ئىززەتبېگوۋىچ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى خاتىرىلەندى

ئىززەتبېگوۋىچ ياۋروپانىڭ كېندىكىدە ئىرقىي قىرغىنچلىققا ئۇچرىغان خەلقى بىلەن بىرلىكتە قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۇرۇش قىلغان سىياسىئون بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانى مۇستەقىللىق يولىغا باشلىدى.

ئىززەتبېگوۋىچ ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىززەتبېگوۋىچ مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن قارشىلىق كۆرسىتىش، دۇنيانىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يولىنى يورۇتۇپ تۇرماقتا. ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ 1925-يىلدا، بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئوسمانلىدىن سابىق يۇگوسلاۋىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن بوسنىيەدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ياشلىق يىللىرىدىلا ۋەتىنىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى باشلىغان.

ئۇ تىتو دەۋرىدە يۇگوسلاۋىيەنىڭ ئاستا-ئاستا پارچىلىنىشىغا گۇۋاھ بولىدۇ. «ئىسلام خىتابنامەسى» دېگەن كىتابنى يازىدۇ. ئىززەتبېگوۋىچ كىتابىدا، «نىشانىمىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلاملىشىشى، شوئارىمىز-ئىشىنىش ۋە كۈرەش قىلىش» دەيدۇ ۋە بۇ سەۋەبتىن يىللار بويىچە تۈرمىدە ياتىدۇ. بىراق، ئۇ بېسىملارغا بويۇن ئەگمەيدۇ، بوشناقلارغا يول كۆرسىتىپ، رەھبەرلىك قىلىدۇ.

1992-يىل قورقۇنچلىق بىر دەۋر باشلانغان يىل بولۇپ قالىدۇ. دەسلەپتە سېربلار، ئارقىدىن ھىرۋاتلار مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلىدۇ. 20-ئەسىردە ياۋروپانىڭ كېندىكىدە بوشناق خەلقى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرايدۇ. ئىززەتبېگوۋىچ بومباردىمان ئاستىدىمۇ بوسنىيەدىن ئايرىلمايدۇ، بەلكى ئالدىنقى سەپتە تۇرىدۇ. ئۈستىدىكى ھەربىي فورمىسى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرىدۇ. خەلقىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ دەل ئەكسىچە، ياشانغانلارغا، كىچىك بالىلارغا ۋە ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلمايدۇ. غۇرۇرى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ.

دۇنيا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا كۆزىنى يۇمۇۋالغان، ب د ت قاراپ تۇرغان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار بوشناقلارغا ياردەم قىلدۇ.

ئىززەتبېگوۋىچ ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. ئۇ ۋاپات بولغىچە مۇستەقىل بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پىرېزىدېنتى بولىدۇ.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بوشناقلارغا قىلغان ياردىمىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا ۋەتىنىنى تۈركىيەگە ئامانەت قىلىدۇ. ئىززەتبېگوۋىچ ۋاپات بولۇشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئەينى چاغدىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇنى زىيارەت قىلىدۇ. ئىززەتبېگوۋىچ ئەردوغاننىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە: «بۇ يەرلەر ئەۋلادى فاتىھىاندۇر، بوسنىيەمنى قوغداڭلار، بوسنىيەمگە ئىگە چىقىڭلار» دەيدۇ.

ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچ 2003-يىلى 19-ئۆكتەبىر 78 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھېچكىمگە بويۇن ئەگمىگەن، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئالىم كېيىنكى ئەۋلادلارغا يول كۆرسىتىپ بەردى. ئۇنىڭ، «كىملىكىنى يوقىتىشنىڭ بەدىلى قۇللۇقتۇر» دېگەن سۆزى، پۈتكۈل دۇنياغا ئۈلگە بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر