لوندون بىلەن پارىژ ئارىلىقىدا ئۇچار تاكسى قاتنايدۇ

مەركىزىي ئەنگلىيەگە جايلاشقان ۋېرتىكال ئايروسپېيس (Vertical Aerospace) شىركىتىنىڭ سائىتىگە 300 كىلومېتىر ئۇچالايدىغان ئۇچار تاكسىلەرنى لوندون-پارىژ ئارىلىقىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشنى نىشان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

لوندون بىلەن پارىژ ئارىلىقىدا ئۇچار تاكسى قاتنايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەركىزىي ئەنگلىيەگە جايلاشقان ۋېرتىكال ئايروسپېيس شىركىتى سائىتىگە 300 كىلومېتىر تېزلىكتە ئۇچالايدىغان تاكسىلەرنى 2022-يىلىدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈشنى نىشان قىلدى.

تايمېس گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، شىركەت تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان ئۇچار تاكسى ھازىرچە سائىتىگە 160 كىلومېتىر ئۇچالايدىكەن.  بۇ تېزلىكنىڭ دەسلەپتە 300 كىلومېتىرغا، ئارقىدىن 500 كىلومېتىرغا چىقىرىش مەقسەت قىلىنماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن، ئەنگلىيە پايتەختى لوندوندىن فىرانسىيە پايتەختى پارىژغا ئۇچار تاكسى بىلەن بىلەن بېرىش مۇمكىن بولىدىكەن.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇچار تاكسىغا قونۇش لىيەسى كېرەك بولمايدىكەن. ئۇچار تاكسى تىك قوزغىلىپ، تىك قونالايدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئايرودۇرۇملارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، شۇنداقلا كىشىلەرنى ھاۋا قاتنىشىدىكى ئۇزۇن رەسمىيەتلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈمىد قىلىنماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر