دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى يادىكارلىق ۋە ئىبادەتخانا تۈركىيەدە

شانلىئۇرفا ۋىلايىتى چېگراسىغا جايلاشقان 12 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە گۆبەكلىتەپە، يېقىندىن بۇيان دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالماقتا.

1058380
دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمكى يادىكارلىق ۋە ئىبادەتخانا تۈركىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىنسانىيەت تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان تۇنجى ئىبادەتخانا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان ساھە، تارىخنىڭمۇ قايتىدىن يېزىلىشغا سەۋەب بولدى.  بىلىنىدىغان ئەڭ قەدىمكى ئولتۇراق رايونىغا بەرپا قىلىنغان رايون، ساياھەت ئىشلرىىنىمۇ بارغانسېرى  جانلاندۇرماقتا.

گۆبەكلىتەپە بۇ يىل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرى ساھەسىنىڭ چوڭلۇقىغا قاراپ، رايوندىكى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇدا 150 يىل داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر