بېشىغا كۈن چۈشكەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ

داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ.

754527
بېشىغا كۈن چۈشكەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: نىسا سۈرىسى، 13 – 18 - ئايەتلەر. ئەنە شۇلار (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئەمەل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلەپ بەرگەن يۇقىرىدىكى ئەھكاملار) ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىدۇر، كىمكى ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، ئۇ ئۇ يەرلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. بۇ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتۇر[13]. كىمكى ئاللاھقا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، ئاللاھنىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، ئاللاھ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ[14]. ئاياللىرىڭلاردىن پاھىشە قىلغانلارنى (ئىسپاتلاش ئۈچۈن) ئاراڭلاردىن تۆت گۇۋاھچى كەلتۈرۈڭلار؛ ئەگەر ئۇلار گۇۋاھلىق بەرسە (يەنى ئۇلار گۇۋاھلىق بېرىپ ئايالنىڭ جىنايىتىنى ئىسپاتلىسا)، تاكى ئاياللىرىڭلار ۋاپات بولغانغا ياكى ئاللاھ ئۇلارغا بىر چىقىش يولى بەرگەنگە قەدەر ئۇلارنى ئۆيدە تۇتۇڭلار[15]. ئاراڭلاردا ئىككى كىشى (يەنى ئەر بىلەن ئايال) پاھىشە قىلسا، ئۇلارنى ئەيىبلەڭلار؛ ئەگەر ئۇلار تەۋبە قىلىپ تۈزەلسە، ئۇلارنى كەچۈرۈڭلار، ئاللاھ تەۋبىنى بەكمۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر، تولىمۇ مېھرىباندۇر[16]. ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي (يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[17]. داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى (يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق[18].

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر