كادىكۆي دۇنيا بويىچە چوقۇم ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك رايونلار تىزىملىكىدە

تۈركىيەنىڭ كادىكۆي رايونى دۇنيا بويىچە چوقۇم ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك رايونلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

1058374
كادىكۆي دۇنيا بويىچە چوقۇم ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك رايونلار تىزىملىكىدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە چىقىدىغان ساياھەت ژۇرنىلى « Time Out » دۇنيا بويىچە چوقۇم ساياھەت قىلىشقا تېگىشلىك 50 ساياھەت رايونىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. ژۇرنال، خىزمەتچى – خادىملىرىنىڭ قاراشلىرى بىلەن 15 مىڭ كىشى قاتناشقان راي سىناش نەتىجىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، بىر تىزىملىك تۇرغۇزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تىزىملىك تۇرغۇزۇش ئۆلچىمىنى، مەلۇم بىر ساياھەت رايونىنى ساياھەت قىلغۇچىنى، ئۆزىنى ساياھەتچىدەك ئەمەس، خۇددى شۇ رايوننىڭ ئۆز ئاھالىسىدەك ھېس قىلدۇرۇش، قىلىپ بېكىتتى.

ژۇرنال، ئىستانبۇلنىڭ ئاسىيا تەرىپىگە، مارمارا دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان كادىكۆي رايونىنىمۇ مەزكۇر تىزىملىككە كىرگۈزدى، ھەمدە كادىكۆينىڭ يۈزلەرچە چايخانىلىرى، رېستورانلىرى، لايىھەلەش ئىستىدىيولىرى ۋە دۇكانلىرى بىلەن، شەھەرنى تېخىمۇ تىنچ ھالەتتە كۆرۈشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن چوقۇم زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر رايون ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر