تارىخىي ئارتۇقلۇق ھاممامى يۆتكەلدى

باتماننىڭ ھاسانكەيف ناھىيەسىدىكى 1500 توننا ئېغىرلىقتىكى ئارتۇقلۇ ھاممامى ھەسانكەيف يېڭى مەدەنىيەت باغچىسىدىكى ئورنىغا يۆتكەلدى.

تارىخىي ئارتۇقلۇق ھاممامى يۆتكەلدى
تارىخىي ئارتۇقلۇ ھاممامى يۆتكەلدى
تارىخىي ئارتۇقلۇ ھاممامى يۆتكەلدى

تارىخىي ئارتۇقلۇق ھاممامى يۆتكەلدى...

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باتمان ۋالىيسى ئاھمەت دەنىز، ئىلىسۇ سۇ ئامبىرى ۋە ھېدروئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى دائىرىسىدە يادىكارلىقلارنى يۆتكەش خىزمەتلىرىنىڭ دۇنياغا ئۈلگە بولىدىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تارىخىي يادىكارلىقلارنىڭ سۇ ئامبىرى كۆلىدىن چىقىرىلىشىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ چوڭلۇقىنىڭمۇ ئالامىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

540 يېشىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيا مىقياسىدا بىر پۈتۈن ھالەتتە يۆتكەلگەن ئەڭ قەدىمىي تارىخىي يادىكارلىق ھېسابلىنىدىغان 1200 توننا ئېغىرلىقتىكى زەينەل بەي قەبرىسى 2017 – يىلى 12 – مايدا يېڭى ئورنىغا يۆتكەلگەنىدى. ئەمدىلىكتە بولسا، 1200 – يىللاردا سېلىنغان 1500 توننا ئېغىرلىقتىكى ئارتۇقلۇ ھاممامى يېڭى ئورنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يۆتكەلدى.

يۆتكەش خىزمەتلىرى 6 سائەت 40 مىنۇتتا تاماملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر