قۇددۇس ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى بولدى

ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (ISESCO) نىڭ باش مۇدىرى ئابدۇلئەزىز بىن ئوسمان تۇۋەيجى قۇددۇسنىڭ «2019-يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى» بولۇشىنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قۇددۇس ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش مۇدىرى ئابدۇلئەزىز بىن ئوسمان تۇۋەيجى ماراكەشتە ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «2019-يىللىق ئىسلام دۇنياسى مىراس يىلى خىتابنامىسى» غا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تەشكىلاتنىڭ قۇددۇستىكى مەدەنىيەت مىراسىنىڭ قوغدىلىشى ھەققىدە ئىسلامىي ۋە خەلقئارالىق قوللاشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كەڭ دائىرەلىك پىروگرامما باشلىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئەرەب دۇنياسى نەزىرىدە، قۇددۇسنىڭ «2019-يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى دائىمىي پايتەختى» بولۇشىنى قارار قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىنى، كىشىلەرنىڭ سۈركىلىشلەر يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردىكى مىراسنى قوغداش ئاڭ-سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، لايىھەلەر ۋە مەدەنىيەت پىروگراممىلىرى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق قۇددۇسنىڭ ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى دائىمىي پايتەختى بولۇش ھەرىكىتىنى قوللاشقا چاقىردى.

ئۇ 2019-يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت پايتەختلىرىنى قۇددۇس بىلەن «قېرىنداش شەھەر» ئېلان قىلىنىشى ۋە بۇ دۆلەتلەردىن مەدەنىيەت پايتەختى پىروگراممىلىرى رامكىسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغان بىر ھەپتىنى قۇددۇسقا بېرىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر