ئەنقەرەدە فېستىۋال كۈنلىرى باشلاندى

ئەنقەرە ۋىلايىتى ئەتىمەسگۇت ناھىيەسى تەرىپىدىن 15 – نۆۋەتلىك خەلقئارا ئانادولۇ كۈنلىرى مەدەنىيەت – سەنئەت فېستىۋالى باشلاندى.

ankara fesitval.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇدا 10 كۈن داۋاملىشىدىغان ۋە داڭلىق سەنئەتچىلەر كونسېرت بېرىدىغان فېستىۋالدا، ئانادولۇ ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۆرپ – ئادەتلىرى ھەم ئەنئەنىلىرى تونۇشتۇرۇلىدىكەن. فېستىۋالدا، مىللىي كىيىم – كېچەكلەردىن مىللىي تائاملارغىچە تۈرك مەدەنىيىتى كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇلىدىكەن. تەخمىنەن 1 مىليون كىشىنىڭ قاتنىشىشى كۈتۈلۈۋاتقان فېستىۋالغا كەلگەنلەر ئوخشىمىغان لەززەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر