بەشىر جەمئىيىتى ئىدلىبقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

بەشىر جەمئىيىتى يېقىنقى كۈنلەردە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە يۈر بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

بەشىر جەمئىيىتى ئىدلىبقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەشىر جەمئىيىتى ئىدلىبتا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كىرىزىسقا قارشى تەييار ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. جەمئىيەتنىڭ  بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، رەيھانلى بىلەن كىلىستىكى كۈنىگە 200 مىڭ نان يېقىپ پىشۇرالايدىغان تونۇرلارنى، يەنە كىلىس بىلەن جەرابلۇستىكى 30 مىڭ كىشىگە يىمەك-ئىچمەك بېرەلەيدىغان ئاشخانىلىرى بىلەن ئىدلىبتە ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىمالى بولغان كۆچكە تەييار قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

بەشىر جەمئىيىتىنىڭ باش مۇدىرى فاتىھ سارىيار بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانلىق تىراگېدىيەسى، بىزنى چوڭقۇر قايغۇغا سالماقتا. بەشىر جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن تارتىپلا ئۇرۇشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىگۇناھ سۈرىيەلىك قېرىنداشلىرىمىزغا ئىزچىل ياردەم قىلىۋاتىمىز. رايوندا پەرەز قىلىنىۋاتقان كۆچ دولقۇنى تەسىرىدە بىخەتەر جايلاردا پاناھلانماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن زۆرۈر ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى قىلىشقا تەييارمىز.»

باياناتتا، جەمئىيەتنىڭ ئىدلىبنىڭ ئەرىھا ۋە ئەتارىپ رايونلىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىلىرىدا، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تازىلىق ۋە مەدەنىيەت بۇيۇملىرىنى تارقاتقانلىقى، ئىدلىب ئەتراپىدىكى لاگېرلاردا ھەر كۈنى 30 مىڭ نان ۋە ئېھتىياجقا ئاساسەن يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، ئەدىيال، ئىچىملىك سۇ ۋە يېقىلغۇ ياردەملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، ب د ت دوكلاتلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە، يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىدلىب ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ 3.5 مىليون كىشىنى مۇساپىرغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ تەخمىن قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر