خىتاي «ۋىننى زى پۇۋ» قونچاق فىلىمىنى چەكلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىننى زى پۇۋ» قونچاق فىلىمىنى چەكلەپ، قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكى ئېلان قىلىندى.

774257
خىتاي «ۋىننى زى پۇۋ» قونچاق فىلىمىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فاينىشېل تايمىس گېزىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىننى زى پۇۋ» قونچاق فىلىمىنى چەكلەپ، قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلدى. خەۋەردە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى «ۋىننى زى پۇۋ» غا ئوخشىتىپ سىزىلغان ھەجىۋىي رەسىملەر توغرىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنىڭ سەۋەب بولۇش مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خىتايدا، بۇ ھەقتىكى تېمىلار ناھايىتى «سەزگۈر» مەسىلىلەر قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنماقتا.

خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبىرى ھېسابلىنىدىغان سىنا ۋېيبو تورى «ئېيىق» ئىسمىدا ھەمبەھىرلەنگەن ئۇچۇرلارنى چەكلىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۈندىدار (WeChat) دىمۇ ئېيىقنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرى ئۆچۈرۈۋېتىلدى.

شى جىنپىڭ بىلەن «ۋىننى زى پۇۋ» ئوبرازىنى سېلىشتۇرۇش، 2013-يىلى سابىق پىرېزىدېنت ئوباما بىلەن شى جىنپىڭ كۆرۈشكەندە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر