دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 10

91400
دۇنيادا ئىز قالدۇرغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئۇلۇغ زاتلىرى - 10

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: شۈبھىسىزكى، دۇنيا ئەدەبىياتى ياكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ۋە ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئورخان پامۇكنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى 2006 – يىلى 12 – ئۆكتەبىر نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن داڭلىق يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىندى ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن تونۇشتۇرۇلدى.

ئورخان پامۇك ئىستانبۇلدا تۇغۇلغان. 1952 – يىلى 7 – ئىيۇن باي ۋە يۇقىرى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بىر ئائىلىدە دۇنياغا كۆزىنى ئاچقان ئورخان پامۇكنىڭ دادىسى گۈندۈز پامۇك، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى ئىنژېنېرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت تۈركىيەدىكى خەلقئارالىق بىر شىركەتنىڭ باش مۇدىرى بولغان ئىدى. ئانىسى شەكۇرە خانىم بولسا، ئوسمانلى دەۋرىدە گىرىتنىڭ ۋالىيسى بولغان ئىبراھىم پاشانىڭ نەۋرىسى ئىدى.

ئورخان پامۇك ئۇزۇندىن بېرى قايسى كەسىپتە ئوقۇش ۋە قايسى ساھەدە خىزمەت قىلىش مەسىلىسىدە قارارسىز ئىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئىستانبۇلدىكى بىر ئامېرىكا مەكتىپىدە ئوقۇغان ئورخان پامۇك، 22 يېشىغىچە رەسسام بولۇش خىيالى بىلەن ياشايدۇ ۋە ئۆزىنى پۈتۈنلەي رەسىم سىزىشقا ئاتايدۇ. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل پەن – تېخنىكا ئۇنىۋېرستېتىدا بىناكارلىق كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇيدۇ ۋە يېرىم قالغان ئوقۇشىنى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇخبىرلىق كەسپىدە داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ نەتىجە قازىنالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ، بۇ كەسىپتىنمۇ ۋاز كېچىدۇ. ئەمما، بۇ مۇۋەپپەقىيەتسىزلىكلەر چوڭ باشلانغۇچنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى. 23 يېشىدىن تارتىپ رومان يېزىشقا باشلىغان ياش ئورخان پامۇك، ئۆزىگە ئىشىنىشكە باشلايدۇ. ئۇ بۇ سەۋەبتىن ئۆزىنى ئۆيىگە سولىۋېلىپ، رومان يېزىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. تۇنجى رومانى «جەۋدەت ئەپەندى ۋە ئوغۇللىرى» ناملىق رومانى 1982 – يىلى نەشىر قىلىنىدۇ. بىر باي تۈرك ئائىلىسىنىڭ ئۈچ ئەۋلاد ھېكايىسى بايان قىلىنغان بۇ رومان، «ئورخان كامال» ۋە «مىللىيەت» قاتارلىق رومان مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىدۇ. بۇنىڭدىن بىر يىل كېيىن، ئۇنىڭ «جىمجىت ئۆي» ناملىق ئىككىنچى رومانى نەشىر قىلىنىدۇ. بۇ روماننىڭ فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنىشى بىلەن، ئورخان پامۇكنىڭ نامى چەت ئەللەردە ئاڭلىنىشقا باشلايدۇ. 1985 – يىلى نەشىر قىلىنغان «ئاق قەلئە» ناملىق رومان، چەت ئەللەردە ئۇنىڭ نامىنى چىقىرىدۇ. بۇ ئەسەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنىدۇ. نامى چېگرادىن ھالقىغان ئورخان پامۇك 1985 – 1988 – يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىنىڭ كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستېتىدا «مېھمان ئالىم» بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ ۋە ئۇ يەردىمۇ رومان يېزىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىر ئادۋوكاتنىڭ ئىستانبۇلدىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان «قارا كىتاب» ناملىق رومان، 1990 – يىلى تۈركىيەدە نەشىر قىلىنىدۇ. بۇ رومانمۇ فىرانسۇزچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنى مۇكاپاتقا نائىل قىلىدۇ.

ئورخان پامۇكنىڭ 1994 – يىلى نەشىر قىلىنغان «يېڭى ھايات» ناملىق رومانى، تۈركىيەدە ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان كىتابلار ئارىسىغا كىرىدۇ. ئۇ 1998 – يىلى نەشىر قىلىنغان «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق رومانىدا، ئوخشىمىغان ئاشىق ۋە ئائىلە ھېكايىسىنى بايان قىلىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئەسەرمۇ، بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ئۇنىڭ نامىنى چىقىرىدۇ ۋە خەلقئارادىكى مۇھىم تەشكىلاتلار تەرىپىدىن مۇكاپاتلىنىدۇ.

ئورخان پامۇك زىيارەت خاتىرىلىرىدە قانچىلىك سىياسەتكە ئارىلاشمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، 2002 – يىلى «سىياسىي رومان» دېيىشكە بولىدىغان «قار» ناملىق رومانىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ. ئۇ 1999 – يىلى ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت ساھەسى بويىچە يازغان يازمىلىرىنى «باشقا رەڭلەر» نامىدا توپلاپ نەشىر قىلدۇرىدۇ.

ئامېرىكىدا ياشىغان ئۈچ يىلدىن باشقا ئۆمرىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن ۋە ھازىرغىچە ئۆزى تۇغۇلغان بىنادا ياشاۋاتقان ئورخان پامۇكنىڭ يېڭى رومانىنىڭ نامى «ئىستانبۇل» دۇر. يازغۇچى بۇ ئەسىرىدە ياشلىق ۋاقتىنىڭ ئەسلىمىلىرى بىلەن بىللە، ئىستانبۇلنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن فوتوگرافلارنى كىرگۈزۈپ، كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتقان ھالدا ئوقۇرمەنلىرىگە سۇندى.

ئورخان پامۇك ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋاقىت» ژۇرنىلىنىڭ 2006 – يىلى 8 – ماي تارقىتىلغان «دۇنيامىزنى شەكىللەندۈرگەن كىشىلەر» ناملىق مۇقاۋا يازمىسىدا تونۇشتۇرۇلغان 100 كىشىدىن بىرى بولىدۇ. 2007 – يىلى مايدا ئۆتكۈزۈلگەن 60 – نۆۋەتلىك كاننېس فىلىم فېستىۋالىدا باھالىغۇچى بولىدۇ.

ئەسەرلىرى دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ئورخان پامۇك، 2006 – يىلى ئالغان نوبېل مۇكاپاتى بىلەن يالغۇز ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ باشقا كۆركەم پارچىلىرىنى ۋە داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇلۇشى ھەمدە تونۇلۇشىغا ۋەسىلە بولدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر