«ئەردوغان مەرھۇم ئىززەتبېگوۋىچقا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى»

ئارخىپ-ھۆججەتلەر ئىشلىرى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئادامىر جېركوۋىچ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەرھۇم ئىززەتبېگوۋىچقا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئەردوغان مەرھۇم ئىززەتبېگوۋىچقا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇردى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ئارخىپ-ھۆججەتلەر ئىشلىرى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور ئادامىر جېركوۋىچ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەرھۇم ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچقا بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنانى مۇھاپىزەت  قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

سىرېبېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ 22-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بالىكەسىر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «سىرېبرېنتسا دوزىخى»ناملىق بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا فېدراتسىيەسى ئارخىپ-ھۆججەتلەر رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان جېركوۋىچ، مۇراسىمدا سۆز قىلىپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ  ئەينى ۋاقىتتا ئالىيا ئىززەتبېگوۋىچنى دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقاندا يوقلىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئىززەتبېگوۋىچنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاندىن بىر ئىش توغرۇلۇق ئۆزىگە ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان جېركوىچ مۇنداق دېدى: «ئىززەتبېگوۋىچ ئەردوغانغا بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا نى مۇھاپىزەت قىلغىن، بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا كىچىك دۆلەتتۇر لېكىن ياخشى ئىنسانلارنىڭ مەملىكىتىدۇر، دېگەن ۋە  ئەردوغاندىن بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا نى مۇھاپىزەت قىلىش توغرۇلۇق ۋەدە بېرىشنى تەلەپ قىلغان.بۈگۈنكى پائالىيەتلەر ئەردوغاننىڭ ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىززەتبېگوۋىچقا بەرگەن ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرماقتا.»

جېركوۋىچ بالىكەسىر چاغداش سەنئەت مۇزېيدە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزمىگىمۇ خەلقنى تەكلىپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر