مېدىيا ئوسكارلىرى مۇكاپاتى مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

«دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» دا باش رول ئالغان ئەنگىن ئالتان دۈزياتان ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىست مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

720628
مېدىيا ئوسكارلىرى مۇكاپاتى مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋە ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ 2016 – يىللىق ئەنئەنىۋى مېدىيا ئوسكارلىرى مۇكاپاتى مۇراسىمى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلدى.

مۇكاپاتلاش مۇراسىمىغا باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ ئىشتىراك قىلدى.

بىنالى يىلدىرىم قىلغان سۆزىدە دوموكراتىيەنىڭ قەتئىي ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان ۋاستىسى مېدىيا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇراسىمدا مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇش مېدىيانىڭ خەلق ئاممىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە توختالدى.

نۇمان قۇرتۇلمۇش فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 15 - ئىيۇلدىكى قانلىق ئىسيان چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىشىدا مېدىيانىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن ئىپتىخارلانغانلىقىنى ئېيتتى.

مۇراسىمدا تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى «ت ر ت» نىڭ كۆرۈرمەن رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە باش رول ئالغان ئەنگىن ئالتان دۈزياتانغا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر ئارتىست مۇكاپاتى بېرىلدى.

رادىيو – تېلۋېزىيە ئالاھىدە مۇكاپاتىغا بولسا، ئىنگىلىزچە تارقىتىش بېرىۋاتقان «TRT World»  لايىق كۆرۈلدى.

مۇكاپاتنى ت ر ت مۇئاۋىن مۇدىرى ئەركان دۇردۇ  مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ قولىدىن تاپشۇرۇپ ئالدى.

ئەڭ ياخشى رادىيو مۇكاپاتىغا ت ر ت ئەنقەرە رادىيوسى لايىق كۆرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر