سەئۇدى ئەرەبىستان كىنوخانا چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، 35 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقان كىنوخانا چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان كىنوخانا چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، «35 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم كىنوخانىلارنىڭ سودا مەقسەتلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ» غانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي كىنوخانىلارغا ئىجازەتنامە بېرىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان مەدەنىيەت ۋە ئاخبارات ئىشلىرى مىنىستىرى ئەۋۋاد ئەلئەۋۋاد، «بۇ، مەدەنىيەت ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. كىنوخانىلارنى ئېچىش ئىقتىسادىي ئېشىش ۋە ئىقتىسادنى كۆپ خىللاشتۇرۇشتا كاتالىزاتورلۇق رولىنى ئوينايدۇ» دېدى.

قارارنىڭ، تەخت ۋارىسى شاھزادە سەلمان ئوتتۇرىغا قويغان «2030 – يىللىق تەرەققىيات نىشانى» ناملىق ئىسلاھات پىلانى دائىرىسىدە چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان «مۆتىدىل ئىسلامغا ئۆتىمىز» دېگەن سۆزلىرى بىلەن غۇلغۇلا قوزغىغان تەخت ۋارىسى شاھزادە سەلمان، دۆلىتىدە ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشىنى مەنئى قىلىدىغان چەكلىمىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، 2018 – يىلىدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى باشلىشى كۈتۈلۈۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستاندا، كىنوخانىلار 2018 – يىلى مارت ئېيىدا ئېچىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر