دۇنيادا روھىي كېسەللىكلەر كۆپەيمەكتە ئىكەن

بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيادىكى دۆلەتلەردە روھىي كېسەللىكلەردە ئېشىش كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا قارىتا كەڭ دائىرەلىك تەدبىر ئېلىنمىغان ئەھۋالدا 2010-2030-يىللىرى ئارىسىدا دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان مالىيە چىقىمى 16 تىرىلىيون دوللارغا يېتىدىكەن.

دۇنيادا روھىي كېسەللىكلەر كۆپەيمەكتە ئىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىسخولوگىيە، خەلق ساغلاملىقى ۋە نېرۋا ئىلمى ساھەسىدە دۇنيادا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇتەخەسىسلەر بىلەن كېسەللەر ۋە كېسەللىكتىن قوغداش گۇرۇپپىلىرى تەرىپىدىن دۇنيا روھىي كېسەللىكلىرى توغرىسىدا لانسېت كومىتېتى دوكلاتى ئېلان قىلىندى.

 دوكلاتتا، روھىي كېسەللىكلەر مەسىلىسى بويىچە دۇنيا مىقياسىدا كۆپىيىۋاتقان كىرىزىسنىڭ، كىشىلەر، جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادقا نىسبەتەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

دوكلاتنىڭ باش تەييارلىغۇچىسى ۋە خارۋارد تىببىي مەكتىپىنىڭ پىروفېسسورى ۋىكرام پاتېل مالىيە چىقىمىنىڭ بىر قىسمىنىڭ، بىۋاستە سەھىيە خىزمەتلىرى، دورا ۋە داۋالاشلاردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يېقىنقى 25 يىلدا روھىي كېسەللىكلەرنىڭ جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان قېرىلىشىشى سەۋەبىدىن كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئەھۋال ئىنتايىن قورقۇنچلىق. بىراق، ھېچقانداق دۆلەت بۇ مەسىلىدە يېتەرلىك دەرىجىدە مەبلەغ ئاجراتمايۋاتىدۇ. كىشىلەردە روھىي كېسەللىكتەك باشقا كېسەللىكلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنمىدى.»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) نىڭ تەخمىن قىلىشىچە، دۇنيادا تەخمىنەن 300 مىليون ئادەم چۈشكۈنلۈك، 50 مىليون ئادەم بۇرۇقتۇرۇملۇق ئىچىدە ياشايدىكەن. 23 مىليون ئادەم مەجنۇنلۇق ۋە 60 مىليون ئادەم قوش قۇتۇپلۇق ھېسسىيات بۇزۇقلۇقى تەسىرىدە ياشايدىكەن.

دوكلاتنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئەنگلىيە پايتەىتى لوندوندا تۇنجى قېتىم مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە ئېچىلىدىغان روھىي كېسەللىكلەر يىغىنىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر