فىرانسىيەدە ئافرىن شېھىتلىرى خاتىرىلەندى

فىرانسىيەنىڭ مۇلخوۋس شەھىرىدە سىياسىي كۆز قاراشلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان يەتتە جەمئىيەت، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» دە شېھىت بولغان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنى خاتىرىلىدى.

فىرانسىيەدە ئافرىن شېھىتلىرى خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا تۈرك دېموكراتلار بىرلەشمىسى (UETD)، دىيانەت ئىشلىرى تۈرك ئىسلام بىرلەشمىسى (DİTİB)، باراۋەرلىك ۋە ئادالەت كېڭىشى (COJEP) تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ مۇلخوۋس، گىيۇبۋىللېر، سان، سائىنت لۇيىس قاتارلىق شەھەرلەردىكى شۆبىلىرى ئافرىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن پائالىيەت ئۆتكۈزدى.

پائالىيەتتە، ئالدى بىلەن، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى ۋە شېھىتلەرگە ئاتاپ دۇئا قىلىندى.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ھالىس دالكىلىچ تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى بارلىق زالىملارغا قارشى چىققان بىر ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«بارلىق مەزلۇم خەلقلەرگە قۇچاق ئاچقان بىر مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىمىز. دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئەزاسى ئويغاندى ۋە نېمىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىمىز، ئافرىندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش ھەممىمىزنىڭ بوينىمىزنىڭ قەرزى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر