ھەج قىلماقچى بولغان 31 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان

ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مۇقەددەس زېمىنلارغا يېتىپ بارغان 31 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

789165
ھەج قىلماقچى بولغان 31 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن چەت دۆلەتلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغان بەزى كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. سەئۇدى ئەرەبىستان «SPA» ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پاسپورت ئىشلىرى ئىدارىسى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن چەت دۆلەتلەردىن كەلگەن 31 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بىراق، خەۋەردە ھاجىملارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن.

پاسپورت ئىشلىرى ئىدارىسى بۇ يىل (2017) ھەج پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەردىن تەخمىنەن 614 مىڭ ھاجىمنىڭ ھاۋا يولى، 8 مىڭ ھاجىمنىڭ قۇرۇقلۇق يولى ۋە 487 ھاجىمنىڭ دېڭىز يولى ئارقىلىق مۇقەددەس زېمىنلارغا يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېلان قىلغان رەسمىي رەقەملەردە كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى تەخمىنەن 1.9 مىليون ئادەم مۇقەددەس زېمىنلارنى زىيارەت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر