ئىستانبۇلدا «بىلىم مەركىزى» قۇرۇلىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى خەلىج كېمىسازلىق زاۋۇتىدا «بىلىم مەركىزى» قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

993289
ئىستانبۇلدا «بىلىم مەركىزى» قۇرۇلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئىستانبۇلدىكى خەلىج رايونىدا <بىلىم مەركىزى> قۇرىمىز، ئىنسان ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىرىپ تېخىمۇ بېيىتىشنى نىشان قىلىدىغان <بىلىم مەركىزى> يىلىغا 2 مىليون زىيارەتچىنى قوبۇل قىلىدۇ، مەركەز بىلىم ساھەسىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.»

8 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ساھەگە قۇرۇلىدىغان  ۋە 100 مىليون لىرا مەبلەغ سېلىنىدىغان لايىھە قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچ يىلدا پۈتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «بىلىم مەركىزى» نىڭ خەلقئارالىق تېخنولوگىيە مەركىزى، دىگىتال كەسپىي كۇتۇبخانا، يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، بىلىم ئاشۇرۇش پىروگراممىلىرى، قىسقا كۇرس ۋە ئىلىم - پەن كۆرگەزمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، لايىھەنىڭ دەرسلىك قىسمىدا، «دىگىتاللىشىش ۋە سۈنئىي ھەقىقەت»، « سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار»، «دېڭىزچىلىق ۋە كېمىسازلىق ئىشلىرى»، «پەن تارىخشۇناسلىقى»، لايىھەنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسلىرى قىسمىدا بولسا، «پىروگرامما لايىھەلەش كۇرسلىرى»، «ئىلىم - پەن كۆرگەزمىلىرى» ۋە « STEAM كۇرسلىرى» نىڭ بولۇشى پىلانلانماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر