. ھۆكۈمەت يېڭى باج ئارقىلىق 2 مىليارد 900 مىليون گرىۋنە (241 مىليون دوللار) كىرىمگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ ھەقتە سۆز قىلغان پوروشېنكو دۆلەتنىڭ شەرقتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى تەخمىنەن 70 مىليون گرىۋنە (6 مىليون دوللار) خەجلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىتېتى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ئۇرۇشلار سەۋەبىدىن 5 – ئاۋغۇستقىچە تەخمىنەن 730 مىڭ ئادەمنىڭ رۇسىيەگە كۆچكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ب د ت مەلۇماتلىرىدا، ئۇكرائىنادا ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى 117 مىڭغا يەتكەن ۋە بۇنىڭغا ھەر كۈنى 1200 ئادەم قوشۇلماقتا.
رۇسىيە ھۆكۈمىتى 7 – ئاۋغۇستتا ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئاۋستىرالىيە، كانادا ۋە نورۋېگىيەنىڭ گۆش، بېلىق، سۈت ۋە مېۋە – كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنى بىر يىلغىچە چەكلىدى. ئۇكرائىنا كىرىزىسى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلدى، ئەمما بۇ دۇنيادىكى دۆلەتلەرنى ئىككىگە بۆلۈۋەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ياپونىيە رۇسىيەگە ئېمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، شىۋىيېتسارىيە بولسا ئېمبارگو يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا بانكىسى 7 – ئاۋغۇست ئۇكرائىناغا 500 مىليون دوللار قەرز بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇ كۈنى ناتو باش كاتىپى راسمۇسسېن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى پوروشېنكو بىلەن كۆرۈشۈپ، تەشكىلاتنىڭ ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. پوروشېنكو بولسا، ئۇكرائىنالىقلار ئارىسىدا ناتوغا قوشۇلۇشنى قوللايدىغانلار سانىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۆز ئالدىغا ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان دونېتسىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى ئالېكساندىر بوروداي ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ۋە ئورنىغا دونېتسىكتا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئالېكساندىر زاھارچېنكونىڭ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۇكرائىنا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باياناتچىسى ۋلادىسلاۋ سېلېزنېۋ، 7 – ئاۋغۇستتا رۇسىيەپەرەسلەرنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى بىلەن تىك ئۇچارىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
ئۇكرائىنا ئەدلىيە مىنىستىرى پاۋېل پېترېنكو 9 – ئاۋغۇست رۇسىيەگە قارشى خەلقئارا ئادالەت دىۋانىغا ئەرز سۇنغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى. ئۇ: «تەييارلىق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان دەۋا دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى ۋەقەلەرگە مۇناسىۋەتلىك. ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ تېررورلۇقنى مالىيە بىلەن تەمىنلەشنى چەكلەش ھەققىدىكى خەلقئارالىق كېلىشىمنى ئاياق – ئاستى قىلغانلىقى ئۈستىدىن ئادالەت دىۋانىغا ئەرز قىلدى» دېدى. ئۇ ئۇكرائىنانىڭ قولىدا تالاش – تارتىشسىز دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.
پىرېزىدېنت پوروشېنكو 10 – ئاۋغۇست شەرقتىكى لۇگانس شەھىرىگە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەۋەتىلىشىگە رۇخسەت قىلدى.
ئۇكرائىنا كىرىزىسى ئۈچۈن ئۈمۈد بولۇپ كۆرۈنگەن پىرېزىدېنت تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ئۇكرائىنا پارلامېنتى يېتەرلىك دەرىجىدە رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى. نامايىشچىلار كىيېۋ مەيدانىدىن چىقىپ كەتمىدى. ئۆي – ماكانىدىن ئايرىلغانلار ۋە ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى كۈنسېرى كۆپەيدى. ئۇكرائىنانىڭ سانائەت رايونى ھېسابلىنىدىغان دونېتسىك ۋە ئەتراپى ئاستا – ئاستا خاراپلىشىشقا باشلىدى. ئۇكرائىناغا دەسلەپتە خەلقئارالىق ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئارقىدىن ھەربىي تەشكىلاتلارنىڭ كىرىشىدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
ئۇكرائىنادا يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردىن خۇلاسە چىقارغاندا، ئۇكرائىنا كىرىزىسى خەلقئارالىق كىرىزىسقا ئايلاندى ۋە بۇ سەۋەبتىن خەلقئارا سەھنىلەردە قۇتۇپلىشىش تېزلىشىشكە باشلىدى. ئۆزئارا قېرىنداش خەلقلەر بولغان ئۇكرائىنالىقلار بىلەن رۇسىيەلىكلەر بىر مەيدان ئۇرۇش توغرىسىدا ئويلىشىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋالدا ئىمپېرىيالىستىك كۈچلەرنى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان تەرەپلەرنى ئەيىبلەشكە بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش، ئاساسلىقى ئۇكرائىنالىقلار ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر