جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان « جۇمھۇرىيەت بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى.

1077520
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 – يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى رەھبىرى كەمال قىلىچدارئوغلۇ، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى  رەھبىرى دۆلەت باھچەلى ۋە ياخشى پارتىيە رەھبىرى مەرال ئاقشەنەر قاتارلىق رەھبەرلەردىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت ئىشتىراك قىلدى. ھەيئەت  ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى.

ئەردوغان ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدا مەخسۇس دەپتەرنى ئىمزالىغاندىن كېيىن، دەپتەرگە مۇنداق دەپ يازدى: «ھۆرمەتلىك  ئاتاتۈرك! جمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن سىزنى زىيارەت قىلىپ كەلدۇق، سىزنى ۋە سەپداشلىرىڭىزنى مەڭگۈ ياد ئېتىمىز، ھەممىڭلارغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمىز. بۇ شانلىق كۈنىمىزنى بۈگۈن ئىستانبۇلدا <دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ئايرودۇرۇم> لاردىن بىرىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئارقىلىق تەبرىكلەيمىز. دۆلىتىمىزگە قارىتا ئىقتىسادىي ھۇجۇملار داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بۇ ئايرودۇرۇمنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى تۈركىيەنىڭ مىسلىسىز كۈچىنىڭ نامايەندىسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تارىخىي خىزمەت، تۈركىيەنىڭ قۇدرىتى، قەتئىي ئىرادىسى ۋە ئۇدا 95 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈۋاتقان ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ سىمۋولىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر