ياپونىيە مەلىكىسى ئاكىكو مىكاسانومىيا ئەنقەرەنى زىيارەت قىلدى

ياپونىيە مەلىكىسى ئاكىكو مىكاسانومىيانىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

akiko miksanomiya-cavusoglu.jpg
akiko miksanomiya-tirnak bayraklar.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مەلىكىسى ئاكىكو مىكاسانومىيا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشتى.

ياپونىيە مەلىكىسى ئاكىكو مىكاسانومىيا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

كۆرۈشۈشتە، مەلىكە ئاكىكو مىكاسانومىيانىڭ قول تىرناقلىرىغا چۈشۈرۈلگەن تۈركىيە ۋە ياپونىيە بايراقلىرى ئالاھىدە دىققەت تارتتى. مۇخبىرلار كامېرا بىلەن كۆرۈنۈش ئېلىۋالغاندىن كېيىن، كۆرۈشۈش ئاخباراتقا يېپىق شەكىلدە ئەمەلگە ئاشتى.

ياپونىيە مەلىكىسى ئاكىكو مىكاسانومىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن بەزى جايلارنى زىيارەت قىلغان ئىدى.

مەلىكە ئاكىكو مىكاسانومىيا ئەنقەرە زىيارىتىنى ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىش بىلەن باشلاپ، جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرغۇچىسى ئاتاتۈركنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى ۋە سۈكۈتتە تۇردى. ئاندىن خاتىرە دەپتەرگە بېغىشلىما يازدى.

مەلىكە ئاكىكو مىكاسانومىيا ئەنقەرەدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن بۇرۇن، كىرشەھىرى كامان ناھىيەسى كالەھۆيۈكتىكى قەدىمكى شەھەر قېزىلىۋاتقان جاينى، ياپونىيە ئانادولۇ ئارخېئولوگىيە ئىنىستىتۇتىنى، ياپونىيە باغچىسىنى ۋە كالەھۆيۈك ئارخېئولوگىيە مۇزېيىنى زىيارەت قىلدى.

ياپونىيە مەلىكىسى ئاكىكو مىكاسانومىيانىڭ تۈركىيەدىكى زىيارىتى 14-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر