ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى مۆئمىنلەرگە نېمىنى تەلقىن قىلىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 38 - 2018

1054221
ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى مۆئمىنلەرگە نېمىنى تەلقىن قىلىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

 

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«ئەنە شۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر مەبۇد يوقتۇر. ئۇ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر. ئەنە شۇ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد بەرھەق يوقتۇر كى، ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر. مۇقەددەستۇر. سالامەتلىك بەخش ئەتكىچىدۇر. ئەمىن قىلغۇچىدۇر. ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ھەممىدىن غالىبتۇر. ئۆز ھۆكمىنى چوقۇم ئىجرا قىلغۇچىدۇر. كاتتىلىقنىڭ ئىگىسىدۇر. (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر. ئەنە شۇ ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر. (يوقلۇقتىن) بار قىلغۇچىدۇر. (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر. ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارنىڭ ئىگىسىدۇر. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇ غالىبتۇر. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھنىڭ 99 ئىسمى بار. كىم بۇ ئىسىملەرنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىگە يارىشا ئەمەل قىلسا ۋە ئۇنى زىكرى قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ»[2]

بىزلەر ئەتىگىنى ۋە ئاخشىمى نامازدىن كېيىن، سۈرە ھەشىرنىڭ ئاخىرىقى 3 ئايىتىنى تىلاۋەت قىلىمىز. ئاللاھنىڭ بارلىقى، بىرلىكى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى ئەسكە ئالىمىز. ئەڭ گۈزەل ئىسىم - سۈپەتلىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتىگەن ۋە ئاخشامدا بۇ ئايەتلەرنى ئوقۇغانلارغا مالائىكىلەرنىڭ دۇئا قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت خۇش خەۋىرىگە سازاۋەر بولۇشقا تىرىشىمىز.[3]

ھەشىر سۈرىنىڭ ئاخىرىقى 3 ئايىتى «ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد يوق» دېگەن تەۋھىد پىرىنسىپى بىلەن باشلايدۇ. ھەر قانداق مۇسۇلمانغا بۇ ھەقىقەتنى چىن يۈرىكى بىلەن قوبۇل قىلىشى ۋە ئاللاھقا سەمىمىي بىر شەكىلدە تەسلىمىيەتتە بولۇشى لازىملىقىنى ئۆگىتىدۇ. ئاندىن «رەببىمىز يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. ئۇ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە ناھايىتى مېھرىباندۇر» يەنى، مەخپىي ۋە ئاشكارا، كۆرۈنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغان ھەممە نەرسىنى تۇلۇق بىلىدۇ. رەھماندۇركى، دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارغا شەپقەت قىلىدۇ. رەھىمدۇركى، ئاخىرەتتە پەقەتلا مۆئمىنلەرگە رەھمىتىنى بەخش ئېتىدۇ، دېيىلدۇ.

مۆئمىن؛ ئاللاھنىڭ ھەر دائىم ۋە ھەممىلا يەردە ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، ھەر تۈرلۈك نىيەت ۋە خىياللىرىنىمۇ بىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ھالدا ياشايدۇ. چۈنكى ئۇ رەببىنىڭ ئۆزىگە شاھ تومۇرىدىنمۇ بەك يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان كىشىدۇر.[4]

ئەزىز قېرىنداشلار، ئاللاھ تائالا ئۆز ئىسىملىرى ئارقىلىق بىزگە ئۆزىنى مۇنداق تۆنىتىدۇ؛

«ئۇ (مۇتلەق) پادىشاھتۇر. مۇقەددەستۇر. سالامەتلىك بەخش ئەتكۈچىدۇر. ئەمىن قىلغۇچىدۇر. ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. ھەممىدىن غالىبتۇر. ئۆز ھۆكمىنى چوقۇم ئىجرا قىلغۇچىدۇر. كاتتىلىقنىڭ ئىگىسىدۇر» يەنى، ئاللاھ پادىشاھتۇر، پۈتۈن مۈلۈكنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىدۇر. مەۋجۇتۇلۇقمۇ ئۇنىڭ ۋە يوقلۇقمۇ ئۇنىڭدۇر. قول ئىلكىمىزدىكى نېمەتلەرنى ئۇ بىزگە ئامانەت قىلغان. شۇڭا مۆئمىنلەر ئىگە بولغان بارلىق نېمەتلەرنىڭ ئۆزىگە ئاللاھ تائالادىن قىلىنغان ئامانەت ئىكەنلىكنى بىلىش ئېڭى بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. مال مۈلۈك، ئورۇن مەنسەپ ۋە شان شۆھرەتنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە بۇ بارلىق نېمەتلەرگە ھېساب بېرىدىغانلىقىغا دائىر ئەقىدىسى بىلەن ئامانەتكە قەتئىي رىئايە قىلىدۇ. 

ئۇلۇغ ئاللاھ مۇقەددەستۇر. ھەر تۈرلۈك نۇقسانلاردىن پاكتۇر. مۇتلەق كامالەت ئىگىسىدۇر. ئۇ سالامەتلىك ۋە تىنچلىق بەخش ئەتكۈچىدۇر. خاتىرجەملىك ۋە تىنچلىقنىڭ مەنبەسىدۇر. مۆئمىنمۇ ئۆز ئائىلىسىدىن باشلىغانچە تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە خاتىرىجەملىك ۋە ئامانلىقنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىشەنچ بەرگىچىدۇر. ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرنى قورقۇنچتىن ئەمىن قىلىدۇ. قەلبىنى ئاچقانلارغا ئىمان بەخش ئېتىدۇ. ئۇ مۇھەيمىندۇر. يەنى ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر. دۇنيادىكى ھەر تۈرلۈك قېيىنچىلىقلاردا بىز يالۋۇرىدىغان ۋە سېغىنىدىغان بىردىنبىر تايانچىمىزدۇر.

 ئۇ ئەزىزدۇر، يەنى، ھەممىدىن غالىبتۇر. ئىززەت ۋە ھۆرمەتنىڭ ھەقىقىي ئىگىسىدۇر. 

ئۇ جەبباردۇر، يەنى خالىغان ئىشنى ھەرقانداق ئەھۋالدا چوقۇم قىلىدىغان، دەرتلەرگە دەرمان، يارىلارغا مەرھەم بولغۇچىدۇر.

 ئۇ مۇتەكەببىردۇر. يەنىكاتتىلىق پەقەت ئۇنىڭغىلا يارىشىدىغان، كاتتىلىقتا تەڭدىشى بولمىغان زاتتۇر. ئۇنىڭ ئالدىدا باشقا ھەممەيلەن ئاجىزدۇر.

ئۇ (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر؛ يەنى، ھەر تۈرلۈك يېتەسىزلىكلەردىن پاكتۇر، رەببىمىزنىڭ تەڭدىشى ۋە ئوخشىشى يوقتۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! ھەشىر سۈرىنىڭ ئاخىرىقى ئايىتىدە، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەنە شۇ ئاللاھ (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر. (يوقلۇقتىن) بار قىلغۇچى، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر» يەنى، ئاللاھ خالىغاننى خالىغان شەكىلدە ھېچ قانداق ئەۋرىشكىسى بولماستىن ياراتقۇچىدۇر. مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ھەممىگە شەكىل ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى بەلگىلىگۈچىدۇر. 

مۆئمىن ئاخىرىقى تىنىقىغىچە ئاللاھ بەخش ئەتكەن تەبىئىتىگە ئىگە چىقىدۇ. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك كۆرۈنۈش، مال مۈلۈكنىڭ كۆپلىكى ئەمەس، ئىماننىڭ كامىللىقىدۇر. قەلبى ساغلام، ئەمەلىي سالىھ ۋە گۈزەل ئوخلاغلىق بولغانلارنى ياخشى بىلىدۇ. مۆئمىنلەر قەلبىنى ئاداۋەت، نەپرەت، پىتنە ۋە ھەسەتكە ئوخشاش يامانلىقلاردىن ئۇزاق تۇتىدۇ.

 ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، بىزلەر ئۇنىڭ گۈزەل ئېسىملىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا يېلىنىشتا بولىمىز. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىس شەرىپتە: «ئاللاھنىڭ 99 ئىسىمى بار. كىم بۇ ئىسىملەرنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىگە يارىشا ئەمەل قىلسا ۋە ئۇنى زىكرى قىلسا جەننەتكە كىرىدۇ»[5] دېگەن بولۇپ، رەببىمىزنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىنىڭ مەنىسىنى ياخشى چۈشىنىپ، تەقەززاسىغا ماس ئەمەل قىلىش ھەممىمىزنىڭ غايىسى بولۇشى لازىم.

«ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ. ئۇ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» يەنى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى بارلىق مەۋجوتلۇق ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ. ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ئۇنىڭ مۇتلەق قۇدرەت، ھۆكۈم ۋە ھېكمەتنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە شەكسىز ئىشىنىدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىزمۇ ھەم تىلىمىز بىلەن ھەم ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ماس كېلىدىغان ئىش ھەرىكەت ئەمەللىرىمىز ئارقىلىق ئۇلۇغ رەببىمىزگە تەسبىھ ئېيىتىشتۇر. بۇ دەل ئۇنىڭغا باش ئەگكەنلىكىمىزدۇر.

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ئاللاھقا بولغان ئىماننىڭ تەقەززاسى بويىچە ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكنىڭ مەنىسى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ بىر كۈچنىڭ ئالدىدا ئېگىلمەسلىكتۇر. ئاللاھقا بولغان تەسلىمىيىتىمىز ۋە بەندىچىلىكىمىزنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى بولغان ۋەزىپىمىزنى قەتئي ئۇنتۇپ قالمايلى!

بۇ مۇبارەك جۈمە ۋاقتىدا ھەممەيلەن تەڭ ئاللاھقا چىن قەلبىمىزدىن يالۋۇرۇپ مۇنۇ دۇئانى قىلايلى!

ئى رەببىمىز! بىزلەرنى ساڭا ھەققىي ئىشەنگەن، ئىسلامغا سەمىمىيلىك بىلەن مەھكەم باغلانغان، ھەشىر سۈرىسىدە سەن ئۆگەتكەن ھەقىقەتلەرنى چۈشۈنۈپ ئەمەل قىلغان بەندىلىرىڭدىن قىلغىن!

ئى رەببىمىز! قۇئان كەرىمنىڭ رەھبەرلىكىدىن، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يول باشچىلىقىدىن بىزلەرنى بىر دەممۇ مەھرۇم قىلىمىغىن!

ئى رەببىمىز شاھادەتنى ئارزۇ قىلىپ، جانلىرىنى پىدا قىلىشقا كۆكرەك كىرگەن ۋە غازىيلىق مەرتىۋىسى بىلەن شەرەپلەنگەن قەھرىمانلىرىمىزغا سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ۋە بەختىيارلىق نىسىپ قىلغىن!

ئى رەببىمىز! سەندىن باشقا ھېچقانداق كۈچكە باش ئەگمەسلىكتىن ئىبارەت تەۋھىد ئەقىدىسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، دىنىنى، مىللىتىنى ۋە ۋەتىنىنى قوغداش يولىدا جانلىرىنى پىدا قىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزگە رەھمەت قىلغىن، خەلقىمىزنى ئەنە شۇ شېھىتلىرىمىزنىڭ رۇھى بىلەن رۇھلاندۇرغىن! ئامىن.

 

 


[1]   - سۈرە ھەشىر، 22 -، 23- ۋە 24 ئايەت

[2] - بۇخارى

[3] - تىرمىزى، قۇرئاننىڭ پەزىلەتلىرى، 22ھەدىس

[4] - سۈرە كافنىڭ 16ئايتىگە قارالسۇن

[5] - بۇخارى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر