ت ر ت 23-ئاپرېل خەلقئارا بالىلار بايرىمى بۇرسادا باشلاندى

بۇ يىل (2018) بۇرسادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ت ر ت خەلقئارا 23-ئاپرېل بالىلار بايرىمى» دائىرەسىدە «فوتوگرافلار بىلەن 40 يىل» كۆرگەزمىسىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ.

ت ر ت 23-ئاپرېل خەلقئارا بالىلار بايرىمى بۇرسادا باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇرسا تاييارە مەدەنىيەت مەركىزىدە ئىستىقلال مارشىنىڭ ئوقۇلۇشىدىن كېيىن «23-ئاپرېل بالىلار بايرىمى» ئۈچۈن تەييارلانغان تورت كېسىلدى. بۇرسا ۋالىيسى ئىززەتتىن كىچىك ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى. ئۇ بۇرسا خەلقىنىڭ 10 كۈن بويىچە تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن بالىلارنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ 23-ئاپرېل بايرىمىنىڭ بۇرسادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«دۇنيانىڭ ئوماق بالىلىرى سىلەرنى بۇ يەردە كۈتۈدىغانلىقىمىزدىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز. سىلەرنى بۇرسادا كۈتۈۋېلىشتىن قانچىلىك خۇشاللىق ۋە سۆيۈنۈش ھېس قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەشكە سۆز يەتمەيدۇ. سىلەرنىڭ كەلگىنىڭلاردىن تولىمۇ پەخىرلەندۇق، بۇرسادا 10 كۈن تۇرۇپ، بىر-بىرىدىن قىزىقارلىق خەلق سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرۈسىلەر، 10 كۈن بويىچە بۇ شەھەرگە سۆيگۈ-خۇشاللىق بېغىشلايسىلەر. بۇرسا خەلقى سىلەرگە كەڭ قۇچاق ئېچىپ، باغرىغا باسىدۇ.»

ۋالىي ئىززەتتىن كىچىكنىڭ نۇتقى ئاخىرشقاندىن كېيىن «فوتوگرافلار بىلەن 40 يىل» كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر