ھىجرەت بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۇمە خۇتبىلىرى/ 36 - 2018

1045287
ھىجرەت بىزدىن نېمىنى تەلەپ قىلىدۇ؟ (ئاۋازلىق)

 

ئەزىز مۇئمىن قېرىنداشلار! جۈمە كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن!

ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئالدىمىزدىكى سەيشەنبە كۈنى مۇھەررەم ئېيىنىڭ تۈنجى كۈنىگە يەنى، ھىجرىيەنىڭ 1440يىلىغا قەدەم قويغان بولىمىز. ھىجرەتنىڭ باشلىنىشى ۋە خاتىرە يىل بېشى بولغان بۇ كۈنلەرنىڭ پۈتۈن مىللىتىمىزگە ۋە پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا خەيرىلىك ئېلىپ كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تېلەيمىز. 

كائىناتنىڭ ئىپتىخارى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋىتىنى قوبۇل قىلمىغان مۇشرىكلار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە مۆئمىنلەرگە قىلمىغان زۇلۇم سېتەم، قېيىن قىستاقلىرى قالمىغان ئىدى. ئاخىرى مەككىدە نەپەس ئېلىش مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغاندا، ئاللاھ تائالا مۆئمىنلەرنى ئۆز دىنىدا ئەركىن ياشىيالىشى، ئىبادەتلىرىنى راھەت ئادا قىلالىشى ئۈچۈن ھىجرەت قىلىشقا بۇيرىدى. دەسلەپتە مۆئمىنلەرنىڭ بىر قىسمى مەدىنىگە ماڭدى.  ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سادىق دوستى ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن بىرگە مەدەنىگە ھىجرەت قىلدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! ئىسلام تارىخىنىڭ بۇ شەرەپلىك سەپىرى، ئىختىيارى بىر كۆچۈش ئەمەس، بەلكى ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ يەر يۈزىگە ھاكىم بولۇشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت ئىزدەشنىڭ ئۈلگىلىك ھەرىكىتى بولغان ئىدى.

ھىجرەت؛ ئاللاھقا بولغان ئىماننىڭ، ساداقەت ۋە تەسلىمىيەتنىڭ، سەبىرچانلىق ۋە مەيدانىدا مۇستەھكەم تۇرۇشنىڭ نامايەندىسىدۇر.

ھىجرەت؛ ئاللاھنىڭ رىزاسى، ئىنسانىيەتنىڭ خاتىرىجەملىكى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈن بارلىقىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان پىداكار مۇھاجىرلارنىڭ، ئۆزىلىرىگە قاچاق ئاچىدىغان مەرت ئەنسارلار بىلەن دىدارلىشىشىدۇر.

بۇ جاپالىق ۋە بەرىكەتلىك سەپەر قېرىنداشلارغا ئايلاندۇرغان مۇھاجىرلار بىلەن ئەنسارلار ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ:

«ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلاردىن ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر (يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھتىن مەمنۇن بولدى. ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ بەخىتتۇر» (سۈرە تۆۋبە، 100ئايەت)

ئەزىز قېرىنداشلار! ھىجرەت سائادەت دەۋرىدە بىر قېتىم يۈز بېرىپ ئاخىرىلاشقان ۋەقە ئەمەس. بەلكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ كۆزلىرى ياشقا تولغان نۇرغۇنلىغان مۇسۇلمانلار يۇرت ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ ھىجرەتكە ئاتلانماقتا. ئۆزىگە ئەنسارلىق قىلالايدىغان، ياخشى ئىنسانلارغا سېغىنماقتا. بىزنىڭ يەلكىمىزگە چۈشكەن مەسئۇلىيىتىمىز بولسا، ھىجرەتنىڭ بۇ خاتىرە كۈنلىرىدە بۇ ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم ئەسكە ئېلىپ، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىكنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر.

ھىجرەت؛ يەنە بىر مەنىدىن ھەر تۈرلۈك ئىللەتلەرنى تاشلاپ، يامانلىقتىن ئۇزاقلىشىش ۋە ياخشىلىق يولىغا قاراپ قەدەم تاشلاشتۇر. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتنىڭ بۇ مەنىۋىي تەرىپىنى مۇنداق ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى:

«مۇسۇلمان قولىدىن ۋە تىلىدىن باشقا مۇسۇلمانلارغا زىيان يەتمەيدىغان كىشىدۇر. مۇھاجىر بولسا، ئاللاھنىڭ مەنئىي قىلغان ئىشلىرىنى تاشلىغان كىشىدۇر» (بۇخارى، ئىمان بابى، 4ھەدىس)

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! ھىجرەتتە مۇھىم بولغىنى سەمىمىيەت بولۇپ، ھىجرەتنىڭ خىمىرتۇرىچى ئاللاھقا بولغان ساداقەت ۋە رەسۇلۇللاھقا بولغان مۇھەببەتتۇر. مۆئمىن ئارىقىدا تاشلاپ قويغان ئازابلىق كۈنلىرىگە قارىماستىن، ئىمان ۋە ئۈمىد بىلەن ياشاشنى باشلىغاندا ئاندىن مۇھاجىر بولىدۇ. مۇھاجىر بولسا، ھارامدىن يۈز ئۆرۈپ، قەتئىيىلىك بىلەن ھالالنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرغاندا ئاندىن ھىجرەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى تاپقان بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك مۆئمىن قېرىنداشلار! بۇ ھىجرىيەنىڭ يېڭى يىلىغا قەدەم قويۇۋاتقان چېغىمىزدا بىر مۇسۇلمانلارغا يارىشىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش، ئۆتمۈشىدىن ھېساب ئېلىپ، كەلگۈسىنى رەتكە سېلىشتىن ئىبارەتتۇر. ئاسىيلىقتىن ئىتائەتكە، گۇناھتىن تۆۋبىگە، چېچىلاڭغۇلۇقتىن بىرلىككە، دۈشمەنلىكتىن قېرىنداشلىققا، جاھالەتتىن ئىلىم مەرىپەتكە ۋە يامانلىقتىن ياخشىلىققا ھىجرەت قىلىشتۇر.

قېنى ئەمىسە كېلىڭلار! ھىجرەت ئەھدىمىزنى يېڭىلايلى! بۇ مۇبارەك جۈمە كۈنىدىكى ئەھدىمىز، زالىملارنىڭ زۇلمى تۈپەيلىدىن يۈرت - ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان مۇھاجىر قېرىنداشلىرىمىزغا ئەنسار بولۇش بولسۇن!  

ھاياتلىق سەپىرىمىزدە كامىل بىر ئىمان، سالىھ بىر ئەمەل ۋە گۈزەل بىر ئەخلاققا سازاۋەر بولۇشقا يەنە بىر قېتىم نىيەت قىلايلى! يۆنىلىشىمىز، يولىمىز ۋە ھىجرىتىمىز ئاللاھنىڭ رىزالىقى ۋە رەسۇللاھنىڭ مۇھەببىتى تەرەپكە بولسۇن!  ئامىن!!!

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر