ئەردوغان ۋە يىلدىرىم ئەرتۇغرۇل غازىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىم ئەرتۇغرۇل غازىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقاتتى.

binali yildirim sogut.jpg
binali yildirim sogut.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، سۆگ(غ)ۈت ئەرۇغرۇل غازىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما تارقىتىپ، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئەرتۇغرۇل غازىنىڭ كۈرىشى مىللىتىمىزنىڭ بىرلىك ۋە قېرىنداش بولغان چېغىدا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ كونكېرت ۋە روشەن مىسالىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

سەۋرچانلىق بىلەن نىشانلىرىمىزغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىمىز دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بۇ زېمىنلاردا ئەرتۇغرۇل غازى ئۇلىنى سالغان، مىللىتىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاسراپ بۈگۈنلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئامانەتنى، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن، بىزدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا تېخىمۇ ياخشى شەكىلدە تاپشۇرۇپ بېرىش ئىرادىمىز قەتئىيدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى بىنالى يىلدىرىممۇ، 737 – نۆۋەتلىك ئەرتۇغرۇل غازىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدە سۆز قىلىپ، «دوست – دۈشمەن ھەممە شۇنى ياخشى بىلسۇنكى، پۇلىمىز، ئىقتىسادىمىز ئۈستىدىن قىلىنغان ھۇجۇملار، پىلانلانغان ئويۇنلار چوقۇم بوزۇلىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە، «بىزنى پارچىلىماقچى، بىر – بىرىمىزگە قارشى چىقارماقچى، ئارىمىزغا پىتنە ئۇرۇقىنى چاچماقچى بولغانلار بار. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي سەۋەبلەرنى باھانە قىلغۇچى خائىنلار، بىزنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، قوللىرىدىن كەلگەننى قىلىشماقتا. تاشقى كۈچلەرنىڭ بۇيرۇقى ئاستىدىكى بۆلگۈنچى ۋە فەتھۇللاھچى خائىنلارنىڭ نىشانىمۇ ئوخشاشتۇر. نېمە قىلىشسا قىلىشسۇن، تۈركىيەنى قوللىرىغا ئالالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر