قىزغىزىستان «ئەنئەنىۋىي مىللەتلەر شەھىرى» قۇرۇلدى

قىزغىزىستاندا تۈنۈگۈن باشلانغان 3 – نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەن خەلقلەر ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى دائىرىسىدەۆ «ئەنئەنىۋىي مىللەتلەر شەھىرى» قۇرۇلدى.

1042751
قىزغىزىستان «ئەنئەنىۋىي مىللەتلەر شەھىرى» قۇرۇلدى
gocebe oyunlari.jpg
gocebe oyunlari kirgizistan.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىزغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەنبېكوۋنىڭ ھىمايىسى بىلەن تۈنۈگۈن باشلانغان 3نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەن خەلقلەر ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرىنىڭ تەييارلىقلىرى دائىرىسىدە قۇرۇلغان «ئەنئەنىۋىي مىللەتلەر شەھىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت ۋە ئانادولۇ ئاگېنتلىقى پائالىيەتنىڭ مېدىيا شېرىكى بولدى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەنبېكوۋ خەلقئارا كۆچمەن خەلقلەر ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان «ئەنئەنىۋىي مىللەتلەر شەھىرى»نىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى. 

ئېچىلىش مۇراسىمىدا سەنئەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان نۇرغۇن ساندا ئويۇن ئەترىتى نۇمۇر كۆرسەتتى. «كۈچمەن خەلقلەرنىڭ ئالتۇن دەۋرى» ناملىق تىياتىر ئارقىلىق قىزغىزلارنىڭ تارىخى ۋە كۆچمەنلىك دەۋرىدىكى ئەنئەنىلىرى سەھنىلەشتۈرۈلدى.

سورونباي جەنبېكوۋ كۆرسىتلىگەن ئويۇنلارنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ھازىرلىنىشىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن قىزغىزىستان خەلقىگە ۋە پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرۇغۇچىلارغا رەخمەت ئېيتتى.

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى سورونباي جەنبېكوۋ ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا كۆچمەن خەلقلەر ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرىنىڭ 3 - نۆۋەتلىكىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى بولسا، تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، ۋېنگىرىيە (ھونگېرىيە) باش مىنىستىرى ۋىكتور ئوربان، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قاراشلىق تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى پىرېزىدېنتى رۇستەم مىننىخانوۋنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سورونباي جەنبېكوۋ كۆچمەنلەر مەدەنىيىتىنىڭ پەلسەپىسىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارا كۆچمەن خەلقلەر ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرىنىڭ 4نۆۋەتلىكىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلىشىگە قارىتا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئالاھىدە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كېلەر نۆۋەتلىك خەلقئارا كۆچمەن خەلقلەر ئەنئەنىۋىي ئويۇنلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلۈش ھوقۇقىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان سورونباي جەنبېكوۋ، تۈركىيە خەلقىگە ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر