ئامېرىكا بېيون شەھىرى مۇسۇلمانلىرىنىڭ جامە تەلىپى رەت قىلىندى
ئامېرىكىنىڭ نىيۇ جېرسىي ئىشتاتىدىكى بېيون شەھىرىدە جامە سېلىش تەلىپى رەت قىلىنغان مۇسۇلمانلار، دىنىي ئايرىمىچىلىققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ سوتقا ئەرز قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېيون مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىشلىتىلمەي تاشلاپ قويۇلغان بىر ئىسكىلاتنى جامەگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلغان ئىلتىماسى، شەھەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش مەسىلىسى ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلىندى. مۇسۇلمانلار جامائىتى بۇنىڭغا قارىتا، شەھەردىكى35 چېركاۋ ۋە باشقا ئىبادەتخانىلارنىڭ كۆپىنچىسىدە ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ يوقلۇقىنى ۋە بۇنىڭدىن بۇرۇن ئىبادەتخانا ئۈچۈن سۇنۇلغان ئوخشاش ئىلتماسلارنىڭ تەستىقلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، دىنىي ئايرىمىچىلىق قىلىشقا ئۇچرىغانلىقلىرى سەۋەبىدىن سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلدى.
بېيون مۇسۇلمانلىرى جامائىتىنىڭ ئاقساقىلى ئابدۇل ھامىد بۇت جامەگە توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن يالغاندىن ياساپ چىقىان قۇرۇلۇش مەسىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا ئېتىلغانلىقىنى، بىراق جامە لايىھەسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.