دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 18

93943
دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 18

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان، ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ سائادىتى ۋە خۇشاللىقى ئۈچۈن كىشىنىڭ قەلبىنى يورۇتىدىغان، شۇنداقلا تۈرك تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تېخىمۇ موللىققا ئىگە قىلىش يولىدا بىباھا خىزمەتلەرنى قىلغان كىشىلەردىن بىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپتۇر. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى بىلەن تونۇلىدۇ. ئەمما، ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى، ھايات پەلسەپەسى ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان قارىشىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئەسەرنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس.

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك يېتەرلىك كۆپ مەلۇمات يوق. ئۇنىڭ تەخمىنەن 1018 – يىلى تۇغۇلغانلىقى پەرەز قىلىنىدۇ. بەئەينى مەھمۇت قەشقىرىگە ئوخشاش، ئۇنىمۇ تۈركىستاننىڭ مۇھىم ئائىلىلىرىدىن، دەپ قاراشقا بولىدۇ. چۈنكى، چۈشەنچىلىرى ۋە يازغان ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپلا ناھايىتى ياخشى تەربىيە كۆرگەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ چاغلاردا بۇنداق ئىمكانىيەتكە ھەممە كىشى ئېرىشەلمەيتتى. دېمىسىمۇ بىلىمى بىلەن ئۆزىنى ئىسپاتلىغان كىشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەتراپىدىكىلىرىنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈركىستاننىڭ بالاساغۇن شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياخشى تەلىم – تەربىيە ئالغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ تولۇق تەرجىمھالى بىلىنمەيدۇ. ئۇلۇغ ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىك» تە ئۆزىنىڭ ئىسمىنى ئەڭ ئاخىرقى بۆلۈمىدە پەقەت بىر قېتىم تىلغا ئالغان. ئۇ ئانا تىلى تۈركچىدىن باشقا، ئەرەبچە ۋە پارسچىنى يۇقىرى سەۋىيەدە بىلەتتى.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ تۈرك ئىسلام ئەدەبىياتى (قولىمىزدا بار بولغان) نىڭ تۇنجى يازغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بىلىمگە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە بىلىمنىڭ ئەھمىيىتىنى ياخشى چۈشەنگەن، پىكرى ئوچۇق پەيلاسوپ ئىدى. ئۇ 1070 – 1069 – يىللىرىدا شەرقىي قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ مەركىزىي قەشقەردە تۇرغان. ئۇ بۇ جەرياندا بالاساغۇندا يېزىشقا باشلىغان ئەسىرىنى 18 ئايدا تاماملاپ، 1070 – يىلى قاراخانىيلار ھۆكۈمدارلىرىدىن تابغاچ بۇغرا ئەبۇ ئەلى ھەسەن بىن سۇلايمان ئارسلانغا تەقدىم قىلغان. قۇتادغۇ بىلىك خاقانىيە تۈركچىسى بىلەن يېزىلغان. بىلىملىك ھۆكۈمدار بۇ ئەسەرنى ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىپ، يۈسۈپ خاس ھاجىپقا باش مەسلىھەتچىلىك مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلغان. قۇتادغۇ بىلىك كىلاسسىك مەسنەۋى ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، 88 بۆلۈم، 6645 بېيىتتىن تەركىپ تاپقان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ، تۈرك ئەدەبىياتىدا تۇنجى سىياسەتنامىنى يازغان ۋە نەزم شەكلىنى قوللانغان كىشى ھېسابلىنىدۇ.

قۇتادغۇ بىلىكنىڭ لۇغەت مەنىسى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان قاراشلار بار بولۇپ، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، «بەختلىك بولۇش بىلىمى»، يەنە بەزىلەرنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، «بەخت كەلتۈرگۈچى بىلىم» ۋە «كىشىلەرنى ھەر ئىككى دۇنيادا بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان بىلىم» دېگەندەك مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. قۇتادغۇ بىلىكتە تۆت ئاساسىي ئۇقۇم بار: 1- ئۆرپ - ئادەت، ئەخلاق؛ 2- بەخت، خۇشاللىق؛ 3 – ئەقىل؛ 4 – بىلىم. ھەر بىرىگە سىمۋول قىلىنغان كىشىلەر ئارىسىدىكى دىيالوگلاردا دۆلەت، سىياسەت، جەمئىيەت، كەسىپ ۋە ئەخلاق قاتارلىق ئوخشىمىغان تېمىلار بويىچە كۆز قاراشلار بايان قىلىنغان.

كۈنىمىزدە قۇتادغۇ بىلىكنىڭ ئۈچ نۇسخىسى بار. بىرىنچىسى، ۋىيېننا نۇسخسى. بۇ نۇسخا ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ، 1439 – يىلى ھىراتتا تېپىلغان. بۇ نۇسخا دەسلەپتە تۈركىيەنىڭ توكات شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنگەن، ئارقىدىن ئىستانبۇلغا ئەۋەتىلگەن. ئالىم ھاممېر ئىستانبۇلدىكى كىتاپپۇرۇشلاردىن سېتىۋېلىپ، ۋىيېننا كۇتۇپخانىسىغا تەقدىم قىلغان.

ئىككىنچىسى، قاھىرە نۇسخىسى. ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان بۇ نۇسخا، 1896 – يىلى قاھىرە ھىدىۋلىك كىتاپخانىسىنىڭ گېرمانىيەلىك مۇدىرى دوكتور مورىتىس تەرىپىدىن تېپىلغان.

ئۈچىنچىسى، پەرغانە نۇسخىسى بولۇپ، ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان. زەكى ۋەلىد توغان تەرىپىدىن تۈركىستاننىڭ پەرغانە ۋىلايىتى نەمەنگان شەھىرىدە تېپىلغان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىلىملىك مۇتەپەككۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى ياشىغان دەۋر ۋە مۇھىتتا ئېرىشكىلى بولىدىغان پۈتۈن بىلىم ۋە مەلۇماتلارنى ئىگەللەشكە تىرىشقان. ئۇ قېرىندىشى ۋە ۋەتەندېشى ئۇلۇغ پەيلاسوپ فارابىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى چۈشىنىشكە غەيرەت قىلغان.

تۈرك تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ۋە بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان شائىر، ئەسىرىدە بۇرۇنقى تۈرك شائىرلىرىغا ئوخشىمايدىغان ھالدا نەزم شەكلىنى قوللىنىپ، باشقا قوشنا ئەدەبىياتلاردا قوللىنىلغان شېئىر شەكىللىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.

ئۇلۇغ ئالىم، شائىر ۋە پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ 1077 – يىلى قەشقەردە ۋاپات بولغان ۋە شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر