قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا دورا ياردەم قىلدى

تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى ھەيئىتى 8.5 توننا دورا ياردىمىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتۈپ مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززەگە يېتىپ كەلدى.

قىزىلئاي جەمئىيىتى غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا دورا ياردەم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى كەرەم كىنىك بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن (2-دېكابىر) نابلۇستىن غەززەگە 8.5 توننا دورا يەتكۈزگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «پەلەستىنگە ياردەم يەتكۈزۈشىمىزنىڭ غايىسى، ئالدى بىلەن، بۇ رايوندا بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان سەھىيە جەھەتتىكى ئېھتىياجلارنى ئازىراق بولسىمۇ قاندۇرۇشتۇر. بىز غەززەدە بىرلىكتە ھەر خىل لايىھەلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتقان ئەل ئەمەل يېتىم-يىسىرلار مەركىزىنىمۇ زىيارەت قىلدۇق» دېدى.

ئۇ ئەل ئەمەل يېتىم-يىسىرلار مەركىزىدە تۇرىدىغانلارغا، يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك ياردەملىرىنى قىلغانلىقلىرىنى، كونا بىنالارنى يېڭىلاش، قوغداش ئاستىدا تۇرۇۋاتقان يېتىم-يىسىرلار سانى بىلەن ئۇلارغا سۇنۇلغان خىزمەتلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ياردەملەر ئارقىلىق، ئەل ئەمەل يېتىم-يىسىرلار مەركىزىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتى ئۈچۈن سېلىۋاتقان تەبىئىي ئاپەت ۋە يۈك توشۇش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇشىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «غەززەدىكى قىسقا زىيارىتىمىزدە تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى قىلالايدىغان ياردەملەرنى بايقاپ، ياردەملەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن كۆرۈشىمىز» دېدى.

تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ۋە كېرەكلىك رۇخسەتلەرنى ئېلىش جەريانىدا، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ نابلۇس شەھىرىدە پەلەستىن قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئىسكىلاتىغا بېسىپ قويۇلغان دورىلارنى باسقان ئاپتوموبىللار غەززەگە بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىدى.

بۇ دورىلارنىڭ رايوندىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە ئايلىق ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر