90 مىڭ جامەدە سەلاۋات ئوقۇلدى

خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى قىلىنغان كۈرەشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان «سەلاۋاتلار»، بۇ كېچە تۈركىيە مىقياسىدىكى 90 مىڭ جامەدە قايتىدىن ئوقۇلدى.

90 مىڭ جامەدە سەلاۋات ئوقۇلدى
90 مىڭ جامەدە سەلاۋات ئوقۇلدى
90 مىڭ جامەدە سەلاۋات ئوقۇلدى

90 مىڭ جامەدە سەلاۋات ئوقۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە قارشى قىلىنغان كۈرەشنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان «سەلاۋاتلار» بۇ كېچە تۈركىيە مىقياسىدىكى 90 مىڭ جامەدە قايتىدىن ئوقۇلدى.

دىنىي ئىشلار باشقارمىسىنىڭ «ئەزانلارنى جىمىقتۇرغان ھەربىي ئىسيانلاردىن ھەربىي ئىسيانلارنى جىمىقتۇرغان سەلاۋاتلارغا» دېگەن شوئار ئاستىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پىروگراممىسى دائىرىسىدە، خائىن ھەربىي ئىسياندا مىللەتنىڭ خىيانەتكە قارشى بىرلىك روھىنى ئويغىتىش ۋە مەنىۋى كۈچ بېغىشلاش مەقسىتىدە ئوقۇلغان سەلاۋاتلار، بۇ كېچە تۈركىيە مىقياسىدىكى 90 مىڭ جامەدە قايتىدىن ئوقۇلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ كېچە جامە ۋە مۇنارلارنىڭ چىراقلىرى ئەتىگەنگىچە ئۆچۈرۈلمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر