قۇددۇس نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

ئەرەبچە "ئەل قۇددۇس" ئىبرانىيچە "يېرۇسالىم" دەپ ئاتىلىدىغان قۇددۇس، دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمكى شەھەرلەرنىڭ بىرى. ئىسلامىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلەسى بولغان.

قۇددۇس نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەم ساماۋى دىنلارنىڭ بۆشۈكى ھەم ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا ئارىسىدىكى ئەڭ كەڭ دەرۋازىلارنىڭ بىرسى بولغان قۇددۇس شەھىرى، شەرقىي ئاقدېڭىزغا تۇتىشىدىغان دەرۋازا بولۇشى سەۋەبلىك مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 800 مىڭ نوپۇسلۇق شەھەر بۇ سەۋەبتىن ھەم پەلەستىن ھەمدە ئىسىرائىلىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلامىيەتنىڭ كەڭ تارقىلىشىدا مۇھىم نۇقتا بولغان قۇددۇستىن مىراجقا چىققان بولۇپ، مەسجىدى ئەقسا بۇ يەرگە سېلىنغان. مەسجىدى ئەقسا بىلەن قۇببەتۇس سەھرا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ شەھەردىكى سىمۋوللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قۇددۇس ھەزرىتى خەلىپە ئۆمەر زامانىدا پەتھى قىلىنغان. ئىسلام ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا، يەھۇدىي ۋە خىرىستىيان دىنلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنچىلىك قىممەتلىك كۆرۈلىدىغان بەزى قۇرۇلۇشلارنىڭ تاشلىرىمۇ بۇ شەھەردە.

خىرىستىيانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ يەردە كىرىستقا مىخلانغانلىقى، بۇ ھەشەرنىڭ ھەج نۇقتىسى بولۇپ قوبۇل قىلىنىشىغا سەۋەب بولغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 10-ئەسىردە داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈشى، قۇددۇسنى يەھۇدىيلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلغان.

قۇددۇس شەھىرى 400 يىل ئوسمانلىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان. شەھەر ئەتراپىدىكى تاملار قانۇنى سۇلتان سۇلايمان تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان. بۇ تاملار ھازىر كونا شەھەردە بولۇپ، ئەرمەن گىئورگويانلىرى، خىرىستىيانلار، يەھۇدىيلار ۋە مۇسۇلمانلار مەھەللىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرىدۇ. كونا شەھەر قىسمى مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدە بولۇپ، تارىخ بويىچە نۇرغۇنلىغان مۇقەددەس قۇرۇلۇشلارغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن كۆپ قېتىم ئۇرۇشلارغا سەۋەب بولغان. بىر قانچە قېتىم يىقىلىپ، قايتىدىن بىنا قىلىنغان قۇددۇس شەھىرى، 1517-يىلدىن 1917-يىللىرىغىچە ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئىدى.

قۇددۇس شەھىرى 1917-يىلى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ  ئىگىلىك ھوقۇقى تەۋەلىكىدىن چىققاندىن بۇيان تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرمەكتە. 1967-يىلى شەرقىي قۇددۇسنى ئىشغال قىلغان ئىسىرائىلىيە، يېرىم ئەسىردىن بېرى بۇ يەرنى يەھۇدىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن  كۆپ كۈچ چىقارماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر