بۈگۈن قەدىر كېچىسى

ئىسلام دىنىدا مىڭ ئايدىنمۇ خەيرلىك، دەپ قارىلىدىغان قەدىر كېچىسى، رامىزان ئېيىنىڭ 27 – كېچىسى بولغان بۈگۈندۇر.

بۈگۈن قەدىر كېچىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنىشقا باشلىغان قەدىر كېچىسى، «ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان ۋە تەۋبىلەر قوبۇل قىلىنىدىغان مۇبارەك كېچە» بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە نامى زىكىر قىلىنغان بىردىنبىر كېچە ھېسابلىنىدۇ.

قۇرئان كەرىمدىكى قەدىر سۈرىسىدە بۇ كېچە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق. شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن (زېمىنغا) چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر.»

دىنىي ئىشلار باشقارمىسى دىن خىزمەتلىرى باش ئىدارىسى، قەدىر كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ.

دەنىزلى پامۇققەلئە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئەھمەت خۇلۇسى ئەپەندى جامەسى، ئەنقەرەدىكى بەشتەپە مىللەت جامەسى، ئىستانبۇلدىكى جەننەت مەھەللىسى ياۋۇز سۇلتان سەلىم، فاتىھ، تاشئولۇق يېشىل جامەلىرى ۋە كونيادىكى سۇلتان سەلىم جامەسىدە ئۆتكۈزلىدىغان مەخسۇس پائالىيەتلەردە قۇرئان كەرىم ۋە مەۋلۇت ئوقۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر