قالىن: غازىلار تارىخنىڭ شەرەپلىك سىمالىرى ھېسابلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن غازىلارنىڭ ۋەتەن، مۇستەقىللىق ۋە ئىستىقبال ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى پىدا قىلغان تارىخنىڭ شەرەپلىك سىمالىرى ھېسابلىنىدىغان ئېيتتى.

1052791
قالىن: غازىلار تارىخنىڭ شەرەپلىك سىمالىرى ھېسابلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قالىن «غازىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، غازىلارنىڭ ۋەتەن، مۇستەقىللىق ۋە ئىستىقبال ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى پىدا قىلغان تارىخنىڭ شەرەپلىك سىمالىرى ھېسابلىنىدىغان تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان بەگنىڭ ئاتىسى ئەرتۇغرۇل بەگدىن 1453 – يىلى ئىستانبۇلنى پەتھى قىلغان  فاتىھ سۇلتان مەھمەتكىچە، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركتىن بۈگۈنكى كۈنگىچە، ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان ۋە ھازىرمۇ ياشاۋاتقان بارلىق غازىلىرىمىزغا چەكسىز ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر