تۈركىيە گاگاۋۇز تۈركلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى گۈللەندۈرۈش خىزمەتلىرىگە يار - يۆلەك بولماقتا

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنادىكى گاگاۋۇز تۈركلىرىنىڭ ئەنئەنلىرىنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشىنى نىشان قىلغان گاگاۋۇز مەدەنىيەت ئۆيىنى رېمونت قىلىش ۋە بېزەش ئىشلىرىغا ئالاقىدار بىر پارچە كېلىشىمگە ئىمزا قويدى.

1063801
تۈركىيە گاگاۋۇز تۈركلىرىنىڭ ئەنئەنىسىنى گۈللەندۈرۈش خىزمەتلىرىگە يار - يۆلەك بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، گاگاۋۇزلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئودېسا شەھىرىنىڭ كوتلوۋىنا يېزىسىدا 1973 – يىلى سېلىنغان، بىراق 1997 – يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە %70 ى تالاپەتكە ئۇچرىغان گاگاۋۇز مەدەنىيەت ئۆيىنىڭ قايتىدىن خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلۈشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا رەنى ناھىيە مەجلىسى باشلىقى ئولېگ زۇيېۋ، ئودېسا ۋىلايەت مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۇرىي دىمچوگلو، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇكرائىنا كوردىناتسىيە ئىشلىرى مەسئۇلى ھاجى بايرام بولات، كوتلوۋىنا مەھەللىسى سېكرىتارى دىمىترىي كارانفىل، كوتلوۋىنا مەدەنىيەت ئۆيى مۇدىرى گالىنا بۇلگارۇ ۋە رېنى ناھىيەسى ئاھالىسى ئىشتىراك قىلدى.

ئولېگ زۇيېۋ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشىنىڭ مەيلى گاگاۋۇز خەلقى ئۈچۈن بولسۇن، مەيلى رېنى ناھىيەسى ئۈچۈن بولسۇن، ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى ۋە بۇ ئىشقا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىغا رەھمەت ئېيتتى.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇكرائىنا كوردىناتسىيە ئىشلىرى مەسئۇلى ھاجى بايرام بولاتمۇ مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئاگېنتلىقنىڭ تىل، دىن، ئىراق ۋە مىللەت ئايرىپ ئولتۇرماستىن، ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەت ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشىدىغان پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنادىكى 32700 گاگاۋۇز پەرزەنتىنىڭ، دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئودېسا ۋىلايىتىنىڭ بولگراد، رېنى ۋە كىلىيا ناھىيەلىرىگە قاراشلىق مەھەللەردە تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر