قىرغىزىستاندا خەلقئارا ئېتنو مەدەنىيە فېستىۋالى باشلاندى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەئېنبېكوۋنىڭ قوللىشى ئاستىدا 2-سېنتەبىر مۇراسىم بىلەن باشلانغان «3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى» ئىچىدىن ئورۇن ئالغان خەلقئارا ئېتنو مەدەنىيەت فېستىۋالى باشلاندى.

etno kultur festivali1.jpg
etno kultur festivali2.jpg
etno kultur festivali3.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسسىق كۆل رايونىنىڭ بوستەرى يېزىسىدىكى نوماد ئامفى تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن فېستىۋالنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەدكالى ئابىلغازىيېۋ قاتناشتى.

ئۇ يىلتىزى كۆچمەن چارۋىچىلىققا تۇتىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئېتنو مىراسلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا ئېتنو مەدەنىيەت فېستىۋالىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى ۋە مۇنداق دېدى:

«خەلقئارا ئېتنو مەدەنىيەت فېستىۋالى 3-نۆۋەتلىك ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ بىر تۈۋرۈكىدۇر. مۇسابىقىلەر سايىسىدا يەر شارىلىشىۋاتقان بۇ دەۋىردە، ئېتنو-مەدەنىيەتلەرنىڭ، دۇنيادىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەر ۋە ئېتنوگرافلىرىنىڭ خەلقئارا سەۋىيەدە تەرەققىي قىلىشىنى، ئومۇملىشىشىنى ۋە تونىتىلىشىنى مەقسەت قىلىمىز.»

ئۇ يۇقىرى تېخنىكا ۋە دۇنياۋى ئىلمىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كۈنىمىزدە، مەدەنىيەتلەرنىڭ بىباھالىقىنى قوغداشقا مەجبۇر ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە، قىرغىزىستاندا ئىككى كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ، دۇنيادا 2018-يىلدىكى ئەڭ مۇھىم مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مۇنداق دېدى:

«تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە، جەنۇبىي ئامېرىكالىقلار، ۋىكىڭلار، موڭغۇللار، خىتايلار، ئەرەبلەر، ياپونلار ۋە تۈرك تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. بۇ مۇسابىقىلەرنىڭ ماناس داستانىنىڭ مەرت قەھرىمانى ۋە دۇنياغا داڭلىق يازغۇچى چىڭگىز ئايتماتوۋنىڭ يۇرتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشالمىز. مېھمانلارنىڭ قىرغىز خەلقى بىلەن تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلىشىشىنى، بۇ يەرنىڭ بۇزۇلمىغان تەبىئىي مەنزىرەسى ۋە ئىسسىق كۆل بىلەن پەيدا بولىدىغان ئەڭ ياخشى خاتىرىلىرىنى مەملىكەتلىرىگە ئاپىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ سايىسىدا، قىرغىزىستان خەلقىنىڭ، تۇپراقلىرىنىڭ، تەبىئي مۇھىتىنىڭ، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ دۇنياغا تونىلىشى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى مۇھەممەدكالى ئابىلغازىيېۋنىڭ سۆزىدىن كېيىن، خەلق سەنئەتچىلىرى قەدىمكى تۈرك سازلىرىنىڭ تەڭكەش قىلىشىدا نومۇر كۆرسەتتى.

ئۈچ كۈن بويىچە ھەر كۈنى كەچتە نوماد ئانفى تىياتىرىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان فېستىۋالدا 350 يەرلىك ۋە چەت ئەللىك سەنئەتچى «ئېتنو ئۇسسۇل»، «ئېتنو مودېل»، «ئېتنو بازار»، «ئېتنو ئۆي» ۋە «ھېكايە، رىۋايەت سۆزلەش» قاتارلىق پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى، قىرغىزىستان  GSM شىركىتى، كانادانىڭ سېنتېررا كانچىلىق شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى ۋە تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت (TRT) ئورتاق بولغان بۇ قېتىمقى 3-نۆۋەتلىك دۇنيا ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرى بولدى. تۈرك ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقىمۇ بۇ مۇسابىقىلەرگە ياردەم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر